جۇۋاز
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
جۇۋازبىر مېتىر ئېگىزلىكتىكى قۇچاق يەتمەيدىغان كۆتەك ئۆي ئوتتۇرىسىغا ئورنىتىلىدۇ. كۆتەككە ئۈستى كەڭ، ئاستى تار شەكىلدە ئويۇق ئۇيۇلۇپ، ئاستىغا ئامۇت ياكى ئالما ياغىچىدىن ئېغىزى كىچىك، قورسىقى يوغان ئويۇلغان باچكا قويۇلىدۇ. كۆتەكنىڭ ئاستىنقى تەرىپى ئويۇلغان بولۇپ، بۇ قاپاق (ماي قاچىسى) قويۇلىدىغان ئورۇن بولىدۇ. مۇشۇنداق ئورۇنلاشتۇرغان كۆتەك گۇندا دەپ ئاتىلىدۇ. ئاچا شەكىلدە ئۆسكەن قارىغاي ياغىچىدىن قايچا ياسىلىپ، گۇندىغا تىرەپ قويۇلىدۇ. ئاچىنىڭ كۆتەك تەرىپى ياپىلاق قىلىنىپ، ئوتتۇرىسىغا ئويۇق ئويۇلۇپ، ئويۇققا قىلچاڭ دەپ ئاتىلىدىغان ياغاچ تىك بېكىتىلىپ، ئۇنىڭ ئۇچىغا چۈلۈك ياغاچ ئويمىنى يىپ بىلەن تېڭىلىدۇ. ئاندىن ئوق ياغاچنىڭ بىر ئۇچى گۇندىدىكى باچكىغا، يۇقىرىقى ئۇچى پوتلا ياغاچقا تېڭىلغان ياغاچ ئويما بۆلەك ئىچىگە كىرگۈزۈپ قويۇلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تىك تۇرغان ئوق ياغاچ قايچا (ئاچا) ياغاچنى كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. گۇندىنى ئارىغا ئېلىپ تۇرغان قايچا ئاچىسىنىڭ تاشقى تەرىپىگە بويۇنتۇرۇق بېكىتىلىپ، بۇنىڭغا ئۇلاغ قوشۇلىدۇ.
ياغ چۈشىدىغان قاپاققا ياغلىق دان چۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، جۇۋازدىكى ئۇلاغنى ھەيدەشتىن بۇرۇن قايچا ياغاچنىڭ كۆتەك تەرىپىگە تاش ئېلىپ قويۇلىدۇ. تاشنىڭ ئېغىرلىقى بىلەن تىك تۇرغان ئوقتا بەش گرادۇسلۇق يانتۇلۇق ھاسىل قىلىنىدۇ. ئۇلاغ ھەيدەلگەندە جۇۋازچى چىگىنى ئوق ئاستىغا ئىتتىرىدۇ، ئوق تاشنىڭ ئېغىرلىقى بېسىم بىلەن چىگىتنى يانجىيدۇ. چىگىت كۈنجۈرگە ئايلانغاندا ياغلىق دان سېلىنىدۇ. جۇۋاز ئۆز ئوقىدا ئايلىنىدۇ. ئوق ئاستىدا دان يانجىلىدۇ. دان يانجىلىپ بولغاندا چىغ بېسىلىدۇ. چىغنىڭ يانجىلىش بېسىمى ئارقىلىق ياغدانغا ياغ چۈشىدۇ.
جۇۋازنىڭ رەسمىي مەشغۇلاتى باشلانغاندا جۇۋاز ئوقىنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، جۇۋاز تارتقۇسى بېكىتىلگەن ئورۇنغا 200 كىلوگرام ئېغىرلىقتا قۇم تاغار ياكى تاش بېسىپ قويۇلىدۇ. جۇۋاز ھەيدەلگەندە گۇندا قىسمىدىن باشقا بۆلەكلىرى تەڭ ھەرىكەتلىنىدۇ. جۇۋازچى پاكىز ئادالىنىپ، ئىلمان سۇ بىلەن نەمدەلگەن ئاپتاپپەرەس، قىچا، زاغۇن، زىغىر، كەندىر قاتارلىق ياغلىق زىرائەتلەرنى مۇۋاپىق مىقداردا باچكىغا تۆكۈپ، ئۇنى قولى بىلەن جۇۋاز ئوقىنىڭ ئەتراپىغا ئىتتىرىپ ئايلىنىپ ماڭىدۇ. ياغلىق دانلار باچكا ئىچىدە ئېزىلىپ، ئاجرىلىپ چىققان ياغ باچكىنىڭ ئاستىنقى قىسمىدىكى تۆشۈك ئارقىلىق گۇندىنىڭ قورساق قىسمىدىكى قاپقان ئىچىگە قويۇلغان ياغدانغا توختىماي تېمىپ چۈشۈشكە باشلايدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.