قاراماي شەھەرلىك تېببىي مەكتەپ

ئۇيغۇرچە نامى قاراماي شەھەرلىك تېببىي مەكتەپ
خەنزۇچە نامى 克拉玛依市卫生学校
ئايرىمىسى كەسپىي مائارىپ
ئورنى قاراماي شەھەر ئىچى
بۇرۇنقى نامى
قۇرۇلغان ۋاقتى 1977-يىلىى
مەكتەپ تۈرى تېببىي مەكتەپ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قاراماي شەھەرلىك تېببىي مەكتەپ __ بۇ مەكتەپ جۇڭگو نېفىت تەبىئىي گاز باش شىركىتىنىڭ تۆت كەسپىي تېببىي مەكتەپلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، شىنجاڭ نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسىغا تەۋە. ئوقۇتۇش خەنزۇ تىلىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 25600 كۋادرات مېتىر، ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى 11400 كۋادرات مېتىر بولۇپ ئوقۇتۇش بىناسى، تەجرىبە بىناسى، كۇتۇپخانا ئۇنىۋېرسال بىناسى قاتارلىق 10 نەچچە يۈرۈش قۇرۇلۇشى بار. كۇتۇپخانىدا ساقلىنىۋاتقان كىتاب 60000 پارچە. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان 2040 دىن ئارتۇق كەسپىي خادىم تەربىيىلىگەن. 1999-يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى 38 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە ئالىي لىكتور سەككىز نەپەر، لېكتور 12 نەپەر. مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى سانى 591 نەپەر.

قاراماي شەھەرلىك تېببىي مەكتەپ 1977-يىلىدىن باشلاپ قۇرۇلۇپ، 1978-يىلى 1-باشلانغۇچ مەكتەپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر دوختۇرخانىسى ۋە قىسىم گازارمىسى قاتارلىق جايلاردا قۇرۇلغان. 1980-يىلى 10-ئايدا قاراماي تارىم يولى شىمالىي رايونى 102-نومۇرغا (ھازىرقى ئورنىغا) كۆچۈرۈلگەن. 1985-يىلى 4-ھەربىي مىدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ھەمكارلىشىپ سىستېرالىق مەخسۇس كۇرس سىنىپى ئاچقان.  1986-يىلى 9-ئايدا شۆبە دوختۇرخانا قۇرغان. 1994-يىلى شۆبە دوختۇرخانا ئايرىلىپ چىققان. 1997-يىلى داچىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەر دوختۇرخانىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، داۋالاش مەخسۇس كۇرسى سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان.

 ئوقۇتۇش خەنزۇ تىلىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. دوختۇرلۇق، سىستېرا، لابوراتورىيە، تۇغۈت، ئورىگەرلىك، ئالىي سىستېرالىق، ئانا-بالىلار سەھىيىسى، مىدىتسىنا بوغالتىرلىقى قاتارلىق كەسىپلەرنى تەسىس قىلغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#