بەل ئومۇرتقا سۆڭەك ئۆسۈش

بەل ئومۇرتقا سۆڭەك ئۆسۈش

ھەرخىل سەۋەبلەردىن بەل ئومۇرتقا تىنى ئۆسۇپ، ئومۇرتقا ئارلىق نىرۋىلىرى ۋە قان تۇمۇرلىرى بېسىمغا ئۇچىراپ، كىلنىكىدا بەل ساھەسى  تېلىپ ئاغرىش، بېسلىش سىزىمى بۇلۇش، ھەركىتى مەلۇم دەرىجىدە چەكلىمىگە ئۇچىراش، پۇتلارنىڭ سىزىمى سۇس بۇلۇش، ئۇيۇشۇش، پۇتىنى كۆتۈرۈش سىنىقى ئىشلىگەندە تارتىشقاندەك ئاغرىش سىزىمى بۇلۇش، ئېغىر بولغۇچىلاردا يىگلەش بىلەن ئىپادىلىنغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكدىن ئىبارەت.

ئۇيغۇرچە نامى بەل ئومۇرتقا سۆڭەك ئۆسۈش
ئاساسلىق ئالامىتى بەل ئاغرىش، ئۇيۇشۇپ قېلىش
تەۋە بۆلۈم تاشقى كېسەللىكلەر-سۆڭەك بۆلۈمى
كېسەللىك ئورنى بەل ئومۇرتقىسى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 腰椎骨质增生
كۆپ كۆرۈلىدىغانلار ئوتتۇرا ياشلىقلار، ياشانغانلار
يۇقۇملىنىشى يۇقۇملانمايدۇ
يۇقۇملىنىش يولى يۇقمايدۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بەل ئومۇرتقا سۆڭەك ئۆسۈشھەرخىل سەۋەبلەردىن بەل ئومۇرتقا تىنى ئۆسۇپ، ئومۇرتقا ئارلىق نىرۋىلىرى ۋە قان تۇمۇرلىرى بېسىمغا ئۇچىراپ، كىلنىكىدا بەل ساھەسى تېلىپ ئاغرىش، بېسلىش سىزىمى بۇلۇش، ھەركىتى مەلۇم دەرىجىدە چەكلىمىگە ئۇچىراش، پۇتلارنىڭ سىزىمى سۇس بۇلۇش، ئۇيۇشۇش، پۇتىنى كۆتۈرۈش سىنىقى ئىشلىگەندە تارتىشقاندەك ئاغرىش سىزىمى بۇلۇش، ئېغىر بولغۇچىلاردا يىگلەش بىلەن ئىپادىلىنغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكدىن ئىبارەت.

1) تىپىك كېسەللىك ئالامەتلىرىدىن بەل ساھاسى ئاغرىش، ھەركىتى قىيىنلىشىش، تۆۋەنكى مۆچە سىقىراپ ياكى يىپ تارتىپ ئاغرىش بۇلۇش.

2) سايىلاندۇرۇپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن.

 كېسەل باشلانغاندا بەل ساھاسى تىلىپ ئاغرىش كۆرۈلۈپ كېسەلنىڭ تەرەققى قىلشىغا ئەگىشىپ ئاغرىق تەدرىجى كۈچىيىپ تۆۋەنكى مۆچىلەرگە تارقىلىدۇ، ھەركىتى يىنىك دەرىجىدە قىيىنلىشىش بولىدۇ، تۆۋەنكى مۆچىلەر سىقىراپ ياكى يىپ تارتقاندەك ئاغرىش ئەھۋالى بۇ ۇپ ئېغىرلاشقاندا تۆۋەنكى مۆچىلەرنىڭ مۇسكۇلى يىگىلەش، سىزىمى توۋەنلەش، ھەركىتى ئېغىر دەرىجىدە توسقۇنلۇققا ئۇچراش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

دەرىجىگە بۆلۈنىشى

1. يىنىك دەرىجىدە: بەل ئاغرىش، ئاغرىق تۆۋەنكى مۆچىگە تارقالمايدۇ، سايىلاندۇرۇپ تەكشۈرگەندە ئومۇرتقا قىرىدا يىنىك دەرىجىدە ئۆسۈكچە كۆرۈنۈش.

2. ئۇتتۇرھال دەرىجە: بەل ئاغرىش، ھەركىتى قىيىنلىشىش، تۆۋەنكى مۆچىلەر سىقىراپ ئاغرىش بۇلۇپ، سايىلاندۇرۇپ تەكشۈرگەندە ئومۇرتقا قىرىدا نىسپەتەن چوڭ ئۆسۈكچە كۆرۈنۈش.

3. ئېغىر دەرىجىدە: بەل ئاغرىش، تۆۋەنكى مۆچە يىپ تارتقاندەك ئاغرىش، ئېغىر دەرىجىدە ھەركىتى قىيىنلشىش بۇلۇپ، سايىلاندۇرۇپ تەكشۈرگەندە ئومۇرتقا قىرىدا كۆرۈنەرلىك ئۆسۈكچە كۆرۈنۈش.

1. روھى جەھەتتە كېسەلدىن ساقىيىشقا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، قائىدىلىك پەرۋىش ۋە پەرھىزى ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ.

2. قايسى خىل غەيرى تەبىئى خىلىتتىن كىلىپ چىققان بولسا شۇخىل غەيرى تەبىئى خىلىتنىڭ مۇنزىچ–مۇسھىلى بىرىلىپ بەدەن تەنقىيە قىلىنىدۇ.

3. ياللۇغ قايتۇرۇپ ئاغرىق توختاتقۇچى، قان ئايلىنىش پائالىيىتىنى جانلاندۇرۇپ، ماددا ئالمىشىش خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى دورىلار ئىچى–سىرتىدىن ئىشلىتىلىدۇ.

5. فىزىكىلق داۋالاش يەنىي بەلدىن ئىسىش، ئۇۋلاش، يىڭنە سانچىش، لوڭقا قويۇش، يىڭنە سانچىش قاتارلىقلار بىمارنىڭ ئەمىلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن مۇۋاپىق ئېلىپ بېرىلىدۇ.

6. رەئىس ئەزالار ۋە ئۇمۇمى بەدەننى قۇۋەتلەپ، بەدەننىڭ تەبىئەت كۈچىنى يۇقىرى ئاشۇرغۇچى دورىلار بىرىلىدۇ.

1. بەلغەم خىلتىنىڭ غەيرى تەبىي ئوزگىرىشىدىن كىلىپ چىققان بولسا خالىس بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلاردىن سۈرۈنجان، يەرلىك شوخلا، چۆبىچىن قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ شەربەت تەييارلاپ، بىر كۇندە ئۈچ قىتىم، تاماقتىن كىيىن، ھەرقىتىمدا 80-100 مىللىتىردىن ئىستىمال قىلدۇرلىدۇ، ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار بەلگىلەر كۆرۈلگەندىن كىيىن يۇقارقى مۇنزىچ دورىسىغا خالىس بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىسىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ  بىر كۇندە ئىككى قىتىم، تاماقتىن كىيىن، ھەرقېتىمدا 50-100 مىللىتىردىن ئىستىمال قىلدۇرۇپ بەدەن تەنقىيە قىلىنىدۇ.

2. سەۋادا خىلتىنىڭ غەيرى تەبىي ئوزگىرشىدىن كىلىپ چىققان بولسا خالىس سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلاردىن سۆرۈنجان، يەرلىك شوخلا، چۆبىچىن، ئاقلەيلى ئۇرۇقى قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ شەربەت تەييارلاپ  كۇندە ئۈچ قىتىم، تاماقتىن كىيىن،  ھەرقىتىمدا 80-100 مىللىتىردىن ئىستىمال قىلدۇرلىدۇ، ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار بەلگىلەر كۆرۈلگەندىن كىيىن يۇقارقى مۇنزىچ دورىسىغا خالىس سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىسىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، بىر كۈندە ئىككى قىتىم، تاماقتىن كىيىن، ھەرقىتىمدا 50-100 مىللىتىردىن  ئىستىمال قىلدۇرۇپ بەدەن تەنقىيە قىلىنىدۇ.

3. بەلغەم بىلەن سەۋدا خىلتىنىڭ غەيرى تەبىي ئوزگىرشىدىن كىلىپ چىققان بولسا موزا تەملىك بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچ دورىسىغا ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلاردىن سۆرۈنجان، يەرلىك شوخلا، چۆبىچىن، ئاقلەيلى ئۇرۇقى، بوزىيدان قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ شەربەت تەييارلاپ، كۇندە ئۈچ قىتىم، تاماقتىن كىيىن، ھەرقىتىمدا 80-100 مىللىتىردىن  ئىستىمال قىلدۇرلىدۇ. ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار بەلگىلەر كۆرۈلگەندىن كىيىن يۇقارقى مۇنزىچ دورىسىغا بەلغەم بىلەن سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىسىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، بىر كۈندە ئىككى قىتىم، تاماقتىن كىيىن، ھەرقىتىمدا 50-100 مىللىتىردىن ئىستىمال قىلدۇرۇپ بەدەن تەنقىيە قىلىنىدۇ.

4. ياللۇغ قايتۇرۇپ، ئاغرىق توختىتىش، قان ئايلىنىش پائالىيىتىنى جانلاندۇرۇپ، ماددا ئالمىشىش خىزمىتىنى ياخشىلاپ سۆڭەك ئۆسۈشنى چەكلەش ئۈچۈن-كاپسۇلى سۆرۈنجان  كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كىيىن، ھەر قېتىمدا 3-5 دانىغىچە، مەجۇنى سۆرۈنجان كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كىيىن، ھەر قېتىمدا 5–7 دانىغىچە، قۇرسى يەھيا كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كىيىن، ھەر قېتىمدا 5–7 دانىغىچە، ھەببى مەنتىن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كىيىن، ھەر قېتىمدا 5–7 دانىغىچە، مەخسۇس مەجۇنى چۆبىچىن تەييارلاپ كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كىيىن، ھەرقېتىمدا 10 گىرامدىن ئىستىمال قىلدۇرلىدۇ، زىمادى سۈرۈنجاننى گۈل مېيى بىلەن مەلھەم قىلىپ بەل ئومۇرتقا ساھاسىگە  سىرتىدىن تېڭىلىدۇ.

5. فىزىكىلىق داۋالاش: 15 كۇننى بىر داۋالاش كۇرسى قىلىپ توۋەندىكى ئۇسۇللار بويچە بىمارنىڭ ئەمىلىي كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۈچتىن  بەش كۇرۇسقىچە فىزىكىلىق داۋالاش ئىلىپ بىرىلدى.

 نىرىپلارنىڭ ئوتكوزوشچانلىقى ئاشۇرۇش ۋە ئۆتكۈنچى يوللارنى راۋانلاشتۇرۇش، مۇسكۇللارنىڭ ھارارىتىنى ئاشۇرۇپ ئىلاستىكىلىغىنى ياخشىلاش، سۆڭەك ئۆسۈشنى چەكلەش  ئۇۋلاپ داۋالاش، يىڭنە سانچىپ داۋالاش، لوڭقا قۇيۇش ۋە لوڭقا سىرىپ داۋالاش، دورولوق ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ داۋالاش، ھوردىتىپ داۋالاش  ئىلىپ بىرىلدۇ.

7. رەئىس ئەزالارنى ۋە ئۇمۇمى بەدەننى قۇۋەتلەپ، بەدەننىڭ تەبىئەت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ھەزىمقىلىش خىزمىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن «داۋائىل مىشكى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن ئىلگىرى، ھەرقېتىمدا 5-3 دانىغىچە،  ئەبرىشىم جەۋھىرى  كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن ئىلگىرى،  ھەرقېتىمدا بىر بولاقتىن، شىپائى قەلىپ كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن ئىلگىرى  ھەرقېتىمدا بىر ئامپۇلدىن، جاۋارىش ئەنبەر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كىيىن ھەرقېتىمدا 5-7 دانىغىچە، ھالۋائى بەيزە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كىيىن ھەرقېتىمدا 10-7 گىرام غىچە، مەجۇنى سۆلەپ كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كىيىن ھەرقېتىمدا 5-7 دانىغىچە، مائۇل ھەسەل مۇرەككەپ شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كىيىن ھەرقېتىمدا ml 100دىن» قاتارلىق دورىلار بىرىلىدۇ.

سوغوق ئۈتۈپكىتىشتىن، تەستە ھەزىم بولىدىغان، ئۆتكۈر غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى، سوغۇق تەبىئەتلىك يىمەك –ئىچمەكلەرنى كۆپ ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلىشتىن، ئېغىر نەرسە كۆتۈرۈشتىن، زىيادە ھېرىپ چارچاشتىن ساقلىنىش كېرەك.

داۋالاش ئۇنۇمىگە باھا بىرىش ئۆلچىمى

1) ساقىيىش ئۆلچىمى: بالنىسقا كىرگەندىكى بارلىق كېسەللىك ئالامىتى تولوق يوقالغان، بەل ئومۇرتقا ھەركىتى تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن بولسا.

2) ياخشىلىنىش ئۆلچىمى: بالنىسقا كىرگەندىكى ئالامەتلىرىدىن بەل ئومۇرتقا ساھاسىدىكى ۋە تۆۋەنكى مۆچىلەر ئاغرىش ئەھۋالى ياخشىلانغان بولسا.

3)  ساقايماسلىق ئۆلچىمى: بالنىسقا كىرگەندىكى بارلىق ئالامەتلەر داۋالانغاندىن كىيىنمۇ ئوخشاش تۇرغان بولسا.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

تىببى دەستۇر تىبابەت تورى 

http://www.tibbidastur.com/?m=yazma_kurux&uid=212

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#