يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز

يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز

يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزدا ئولتۇرسا، ئايروپىلاندا ئولتۇرغاندەك تېز ماڭغىلى بولىدۇ، ئۇ چانا قاردا ماڭغاندەك، رېئاكتىپ يولۇچىلار ئايروپىلانى يەر يۈزىنى سىپاپ ئۆتكەندەك تۇيغۇ بېرىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز
خەنزۇچە نامى 高铁

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزيۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزدا ئولتۇرسا، ئايروپىلاندا ئولتۇرغاندەك تېز ماڭغىلى بولىدۇ، ئۇ چانا قاردا ماڭغاندەك، رېئاكتىپ يولۇچىلار ئايروپىلانى يەر يۈزىنى سىپاپ ئۆتكەندەك تۇيغۇ بېرىدۇ.

يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز ئاپتوموبىل ۋە ئايروپىلانلارغا سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان ئەۋزەللىككە ئىگە. ئاپتوموبىل تېز بولسىمۇ، مۇھىتنى بۇلغايدۇ، ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى، ئاۋارىيە كۆپ يۈز بېرىدۇ. يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى رېئاكتىپ يولۇچىلار ئايروپىلانىدىن كۆپ يۇقىرى، يەنە ئايروپىلاندىن بىخەتەر، ۋاقىت تېجىگىلى بولىدۇ. توكيودىن ئوساكاغا يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزدا 3 سائەت كەتسە، ئايروپىلاندا شەھەردىن ئايرودرومغا بارغىچە ۋاقىتنى قوشقاندا 5.3 سائەت كېتىدۇ.

يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزغا يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول لازىم، شۇندىلا يۈكنى كۆپ توشۇيالايدۇ، تېز ماڭالايدۇ. ئادەتتىكى پويىز رېلىستا ماڭىدۇ، چاقى رېلىس ئۈستىدە دومىلاپ ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، سۈرئىتى بەك تېز بولسا، چاق بىلەن رېلىس سۈركىلىپ ئېغىر دەرىجىدە ئۇپرايدۇ، پويىزمۇ بەك سىلكىنىپ كېتىدۇ، شۇڭا، ئەڭ يۇقىرى تېزلىكنى سائىتىگە 300 كىلومېتىردىن ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. 

يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزيېڭى تىپتىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز رېلىسقا بىۋاسىتە تەگمەي، ھاۋادا ماڭىدۇ. يەل تاپان پويىز دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل پويىزدا سىقىلغان ھاۋانىڭ پۈركىلىشى نەتىجىسىدە پويىز گەۋدىسى بىلەن رېلىس ئارىلىقىدا بىرنەچچە مىللىمېتىر قېلىنلىقتا بىر قەۋەت يەل پەيدا بولىدۇ. مۇنداق پويىزنىڭ سۈرئىتى سائىتىگە 400 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، يەنە بىر خىل ئۇسۇلدا ماگنىتلارنىڭ ئوخشاش قۇتۇپلىرى تېپىشىش پرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ پويىز گەۋدىسى لەيلىتىلىدۇ. 1979-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ياپونىيە مىيازاكى ناھىيىسىدە دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك لەيلىمە پويىزنى سىناق قىلغاندا، سائەتلىك تېزلىكى 517 كىلومېتىرغا يەتتى. بۇ رېكورت ھازىر داۋاملىق يېڭىلانماقتا. 

يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولغا يېڭى تەلەپ قويىدۇ. يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ ئايلىنىش بۆلەكلىرىدىكى ئايلىنىش يايى چوڭ بولۇشى، يول بەك تىك بولماسلىقى كېرەك. يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولدا پويىز تېزلىكى يۇقىرى بولۇپلا قالماي، پويىزمۇ كۆپ بولىدۇ. بىخەتەرلىكنى نەزەردە تۇتۇپ، تاشيول بىلەن كېسىشىش نۇقتىلىرىدا ئۆتۈشمە كۆۋرۈك سېلىش، تۆمۈريولنىڭ ئىككى قاسنىقىغا مۇداپىئە رېشاتكىسى ئورنىتىش كېرەك. بەزىدە تۆمۈريول ئېگىز تىرەك ئۈستىگە قۇرۇلۇپ، شەھەر ئۈستىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ. 

يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولدا تۆمۈريولنىڭ «كۆزى» بولمىش سىگنال چىرىغى يەردىن پويىزغا يۆتكىلىدۇ. يەر ئۈستىدىكى سىگنال چىرىغىنىڭ كۆرۈنۈش ئارىلىقى 1 كىلومېتىرچە بولۇپ، تۇمان ۋە يامغۇرلۇق كۈنلەردە ئېنىق كۆرگىلى بولمايدۇ، شۇڭا، يۇقىرى سۈرئەتلىك يۈرۈش تەلىپىگە ماس كەلمەيدۇ. پاراۋوزدىكى سىگنال يەر ئۈستىدىن بېرىلگەن سىگنالنى ئىندۇكسىيىلەپلا قالماي، پويىزنىڭ يۈرۈشىنىمۇ ئاپتوماتىك كونترول قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يۈرۈش بىخەتەرلىكىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#