ئالتۇن توغراق ئارامگاھى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
چۈشۈرگە ئالتۇن توغراق ئارامگاھى مارالبېشى ناھىيە بازىرىدىن 24 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئاناركۆل يېزىسىنىڭ چۈشۈرگە كەنتىدە بولۇپ، ئىگىلىگەن كۆلىمى 3000 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ. ئالتۇن توغراق ئارىلى ئارامگاھىنىڭ تۆت ئەتراپى سۇ بىلەن قورشالغان بولۇپ، تۆت ئەتراپتا بۈك-باراقسان يېشىللىق، ئالتۇن رەڭگە كىرگەن توغراقلىقلار، سۇ يۈزىدە تۇتاش كەتكەن قومۇشلار، ئارامگاھنىڭ تۆت ئەتراپىدا ئېچىلغان ياۋا گۈل–چىچەكلەر بار.
كۈز پەسلىدە توپ-توپ بېلىقچى، ياۋا ئۆردەك قاتارلىق سۇ قۇشلىرى ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناقلىقى گەۋدىلەنگەن بۇ مەنزىرىگاھقا كېلدۇ. بۇ ئارامگاھقا 12 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ناخشا-ئۇسسۇل، كۆڭۈل ئېچىش زالى، سۇ ئۈستى رېستۇرانى، توغراقلىق ئىچىگە مېھمانخانا ئۇسلۇبىدا سېلىنغان ياغاچ ئۆي ئارامگاھىدىن 13 يۈرۈش، ئەگمە كۆۋرۈكتىن ئىككى يۈرۈش بار. يەنە 1100 مېتىر ئۇزۇنلۇقتا ياغاچ تاختايلىق يول، ماشىنا توختىتىش مەيدانى ياسالغان بولۇپ، سۇ، توك ئىشلىرى تولىمۇ راۋان. 2-قاراردا يەنە تۆت مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ماشىنا توختىتىش مەيدانى، دەرۋازا، كۆكەرتىش، قاتتىقلاشتۇرۇش، يورۇقلاشتۇرۇش، يېشىللاشتۇرۇش قاتارلىق قۇرۇلۇشلار ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. 5000 مو كۆلەمدىكى ئوۋ ئوۋلاش مەيدانى، 1000 مو كۆلەمدىكى گولف توپ مەيدانى قۇرۇلۇش ئالدىدا.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.