جۇڭگو ماندارى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
جۇڭگو ماندارى بولسا ېيىقتاپانلىقلار ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق پىلەك تارتىپ ئۆسىدىغان، ماندارغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، دائىم دەرەخلەرگە يامىشىپ ئۆسىدۇ، ئۇزۇنلۇقى ئادەتتە 5 ~ 3 مېتىر كېلىدۇ؛ غولى ياغاچقا ئايلانغان، بوغۇملىرى چوڭايغان بولىدۇ، ئوتتۇرا قىسىمدىكى غول ئادەتتە ئالتە قىرلىق بولۇپ، كېسىلگەن يۈزىدە نۇرغۇن ئۇششاق تۆشۈكلەر بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى ئۇدۇل ئۆسىدۇ، ئۈچ قۇلاقلىق مۇرەككەپ يوپۇرماق، كىچىك يوپۇرمىقى تۇخۇمسىمان تېمنە شەكىللىك ياكى يۇمىلاق شەكىلدە، يوپۇرماق گىرۋىكى ھەرە چىشىسىمان بولىدۇ؛ گۈلى سۇس سېرىق، سىرت تەرەپتىكى ئاتىلىقلىرى گۈل تاجى ياپراقچىلىرىغا ئۆزگىرىپ كەتكەن، ئانىلىق گۈل تۈۋرۈكى ئاق رەڭلىك پەيسىمان بولىدۇ، مېۋىسى ئورۇق، مېۋە، شەكلى ياپىلاق، دۈگلەك. ئۆسۈملۈك ياز ۋە كۈزدە يىغىۋېلىندۇ.ئېلىمىزنىڭ جېجياڭ، جياڭسۇ، ئەنخۇي ئۆلكىلىرىدىن چىقىدۇ.
ئۆت ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇۇرش، يەل تارقىتىش، ھەيزنى راۋانلاشتۇۇرش، ياللۇغ قايتۇرۇش، ئارتۇق ھۆكللۈكنى يوقىتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، ئاغرىق توختىتىش.
ئاساسلىق خىمىيىلىك تەركىبى پروتوئانىتمونىن (Protoanemonin) دىن ئىبارەت.
ئاغرىق توختىتىش، باكتېريە ئۆلتۈرۈش، ياللۇغ قايتۇرۇش، ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، سۈيدۈك ھەيدەش رولى بار.
1. ماندارىن، پاقا يوپۇرمىقى، قارا ئارچا 12 گرام، زىرىق 8 گرام، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى 6 گرام، كىچىك خوخا 10 گرام قاينىتىپ ئىچسە سۈيدۈك قان ئارىلاش كېلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
2. قوغۇن ئۇرۇقى، ئوغرىتىكەن، جۇڭگو ماندارىنىڭ ھەر بىرىدىن 10 گرامدىن ئېلىپ قاينىتىپ ئىچسە، سۈيدۈك ھەيدەيدۇ.
3. دارچىن، لاچىندانە، جۇڭگو ماندارىنىڭ ھەر بىرىدىن 10 گرامدىن ئېلىپ قاينىتىپ ئىچسە، ھۆللۈكلەرنى قۇرۇتۇپ، قاننى جانلاندۇرىدۇ
شەربىتى ماندارىن
سۈيدۈك تۇتۇلۇش، سوغۇق يەلدىن بولغان رىماتىزم، بوغۇملارنىڭ ئاغرىقى، پەي ۋە سۆڭەكلەرنىڭ ئاغرىقى، قۇلاق ئاستى بېزى ياللۇغى، باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش، ھەيز راۋان بولماسلىق قاتارلىقلارغا ئشلىتىلىدۇ.
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.