كۆكيار ئېكولوگىيەلىك مەنزىرە رايونى

كۆكيار ئېكولوگىيەلىك مەنزىرە رايونى

كۆكيار ئېكولوگىيەلىك مەنزىرە رايونى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ شەرقىي شەھەر ئەتراپى بىلەن ئونسۇ ناھىيەسى چېگرىداش بولغان چۆللۈككە جايلاشقان بۇلۇپ، ئاقسۇ شەھىرى رايونى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 10 كىلومېتىر، مەنزىرە رايونىنى بويلاپ ئاسفالت يول تۇتاشتۇرۇلغان، قاتنىشى قولاي.

ئۇيغۇرچە نامى كۆكيار ئېكولوگىيەلىك مەنزىرە رايونى
قاراشلىق دۆلەت جۇڭگو
ئالاھىدىلىكى قاتنىشى قۇلاي
خەنزۇچە نامى 柯柯牙生态旅游景区
جۇغراپىيەلىك ئورنى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ شەرقىي شەھەر ئەتراپى بىلەن ئونسۇ ناھىيەسى چېگرىداش بولغان چۆللۈككە

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كۆكيار ئېكولوگىيەلىك مەنزىرە رايونى1986-يىلىدىن باشلاپ ھەر مىللەت شەھەر ئاھالىسى، ئورگان كادىرلىرى، ئىشچىلار، ئوقۇغۇچىلار ۋە تۇرۇشلۇق ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر، ئومۇمىي خەلقنىڭ كەڭ كۆلەملىك كۆچەت تىكىش ئەمگىكى ئارقىلىق، جەمئىي 800 مىڭ ئەمگەك كۈچى  22 يىل سەرپ قىلىنغان، ھەر خىل دەرەخلەردىن 2 مىليون 600 مىڭ تۈپ تىكىلىپ، ئۇمۇمىي كۆلىمى 40 مىڭ مو يەردە ئورمان بىنا قىلىنغان. مەڭگۈلۈك چۆل-باياۋان، بىپايان شورلۇقلاردىن يېشىل سەددىچىن سېپىلى يېتىشتۈرۈپ چىقىلغان. قۇم بوران ئاپىتى زور دەرىجىدە ئازايتىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ياخشىلانغان شەھەر بارپا قىلىنغان. 

كۆكيار ئېكولوگىيەلىك مەنزىرە رايونىكۆكيار ئېكولوگىيەلىك مەنزىرە رايونى 1996-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھىت بايلىقى كومىتېتى تەرىپىدىن «يەر شارى بويىچە 500 گۈزەل مەنزىرە» نىڭ بىرى قىلىنغان.

مەنزىرە رايونىدا 25 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا، 300 مېتىر كەڭلىكتە سۈنئىي ئىھاتە ئورمىنى ئاساس قىلىنغان؛ مەنزىرە رايونى ئىچىدە ياپيېشىل دەرەخلەر سايە تاشلاپ، قۇشلار يېقىملىق سايراپ تۇرغان بۇلۇپ، كۆك ئاسمان ئاستىدا كۆكيار روھىنىڭ سىمۋولى بولغان بىنەم بوز يەرلەر قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ؛ مەنزىرە رايونىدا يەنە گىرەلىشىپ كەتكەن مەھەللە، ئۈزۈم بارىڭى، شۇنىڭدەك كۆچەتخانا، مېۋىلىك باغلارغا تەبىئەت ۋە مەدەنىيەت مەزمۇنى چوڭقۇر سىڭگەن بۇلۇپ، مەنزىرە سىرتىدىكى بىپايان قاقاسلىق بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولغان.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#