ئانورگانىك تۇز
ئانورگانىك تۇز ، يەنى ئانورگانىك بىرىكمىلەر ئىچىدىكى تۇزلاردىن ئىبارەت ، بۇرۇنقى ئاتىلىشى مىنېرال ماددا دەپ ئاتىلىدۇ ،جانلىقلارنىڭ ھۈجەيرە ئىچىدە ئادەتتە ھۆل ئېغىرلىقىنىڭ %1دىن %1.5 نى ئىگىلەيدۇ .ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق ماددا ئانورگانىك تۇزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئانورگانىك تۇز ، يەنى ئانورگانىك بىرىكمىلەر ئىچىدىكى تۇزلاردىن ئىبارەت ، بۇرۇنقى ئاتىلىشى مىنېرال ماددا دەپ ئاتىلىدۇ ،جانلىقلارنىڭ ھۈجەيرە ئىچىدە ئادەتتە ھۆل ئېغىرلىقىنىڭ %1دىن %1.5 نى ئىگىلەيدۇ .ھازىر ئادەم بەدىنىدە 20 خىلدىن ئارتۇقىنى بايقىغان ، بۇنىڭ ئىچىدە كالتسىي Ca ،فوسفور P ، كالىي K ، گۈڭگۈرت S ، ناترىي Na ، خىلور CI ، ماگنىي Mg ، ئاز مىقداردىكى ئېلمىنىتلاردىن تۆمۈر Fe ، سىنك Zn ، سېلېن Se ،مولىبدېن Mo ، فىتور F ، خىروم Cr، كوبالىت Co، يود قاتارلىقلار بار . گەرچە ئانورگانىك تۇز ھۈجەيرە ۋە ئادەم بەدىنىدىكى مىقدارى بەك تۆۋەن بولسىمۇ لېكىن رولى ئىنتايىن چوڭ ، ئەگەر يېمەكلىكنى ئىستېمال قىلغاندا كۆپ خىللىقىغا دىققەت قىلسىڭىز ، ھايۋانات يېغىنى ئاز ، توپانلىق گۈرۈچ ، قوناق قاتارلىق قارا ئاشلىق كۆپرەك ئىستېمال قىلىش ، ھەر خىل ماددىلار قوشۇلغان ئۇنلارنى ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلمىسا ئاندىن بەدەندىكى ئانورگانىك تۇز ئۆزىنىڭ نورمال تەڭپۇڭ ھالىتىنى ساقلاپ تۇرىدۇ .
ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق ماددا ئانورگانىك تۇزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق ئانورگانىك تۇز 20 نەچچە خىل بولۇپ، تەخمىنەن ئادەم بەدىنى ئېغىرلىقىنىڭ% 5~ %4 ىنى ئىگىلەيدۇ. گەرچە ئادەم بەدىنىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان كۈندىلىك ئېھتىياجى كۆپ بولماستىن پەقەتلا بىر نەچچە مىللىگىرام ھەتتا بىر نەچچە مىكروگرام بولسىمۇ، لېكىن مۇشۇ ئانورگانىك تۇزلار ئادەمنىڭ بەدەن سۇيۇقلۇقىدا پارچىلىنىپ چىقارغان ھەرخىل ئىيونلىرىنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق ئالاھىدە رولى بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ نورمال فىزىيولوگىيەلىك فۇنكسىيەسىنى ساقلاشتا كەم بولسا بولمايدىغان ماددا. ئادەم تېنىدىكى ئانورگانىك تۇز ماكرو ئېلېمېنت ۋە مىكرو ئېلېمېنت دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ماكرو ئېلېمېنت كالتسىي، فوسفور، كالىي، ناترىي، خىلور، ماگنىي قاتارلىق ئالتە خىل؛ مىكرو ئېلېمېنت تۆمۈر، سىنك، مىس، يود قاتارلىقلار. ھەرخىل ئېلېمېنتلارنىڭ فىزىيولوگىيەلىك فۇنكسىيەلەرنى تەڭشەشتە ئىنتايىن مۇھىم رولى بار. كەمچىل ياكى ئارتۇق بولۇشنىڭ ھەممىسى ئادەم بەدىنىنىڭ رولىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ ھەتتا ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە بوۋاقلار بىلەن مۇناسىۋىتى ئەڭ قويۇق بولغانلىرى كالتسىي، تۆمۈر، كالىي، يود، سىنك، ناترىي قاتارلىقلار. ئانورگانىك تۇز ھاياتلىقتا زۆرۈر بولغان، ئادەم بەدىنىنىڭ ساغلاملىقىدا كەم بولسا بولمايدىغان ماددا. شۇ سەۋەبتىن بوۋاقلارنىڭ غىزاسىدا چوقۇم مۇۋاپىق ئانورگانىك تۇز بولۇشى كېرەك.
فىزىيولوگىيەلىك رولى
1-ئانورگانىك تۇز كىلائۇستالىت ئىچىگە تارقىلىشى تەكشى ئەمەس .
2-ئانورگانىك تۇز بولسا توقۇلما ۋە ھۈجەيرىلەرنىڭ تۈزۈلۈشىدە ئىنتايىن مۇھىم ،قاتتىق توقۇلما مەسىلەن ، سۆڭەك ۋە چىشنى چىڭىتىدۇ ، كۆپ قىسىملىرى بولسا كالتسىي ، فوسفور ۋە ماگنىيدىن تەركىب تاپقان ، يۇمشاق توقۇلمىلاردا بولسا كالىي كۆپ .
3- ماددا ئالمىشىش سەۋەبىدىن ھەر كۈنى بەلگىلىك مىقداردىكى ئانورگانىك تۇز ، تۈرلۈك يوللار بىلەن بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىلىدۇ ، شۇڭا چوقۇم يېمەكلىك بىلەن تولۇقلىنىدۇ .
4-ھۈجەيرە ئىچىدىكى كىسلاتا - ئىشقار تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش ، ئوسموتىك بېسىم تەڭشەش ، ھۈجەيرىنىڭ شەكلى ۋە ئىقتىدارىنى ساقلاش .
5-ئورگانىزمنىڭ ھاياتلىق پائالىيىتىنى ساقلاش .[1]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
ئانورگانىك تۇز
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.