ئارچا مېۋىسى

ئارچا مېۋىسى

ئارچا مېۋىسى ، «ئۇبھەل» ياكى «ئارچا مېۋىسى » نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى ئارچا مېۋىسى
ئەرەبچە نامى ھەببۇلئەر ئەر
ئوردۇچە نامى ئۇبھەل
خەنزۇچە نامى 新疆圆柏实
پارسچە نامى تۇخۇمى رەھەل
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق .

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئارچا مېۋىسىئارچا مېۋىسى  بولسا ئارچە ئائىلىسىدىكى دائىم ياشىرىپ تۇردىغان دەرەخ ياكى چوڭراق قاتقال ئۈسۈملۈك شىنجاڭ يۇملاق ئارچىسنىڭ مېۋىسى بۇلۇپ ، شار شەكلىدە ياكى سوقىچاق ، ئىچىدە قۇڭۇر رەڭدە ئۇششاق ئۇرۇقى بار، پۇراقلىق، «ئۇبھەل» ياكى «ئارچا مېۋىسى » نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.شىنجاڭ، چىڭخەي، جياڭشى، ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق جايلاردىن ھەمدە رۇسىيە، موڭغۇلىيە پاكىستان، شىمالىي ياۋروپا، ئىران قاتارلىق جايلاردىنمۇ چىقىدۇ.

ئىشلىتىلىشى

سۈيدۈك تۇتۇلۇش، ھەيىز كەلمەسلىك، سۇزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغى، قورساققا سۇ چۈشۈش، سۆزنەك ، يۆتەل، پالەچ، ئاشقازان ئاجىزلىقى ، پەي ئاجىزلىقى، چىش مىلىكلىرىنىڭ ئىششىقى، ھاسىراش، جىگەر ياللۇغى، بوۋاسىر، ھەرخىل يىرىڭلىق كونا جاراھەتلەر، قارا داغ ، تەڭگە سىمان چاچ چۈشۈش، ئەزالارنىڭ قېتىپ قېلىشى، بۇغۇم ئاغىرىقى، مەددە قۇرۇت قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

خۇسۇسيىتى

توسالغۇلارنى ئېچىش سۈيدۈك ھەيدەش ، ھەيزىنى راۋان قىلىش ، مېڭنى قۇۋۋەتلەش ، بەدەننى قىزىتىش ، زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، سۈت كۆپەيتىش، بوۋاسىر تۈگۈنچىسىنى يوقىتىش ، ئاغرىق پەسەيتىش، جاراھەت پۈتتۈرۈش، پەيلەرنى چىڭىتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش، قۇرۇت ئۆلتۇرۇش، چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

تەبىئىتى

ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق .

خىمىيىلىك تەركىبى

ئارچا مېۋىسىئارچا ئالكوھۇلى (sabino)، پودوفىللو توكسىنى ((podophyllotoxin ئاچچىق ئارپا گلۇكوزىدى (coniferin)،ئارچا ياغ كىسلاتاسى ۋە زىرىنا ، تاننىن ، ئۇچۇچان ماي قاتارلىقلار بار.

ئەكىس تەسىرى

كۆكرەكنى يىرىكلەشتۇرىدۇ.

فارماكولوگىيىلىك تەسىرى

پودوفىللو توكسىن كىچىك چاشقانلارنىڭ گۆش ئۆسمىسىگە نىسبەتەن بۇزۇپ تاشلاش تەسىرىگە ئىگە ، نېكروزلاندۇرىدۇ. تەركىبىدىكى ئۇچۇچان ماينى يەرلىك غىدىقلىغۇچى قىلىپ ئىشلەتسە ، ئۇزاققىچە ئۇنى تېرە ۋە شىلىشىق پەردىلەرگە سۈركىسە ، ئۇلاردا ياللۇغلىنىش پەيدا قىلىدۇ ھەمدە قۇسۇش ، ئىچى سۈرۈش ، ھەتتا ئۈلۈشكە سەۋەبچى بۇلىدۇ. مەلۇم دەرىجىدە يۆتەل پەسەيتىش ، تىنىچلاندۇرۇش تەسىرىمۇ بار . ئالتۇن رەڭلىك شارسىمان باكتېرىيە ، ئاق ئۈزۈمسىمان باكتېرىيە ، تولغاق تاياقچە باكتېرىيە ، كىزىك تاياقچە باكتېرىيە ، چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيسى قاتارلىقلارنى تۇرمۇزلايدۇ.

1. ئارچايۇپۇرمىقىنى خېمىر قىلىپ باشقا چاپسا ، باش ئاغرىقىنى توختىدۇ.

2. ئارچا ئۇرۇقىنى سۇقۇپ تالقانلاپ ئىچسە ، پالەچ ۋە پەي بوشاپ كىتىشكە پايدا قىلىدۇ.

 3. ئارچە ئۇرۇقىنى كۈنجۈت يېغى بىلەن قاينىتىپ ، قارايغاندا قۇلاققا تېمىتسا، گاسلىققا شىپا بۇلىدۇ.

4. ئارچا ئۇرۇقىنى سۇقۇپ ھەسەل بىلەن قاينىتپ ، غار – غار قىلسا ، چىش تۈۋىنىڭ ئىشىقىغا ۋە ئېغىز جاراھەتلىرىگە پايدا قىلىدۇ.

5. ئارچا ئۇرۇقىنىڭ قويۇق قاينىتىلمىسىدىن 15 گرامنى كالا يېغى ۋە ھەسەل بىلەن قۇشۇپ ئىچسە ھاسىراشقا ۋە بوۋاسىراغا پايدا قىلدۇ.

6. ئارچا ئۇرۇقىدىن 9 گرامنى مۇۋاپىق مىقدارىدىكى سۇدا قاينتىپ ئىچسە ، ئۈچەيدىكى قۇرۇتلارنى ئۆلتۈرىدۇ.

7. ئارچا ئۇرۇقىدىن 30 گرامنى تازىلاپ كالىنىڭ چاۋا يېغىغا ئوراپ قاينىتپ، ياغنى ئۆزگە ئالغاندا ، سوقۇپ ، ناۋات بىلەن قۇشۇپ ھەر كۈنى ئەتتىگەن قايناق سۇ بىلەن قۇشۇپ ئىچىپ بەرسە ، بوۋاسىرغا پايدا قىلىلدۇ. ئۈچەيدىكى قۇرۇتنى ئۆلتۈرىدۇ.

8. ئارچا ئۇرۇقىنى سۇقۇپ ، ھەسەل بىلەن قۇشۇپ خېمىر قىلپ، جاراھەتكە چاپسا ساقايتىدۇ ۋە ئىششىقنى قايتۇرۇىدۇ.

9. ئارچا ئۇرۇقىنى ئەنجۈر بىلەن قۇشۇپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا، ئەزالارنىڭ قېتىپ قالغان يەرلىرىنى يۇمشىتىدۇ.

10. ئارچا يۇپۇرمىقىنى سىركە بىلەن قۇشۇپ باشقا چاپسا ، چاچ چۈشۈشنى توختىدۇ.

مىقدارى

ئارچا مېۋىسى3 ~10 گرامغىچە

ساقلاش

كۈز پەسلىدە مېۋىسى پىشقاندا يىغىۋېلىنىپ ئارىلاشما ماددىلىرى تازىلىۋېتىلىپ سالقىن قۇرغاق جايدا ساقلىنىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى

كەتىرا ، تەرخەمەك ئۇرۇقى

ئورۇنباسارى

سۇزاپ يوپۇرمىقى ، سەرۋى دەرىخىنىڭ مېۋىسى

مەجۇن مۇسەككىنى ۋەجئۇررەلھىمى، مەجۇنى ئۇبھەل، مەجۇنى مۇدىرى تەمس، شەربىتى مۇدىرى تەمىس.

ھامىلدار ئاياللارغا ، ئاشقازان كېسىلى ۋە گال ئاغىرىقى بارلارغا بىرىشكە بولمايدۇ.بىرىشكە توغرا كەلسە خۇلىنجان ۋە ھەسەل بىلەن بىرگە بېرىلدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=502

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=502

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#