قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپ
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق 1ئوتتۇرا مەكتەپقىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئۈلگىلىك ئوتتۇرا مەكتەپ، ئۇ ئەسلى ئاتۇش ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ بولۇپ، بىر ئۇيغۇر تىلى دا دەرس ئۆتۈلىدىغان مۇكەممەل ئوتتۇرا مەكتەپ. بۇ مەكتەپ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تەرىپىدىن ئۈلگىلىك ئوتتۇرا مەكتەپ، ئوتتۇرا مەكتەپ يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتىنى سىناق قىلىش نوقتىسى دەپ نام بېرىلگەن.
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق 1ئوتتۇرا مەكتەپقىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ھازىر ئىككى مەكتەپ رايونى بار بولۇپ، كونا مەكتەپ رايونى ئاتۇش شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 6 مىڭ كۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى 9632 كۋادرات مېتىر. زامانىۋى ئوقۇتۇش بىناسى، ئۇنىۋېرسال بىناسى سېلىنغان، جەنۇبىي شىنجاڭ بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مەكتەپلەردە بار بولغان بىيو خىمىيەلىك، فىزىكىلىق تەجرىبە ئۈسكۈنىسى بار، يېڭى مەكتەپ رايونىنىڭ ئىگىلىگەن يەر مەيدانى 120 مو ئاۋات قايناق بازارغا يىراق، قۇرۇلۇش كۆلىمى 16680.45 كۋادرات مېتىر، ئالتە قەۋەتلىك زامانىۋى ئوقۇتۇش بىناسى ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەن. ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى ئىلغار، مۇھىتى گۈزەل يېڭى مەكتەپ رايونى بولسا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش، خىزمىتىنىڭ ياخشى سورۇنى.
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپ 2010-يىلدىن كېيىن، يېڭى مەكتەپ رايۇنىدىكى ئوقۇغۇچى سانى 4000 نەپەرگە، كونا ئوقۇغۇچى سانى 1800 نەپەرگە يەتكەن.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.