iPad
ipad ئالما شىركىتى 2010-يىلىدىن باشلاپ ئېلان قىلغان تاختا كومپيۇتېر يۈرۈشلۈكى بولۇپ، ئالما شىركىتىنىڭ ئەقلىي يانفونى iphone بىلەن خاتىرە كومپيۇتېر ئارىسىدىكى مەھسۇلات، (ئېكراندا تۆت مەۋھۇم مۇقىم پىروگرامما ئىستونى بار) iPhoneبىلەن قۇرۇلمىسى ئوخشاش، تور زىيارەت قىلىش، ئېلخەت ئالاقىسى، ئېلكىتاب ئوقۇش، ئۈن-سىن قويۇش، ئويۇن ئويناش قاتارلىق ئىقتىدارلار تەمىنلەنگەن.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئەنگلىيەدە تۇغۇلغان جوناسىن ئايۋ (Jonathan Ive) باشچىلىقىدىكى گۇرۇپپا لايىھەلىگەن بۇ سىپتا، نېپىز مەھسۇلات، ئايۋنىڭ گېرمانىيەلىك لايىھە ماھىرى دىتىر رەمس (Dieter Rams)قا بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتىنى ئىپادىلىگەن.
ARM قۇرۇلمىلىق بولغاچقا، ئادەتتىكى PC ۋە خاتىرە كومپيۇتېر پىروگراممىلىرى بىلەن سىغىشالمايدۇ، Apple تەمىنلىگەن iWork يۈرۈشلۈكى بىلەن خىزمەت قىلغىلى، iOS ئۈچىنچى تەرەپ دېتاللىرى بىلەن Office ۋە PDF ھۆججەتلىرىنى تەھرىرلىگىلى ھەم ئوقۇغىلى بولىدۇ.
2000-يىلىلا، "iPad" ئالمىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ناھايىتى مۇھىم تۈر قاتارىغا كىرىپ بولغان، دەسلەپتە كۆپ نۇقتىلىق چەكمە تەتقىقاتى ھېسابىدا مەخپىي تۈر بولغان، جوبىسمۇ بۇ تۈرگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلگەن.
2010-يىلى 3-ئايدا، بىرىنچى ئەۋلاد iPad رەسمىي ئېلان قىلىنغان. ئەڭ دەسلەپكى نۇسخىدىن بازارغا سېلىنغىچە، iPad ئون يىللىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن.
The New iPad تىن كېيىن، تۆتىنچى ئەۋلاد iPad ۋە iPad Air لارغا Retina ئېكرانى سەپلەندى. بۇ ئېكران كۆچمە ئۈسكۈنىلەردىكى ئەڭ ئىلغار ئېكران بولۇپ، 3100000 پېكسېللىق.
iPad تە يەنە ئېسىل ئۈن-سىن ئىقتىدارى بار. iPad سىن قويۇش ئىقتىدارى جەھەتتە ئالدىنقى قاتارنى ساقلاپ كەلمەكتە. iPad ھازىر مودا بولۇۋاتقان 1280 * 720 لىق، ھەتتا 1920 * 1080لىق تولۇق سۈزۈك ھالەتنى پۈتۈنلەي قوللايدۇ.ئالمىنىڭ سىنغا بولغان ئۆلچىمى ناھايىتى قاتتىق، تەلەپكە ئۇيغۇن بولمىغان سىنلارنى iP.adكە قەدەمداشلىغىلى بولمايدۇ، دېمەك مەخسۇس ئايلاندۇرغۇچ بىلەن iPad قوللايدىغان فورماتقا ئايلاندۇرغاندىن كېيىن قەدەمداشلىغىلى بولىدۇ.
Safari : بارماقلىرىڭىز بىلەن نۇرغۇن قولاي مەشغۇلاتلارنى قىلغىلى بولىدىغان ئېسىل زىيارەتچى.
ئېلخەت : چېكىم بىلەن ئېلخەت مەشغۇلاتى قىلغىلى بولىدۇ، نۇرغۇن ئېلخەت قوشۇمچىلىرىنى قوللايدۇ، مەسىلەن: .doc, .docx, .pdf, .ppt....
رەسىم : بارماقلىرىڭىز بىلەن رەسىملەرنى چوڭايتىپ كىچىكلەتكىلى، ئالبوم ھالەتتە كۆرگىلى ۋە ئاددىي تەھرىرلىگىلى بولىدۇ.
سىن : نۇرغۇن سىنلارنى كۆرگىلى بولىدۇ، تىك تۈز ھالەتكە ناھايىتى ئەركىن ئالمىشالايدۇ.
ئويۇن : چېكىم ۋە ئېغىرلىق سېزىم ئىقتىدارى بىلەن لايىھەلەنگەن نادىر ئويۇنلار سىزنى بەك جەلپ قىلىدۇ.
خاتىرە : iPad ئىچىدىن ۋە سىرتتىن توپلىغان ئۇچۇرلارنى ساقلىيالايسىز.
ناخشا-مۇزىكا : iPad نىڭ سىستېما تەمىنلىگەن مۇزىكا ئەپىنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان مۇزىكا دېتالى ئىكەنلىكىنى بايقايسىز.
iTunes بازىرى : iTunes Store سىنبەلگىسىنى چېكىپ، ناخشا-مۇزىكا، كىنو، تىياتىر، قىسقا فىلىم قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىپ كۆرەلەيسىز.
App Store : iPadتە 400 مىڭدىن ئارتۇق دېتالنى ئىجرا قىلغىلى بولىدۇ، بۇنىڭدىن100 مىڭدىن ئارتۇقى iPadكە خاس دېتاللار.
iBooks : ئېلكىتاب سېتىۋېلىپ ئوقۇيدىغان قولايلىق دېتال.
iWork : بۇ خۇددى مىكروسوفتنىڭ ئىشخانا دېتال يۈرۈشلۈكى بولغان Office دېتاللىرىغا ئوخشاش دېتال بولۇپ، iPadنى خىزمەتكە قولايلاشتۇرغان.
خەرىتە: يول باشلاش، زىيارەت قىلىش، يېقىننى ئىزدەش قاتارلىق ئىقتىدارلىرى بار بۇ خەرىتە بەك ياخشى ياردەمچى.
...
ئارتۇقچىلىقى
كىرگۈزۈش شەكلى كۆپ خىل، ئېلىۋېلىشقا ئەپلىك iPad كۇنۇپكا تاختىسى ۋە مائۇسنىڭ مۇقىم كىرگۈزۈش چەكلىمىسىگە ئۇچرىمىغاچقا، بارماقچە يېزىپ، چېكىپ مەشغۇلات قىلالايمىز، ئۆرە تۇرۇپ، مېڭىۋېتىپمۇ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. تېخىمۇ نېپىز ھەم سىپتا.
توكى ئۇدا 10 سائەت يېتىدۇ، شۇڭا ئىنتايىن خاتىرجەملىك بېرىدۇ. كىتاب ئوقۇشقا، كىنو كۆرۈشكە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ. سىمسىز تورغا ئۇلىنىشى ئىنتايىن تېز، مۇقىم، بىخەتەر، زىيارەت قولاي، ئەركىن.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇس
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.