ھىندىستان

ھىندىستان

« ھىندىستان » دېگەن بۇ نام پاكىستان چېگراسى ئىچىدىكى ھىندى دەرياسىدىن كەلگەن . ھىندى دەرياسى بولسا ئىنسانىيەت مەدەنىيەت بۆشۈكلىرىنىڭ بىرى . قەدىمكى ھىندىستان بولسا پۈتكۈل ھىندىستان چوڭ قۇرۇقلۇقىنى ، ئاساسلىقى ھازىرقى ھىندىستان ، پاكىستان ۋە بېنگال دۆلىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .

ئۇيغۇرچە نامى ھىنسىتان جۇمھۇرىيىتى
قىسقارتىلغان نامى ھىنسىتان 印度
پايتەختى يېڭى دېھلى
نوپۇسى 1مىليارد 148 مىليون
پۇلى ھىنسىتان رۇپىيەسى
خەنزۇچە نامى 印度共和国
قىتئە تەۋەلىكى ئاسيا قىتئەسى
دۆلەت تىلى ھىندى تىلى ، ئىنگىلىز تىلى
يەر مەيدانى 2 مىليون 980 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر
چەتئەلچە نامى The Republic of India

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ھىندىستان ھىندىستاننىڭ تولۇق ئاتىلىشى -ھىنسىتان جۇمھۇرىيىتى . قەدىمكى ھىندىستانلىقلار ‹‹سېندى ››خېتى بىلەن دەريا ئېقىنىنى بىلدۈرگەن . كېيىن رىملىقلار ‹‹سېندى ››نى ‹‹ھىندىس ››دەپ ئوقۇغان ،لېكىن ئەنگلىيەلىكلەر بۇ خەتنى ‹‹ھىندى ››دەپ ئوقۇغان .

« ھىندىستان » دېگەن بۇ نام پاكىستان چېگراسى ئىچىدىكى ھىندى دەرياسىدىن كەلگەن . ھىندى دەرياسى بولسا ئىنسانىيەت مەدەنىيەت بۆشۈكلىرىنىڭ بىرى . قەدىمكى ھىندىستان بولسا پۈتكۈل ھىندىستان چوڭ قۇرۇقلۇقىنى ، ئاساسلىقى ھازىرقى ھىندىستان ، پاكىستان ۋە بېنگال دۆلىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .

ھىندىستان ھىندى دەرياسى مەدەنىيىتىنىڭ باشلانغان ۋاقتىنى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 3000 يىل ئەتراپىغىچە سۈرۈشكە بولىدۇ . 20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىن باشلاپ ئارخېلوگلار ھىندى دەرياسى ۋادىسىدىن كەينى -كەينىدىن 100 گە يېققىن برونزا مەدەنىيەت خارابىسىنى بايقىدى . بۇنىڭ ئىچىدىكى خاراپپا بىلەن موھېنجۇ - دارودىن ئىبارەت ئىككى شەھەرنىڭ خارابىسى ئەڭ چوڭ ، شۇڭا ھىندى دەرياسى مەدەنىيىتى يەنە خاراپپا مەدەنىيىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ . بۇ مەدەنىيەتنى ھىندىستان رايونىدىكى دراۋىئانلار ياراتقان بولۇپ، ئۇنىڭ مەركىزىي يىل دەۋرى تەخمىنەن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 2500-يىلدىن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 1700-يىلىغا توغرا كېلىدۇ . ئەينى ۋاقىتتىكى ھىندىلار ئاساسلىقى دېھقانچىلىق -چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، سودا -سېتىق ئىشلىرىمۇ خېلى راۋاجلانغان .

جۇغراپىيەلىك ئورنى 

ھىندىستانھىندىستانشىمالىي يېرىم شارغا جايلاشقان، شىمالىي كەڭلىك ′ 36°37 - ′24 °8 ، شەرقىي ئۇزۇنلۇق ′ 25°97 - ′7 °68 . ھىندىستان جەنۇبىي ئاسىيا رايونىدىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت ، يەر كۆلىمى 2 مىليون 980 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ ، دۇنيا بويىچە 7 - ئورۇندا تۇرىدۇ .

كىلماتى 

ھىندىستان پۈتۈن ئىسسىق ، كۆپ قىسمى ئىسسىق بەلباغ پەسىللىك شامال كىلىماتىغا تەۋە ، ئەمما ھىندىستاننىڭ غەربىي قىسىمىدىكى پھېندىستان بولسا ئىسسىق بەلباغ قۇملۇق كىلىماتىغا تەۋە. يازدا بىر قەدەر روشەن پەسىللىك شامال بار، قىشتا بولسا بىر قەدەر روشەن پەسىللىك شامال يوق. ھىندىستاننىڭ يىل بويى يامغۇر پەسلى 6 - ئايدىن 10 - ئايغىچە، قۇرغاق پەسلى  3 - ئايدىن 5 - ئايغىچە  ۋە سالقىن پەسلى  11 - ئايدىن كېيىنكى يىلى 2 - ئايغىچە ، قىشتا ھىمالايا تاغ تىزمىسى تەسىر كۆرسىتىپ بىر قەدەر سوغۇق ياكى سوغۇق يۇقىرى بېسىم جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ ، ھىندىستاننىڭ جەنۇبىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ .

دۆلەت بايرىقى

دۆلەت بايرىقى بايراقتىكى سېرىق رەڭ باتۇرلۇققا ۋەكىللىك قىلىدۇ ، ئاق رەڭ پاكلىقنىڭ سىمۋولى ، يېشىل رەڭ ئىشەنچىنى بىلدۈرىدۇ . 24سىملىق دارماساكرا مۇقەددەسلىك ۋە ھەققانىيەتكە ۋەكىللىق قىلىدۇ . 

دۆلەت گېربى

دۆلەت گېربى گېرىبتىكى رەسىملەر ئاسۇكا خانىنىڭ تاش تۈۋرىكى ئۈستىسىكى تاش ئويمىنىدىن ئېلىنغان . ئالتۇن رەڭلىك شىر ئىشەنچ ، غەيرەت كۈچىنىڭ سىمۋولى . تاش سۇپىسىنىڭ تۆت ئەتراپىدا ئۇنى قوغدىغۇچى ھايۋان ۋە دارماساكرانىڭ رەسىمى بار . سۇپىغا يېزىلغان خەت ‹‹ھەقىقەتەن چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ ›› دېگەن مەنىدە .

ھىندىستاننىڭ قېزىلما بايلىقلىرى مول ، بائۇكسىت زاپىسى ۋە كۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى دۇنيا بويىچە 5 - ئورۇندا تۇردۇ، چىرىمتال ئېكسپورت مىقدارى دۇنيا ئېكسپورت مىقدارىنىڭ % 60 نى ئىگىلەيدۇ . 1996 - يىلى ، ھىندىستاننىڭ ئاساسلىق بايلىق قېزىشقا بولىدىغان كۆمۈر زاپىسى تەخمىنەن كوكس كۆمۈرى 463890 مىڭ توننا ، 97540 مىڭ توننا تۆمۈر رۇدىسى ، 22530 مىڭ توننا ئاليۇمىن توپىسى، خرومىت 124 مىليون توننا، 6550 مىڭ توننا مانگان رۇدىسى ، سىنك 5 مىليون 890 مىڭ توننا ، مىس سېتىلغىنى 3520 توننا ، قوغۇشۇن 1 مىليون 360 مىڭ توننا ، 684770 مىڭ توننا ھاك تېشى ، فوسفات تۇزى مىليون توننا ئاشۇرۇش ۋە  ئالتۇن 86 توننا ، نېفىت 896 مىليون توننا ، تەبىئىي گاز 6970 مىڭ  كۇب مېتىر . بۇنىڭدىن سىرت , يەنە چىرىمتال ، تاش،  موم ، ئالماس ، تىتان ، تورىي ، ئوران قاتارلىق كان بايلىقلىرى بار . ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى % 21.9 . 

ھىندىستاندىكى ھالرەڭ شەھەر–جايپۇرمىلادىيە 1876 – يىلى، ۋېلش شاھزادىسى ئېدۋارد Ⅶنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، گۈزەل سەنئەتكە ھېرىسمەن پادىشاھ يارلىق چۈشۈرۈپ، شەھەردىكى بارلىق ئۆيلەرنىڭ كوچىغا قاراپ تۇرغان بىر تېمىنى ھالرەڭدە سىرلاشنى بۇيرۇغان. جايپۇردا ئۆيلەرنىڭ كوچىغا قارىغان تېمىنى ھالرەڭدە سىرلاش قائىدىسى ھازىرغىچە داۋاملاشقان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق شەھەر گۈزەللىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىدىكەن.

جايپۇرنىڭ ئۈچ تەرىپىدىكى تاغ بۈك – باراقسان ئورمان بىلەن قاپلانغان بولۇپ، ھەر خىل ھايۋانلار ۋە ئۇچار قۇشلار بار. شەھەر ئىچىدىكى نۇرغۇن ئۆيلەر بۈك – باراقسان ئورمانلىق ئىچىدە كۆمۈلۈپ قالىدىكەن، توزلار گۈزەل پەيلىرىنى كىشىلەرگە كۆز – كۆز قىلىدىكەن.

جايپۇرنىڭ قۇرۇلۇشلىرى ئىچىدە شامال ئوردىسى ھەممىدىن داڭلىق ، ئۇ بۇ كىچىك شەھەرنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە قۇرۇلۇش. شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان بۇ ئوردا، 1799 – يىلى سېلىنغان بولۇپ، 300 نەچچە يىل مابەينىدە تاشقى كۆرۈنۈشىنىڭ ئۆزگىچىلىكى بىلەن، كىشىلەرگە ئىللىق تۇيغۇ ئاتا قىلىپ  كېلۋاتىدۇ. يېقىنلا يەردە خان ئوردىسى بار، ئۇ ھىندىستاندىكى ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان خان ئوردىلىرىنىڭ بىرى . خان ئوردىسىنىڭ ئۆگزىسى ۋە پېشايۋانلىرى ئىسلام ئۇسلۇبىدا ياسالغان بولۇپ، ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ.

كونا خان ئوردىسى مۇزېي قىلىۋېتىلگەن بولۇپ، مۇزېيدا جايپۇر پادىشاھىنىڭ ئىلگىرى ئىشلەتكەن نەپىس بۇيۇملىرى، قوراللىرى، ئۈنچە – مەرۋايىتلىرى ۋە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ كۈمۈش شىشە بار، كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى، بۇ يەردىكى ئىككى چوڭ كۈمۈش ئىدىش ئادەم بويى ئېگىزلىكىدە بولۇپ، پارقىراپ تۇرىدۇ.

جايپۇرنىڭ ھىندىستاندىكى باشقا شەھەرلەرگە ئوخشىمايدىغان يەرلىرى كۆپبۇلۇپ، يەنى مېھمانساراينىڭ ئۆگزىسىدە توپلىشىپ ئولتۇرغان ماكاكا مايمۇنلىرى، كوچىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بويۇنلىرىنى سوزۇپ يۈرگەن تۆگىلەر، يۈزلىرىنى ئېتىۋېلىشقان قۇملۇق قەبىلە ئاھالىلىرى، پېشانىسىگە گۈل سىزىلغان پىللار، يەنە كوچىلاردا مۇكىدەك ئۆتۈۋاتقان ئالىي پىكاپلار، ساياھەت ئاپتوموبىللىرى تولىمۇ قىزىقارلىق مەنزىرە پەيدا قىلىدۇ.[0][1]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#