شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى

上海合作组织

 جۇڭگو ، روسىيە ، قازاقىستان ، ئۆزبىكىستان، قىزغىزىستان ۋە تاجىكىستاندىن تەركىپ تاپقان خەلىقئارا ھەمكارلىق تەشكىلاتى.2001-يىلى «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» قۇرۇش خىتاپنامىسىنى ئىمزالىدى . شۇنىڭ بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەسمى قۇرۇلۇپ ئالتە دۆلەت باشلىقلىرى «تېرورىزىم ، بۆلگۈنچىلىك ۋە چېكىدىن ئاشقان كۈچلەرگە زەربە بېرىش شاڭخەي ئەھدىنامىسى» نى ئىمزالىدى. 

ئۇيغۇرچە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى
ئىنگىلىزچە Shanghai Cooperation Organization
ئەزا دۆلەتلەر جۇڭگو ، روسىيە ، قازاقىستان ،ئۆزبىكىستان، قىزغىزىستان ،تاجىكىستان
خەنزۇچە 上海合作组织
قۇرۇلغان ۋاقتى 2001-يىلى
قۇرۇلۇش مەقسىتى ئىقتىسادى ھەمكارلىق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 جۇڭگو ، روسىيە ، قازاقىستان ، ئۆزبىكىستان، قىزغىزىستان ۋە تاجىكىستاندىن تەركىپ تاپقان خەلىقئارا ھەمكارلىق تەشكىلاتى.

ئەسلى 1996-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى جۇڭگۇ ، روسىيە ، قازاقىستان ، قىزغىزىستان ۋە تاجىكىستاندىن تەركىپ تاپقان « شاڭخەي بەش دۆلەت» ئۇچرىشىش مىخانىزىمى بولۇپ 2001 - يىلى 6 - ئايدا «شاڭخەي بەش دۆلەت» باشلىقلىرى شاڭخەيدە 6 - قىتىم ئۇچراشتى ، ئۆزبىكىستان پۈتۈنلەي باراۋەر سالاھىيەت بىلەن «شاڭخەي بەش دۆلەت يىغىنى» غا ئەزا بولدى . بۇ شاڭخەي ئالتە دۆلەتنىڭ تۇنجى قىتىملىق يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى بولۇپ قالدى ، ھەمدە «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» قۇرۇش خىتاپنامىسىنى ئىمزالىدى . شۇنىڭ بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەسمى قۇرۇلۇپ ئالتە دۆلەت باشلىقلىرى «تېرورىزىم ، بۆلگۈنچىلىك ۋە چېكىدىن ئاشقان كۈچلەرگە زەربە بېرىش شاڭخەي ئەھدىنامىسى» نى ئىمزالىدى. 

2001 - يىلى 9 - ئايدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزا دۆلەتلەر زۇڭلىلىرى ئالمۇتادا تۇنجى قېتىم ئۇچراشتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ قەرەللىك ئۇچرىشىش مىخانىزىمنى رەسمى جاكارلىدى. 

2002 - يىلى 6 - ئايدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى روسىيەنىڭ سانتپىتىربۇرگدا ئىككىنچى قېتىملىق يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈپ ، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلار باياناتى» نى ئىمزالىدى . 

2003-يىلى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلدى ۋە تېرورىزىمغا قارشى تۇرۇش ئاپاراتلىرىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئىتى ھەققىدىكى تەپسىلى كېلىشىم، تەشكىلات بەلگىسى، باش كاتىپ سايلىمى قاتارلىق مەسىلىلەردە بىرلىككە كەلدى.

2004-يىلى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تۆتىنچى قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتتە ئۆتكۈزۈلدى ۋە كۈزەتكۈچى ئەزالىق مىخانىزىمنى ئورناتتى . موڭغۇلىيە تۇنجى بولۇپ كۈزەتكۈچى دۆلەت سالاھىيىتىگە ئېرىشتى .

2005 - يىلى 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 5 - قېتىملىق يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانىدە ئۆتكۈزۈلدى ، ئالتە دۆلەت باشلىقلىرى «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى خىتاپنامىسى» قاتارلىق مۇھىم ھۆججەتلەرنى ئىمزالىدى ، ھەمدە پاكىستان ، ئىران ، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كۈزەتكۈچىلىك ئورنىنى بەلگىلىدى.

2006 - يىلى 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ بەش يىللىقى، بەش دۆلەت ئۇچرىشىشىنىڭ 10يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلدى ۋە تۈرلۈك تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ ھەربى مانىۋېر، سودا، نېفىت، بانكىلار ھەمكارلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىندى.

2007 يىللىق باشلىقلار يىغىنى قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەكتە ئۆتكۈزۈلدى، بۇ قېتىملىق باشلىقلار ئۇچرىشىشغا ئىران پىرىزدېنتى ئەھمىدى نىجاد، موڭغۇلىيە پىرىزدېنتى نامبارۇن ئىنخىبايار قاتارلىقلار قاتناشتى. يىغىندا رايون بىخەتەرلىكى، رايون ھەمكارلىقى ۋە تېخنىكا ئالماشتۇرۇش ساھەسىدە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىندى. 2008يىللىق باشلىقلار يىغىنىنى تاجىكىستان پايتەختى دۈشەنبىدە، 2009-يىللىق باشلىقلار يىغىنىنى روسىيىنىڭ يېكاتىرىنبورگ شەھرىدە ئۆتكۈزۈشنى بېكىتتى.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلۇپ بۈگۈنگە قەدەر ، ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا مەدەنىيەت ، سودا ، ھەربىي ئىشلار ، ئەدلىيە ، بىخەتەرلىك قاتارلىق ساھەلەر ۋە ھەر قايسى قاتلاملار ئارا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى . 11 - سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كىيىن ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر مەزكۇر رايون تەۋەلىكىدىكى تېرورلۇق ، ئېكىستىرمىزىم ۋە بۆلگۈنچىلىك دىن ئىبارەت «ئۈچ خىل كۈچلەر»نى مەركەز قىلغان تېرورلۇققا قارشى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ ، ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئۆز - ئارا ئىشەنچنى يەنە بىر قەدەم كۈچەيتتى . شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىزچىل تۈردە بۇ تەشكىلاتنىڭ ھىچقانداق دۆلەتكە قارىتىلمىغانلىقى توغرىلىق ئارقىمۇ ئارقا چۈشەنچە بەرگەن بولسىمۇ ئەمما ئەزا دۆلەتلەر قاتناشقان ھەمكارلىق2007 نامىدىكى ھەربى مانىۋېر روسىيەنىڭ چېليابىنىسكى ئوبلاستىدا ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان دەپ قاراپ كەلمەكتە. 

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۇمۇمى زىمىنى ياۋرۇ - ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنىڭ بەشتىن ئۈچ قىسمىنى ئىگەللەيدۇ . نوپۇسى 1 مىليارد 489 مىليون ، تەخمىنەن دۇنيا نوپۇسىنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئىگەللەيدۇ . ئىقتىسادى ئۇمۇمى قىممىتى دۇنيا مىللى ئىشلەپچىقىرىش ئۇمۇمى دارامىتىنىڭ %15 نى ئىگەللەيدۇ. خىزمەت تىلى خەنزۇتىلى ۋە روس تىلى قىلىپ بىكىتىلگەن .[1][0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#