ئىپار
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئىپارئىپار بولسا بۇغا ئائىلىسىدىكى ھايۋان ئىپار كېيىكىنىڭ ئەرلىك جىنسىي پۇراقلىق بەز خالتىسىدىكى ئاجرالما بۇلۇپ،رەڭگى قىزىلغا مايىل قوڭۇر رەڭ،پۇرىقى خۇش بۇي، سەل مايلىشاڭغۇ بولىدۇ،تەمى ئاچچىق - چۈچۈك،قىش ۋە ئەتىياز،كۆپىنچە قىش ۋە ئەتىيازدا ئەركەك كىيىكنى ئوۋلاپ قورساق تېرىسى بىلەن قوشۇپ پۇراقلىق خالتىسى كېسىپ ئېلىنپ يىغۋىلىنىدۇ.جۇڭگو، نىپال، بېرما، رۇسىيە، ۋېيتنام، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن چىقىدۇ.
رەئىس ئەزالارنى قۇۋۋەتلەش، كۆڭۈلنى خۇشال قىلىش، تەبىئىي ھارارەتنى كۈچەيتىش، ئىچكى ۋە تاشقى سەزگۈ قۇۋۋەتلەرنى قوزغىتىش، تەبىئەتنى يۇمشىتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، سپازما بوشىتىش، باھنى قۇۋۋەتلەش.
فارماكولوگىيلىك تەسىرى
1. مەركىزىي نېرۋا سېستىمىسىغا بولغان تەسىرى: كىچىك دوزىسى مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنى قوزغىتىدۇ. چوڭ دوزىسى تورمۇزلايدۇ.
2. نەپەسلىنىش ۋە قان ئايلىنىش سىستېمىسىغا بولغان تەسىرى: ئىپار يۈرەكنى قوزغىتىدۇ، ئىپار تىنكتورىسى توشقان ۋە ئىتنىڭ كۆك قان تومۇرىغا كىرگۈزۈلگەندە, قان بېسىمنى ئۆرلىتىدۇ. نەپەس قېتىمىنى تېزلىتىدۇ.
3. بالىياتقۇغا بولغان تەسىرى: ئىپار بالىياتقۇنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە قوزغىتىدۇ. ھامىلىدار بولغانلار ھامىلىدار بولمىغانلارغا قارىغاندا تېخىمۇ سەزگۈر كېلىدۇ.
4. باكتېرىيىگە قارشى تۇرۇش، ياللۇغ قايتۇرۇش تەسىرى: ئىپار تىنكتورىسىنىڭ سۇيۇقلاندۇرۇلغىنى تەجرىبە نەيچىسىدە چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيىسى، ئالتۇن رەڭلىك ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيىسىنى تورمۇزلايدۇ، بۇنىڭ ياللۇغ قايتۇرۇش تەسىرى لىنپىل بوتازولدىن كۈچلۈك.
ئىپار تەركىبىدە تەخمىنەن %15~ 23 سۇ ۋە كۈل ماددىسى بار. ھەم ئازوتلۇق بىرىكمىلەردىكى ئازوتنىڭ مىقدارى تەخمىنەن %9 كېلىدۇ. يەنە خولېستېرول، يىرىك تالا، ماي كىسلاتاسى، ئىپار كىتونى (Mocone)، موسكو پىرىدىن (Muscopyridine)، قۇرۇتۇلغان ئىپارنىڭ تەركىبىدە ئادەتتە %50~70 سۇلۇق ئېرىتمە، %1~15 ئىسپىرتلىق ئېرىتمە بولىدۇ.
1. ئىپارنى پۇرىسا، مېڭىدىن كېلىدىغان سۇنى توختىتىدۇ ۋە ھوشىغا كەلتۈرىدۇ. سوغۇقتىن بولغان باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
2. ئىپارنى يېنىدا ساقلاپ پۇراپ بەرسە، يۈرەك ۋە مېڭىگە خۇشلۇق كەلتۈرىدۇ. نېرۋىنى ياخشىلايدۇ، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
3. زەيتۇندىن يېغى 50 مىللىلىتىر، قۇندۇز قەھرى 10 گرام، ئاقىرقەرھا 5 گرام، ئىپار بىر گرام. ئايرىم-ئايرىم سالايە قىلىپ، ياغقا ئارىلاشتۇرۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، پالەچ، لەقۋا، ئىستىرىخا، سەرئى قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.