ئىت ياڭىقى گۈلى

ئىت ياڭىقى گۈلى

بۇ پىدىگەن ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك ئاق گۈللۈك ئىتياڭىقى ياكى تۈكلۈك ئىتياڭىقى بولۇپ، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش، يەل ھەيدەش، مەست قىلىش، ئاغرىق پەسەيتىش، ئۆپكە، كاناينى راۋانلاشتۇرۇش، ئىسپازما بوشىتىش رولىغا ئىگە.

دورا نامى ئىت ياڭىقى گۈلى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 洋金花

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ پىدىگەن ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك ئاق گۈللۈك ئىتياڭىقى ياكى تۈكلۈك ئىتياڭىقى بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى «ۋاڭنىڭ گۈلى»، يوپۇرمىقى «ۋاڭنىڭ يوپۇرمىقى»، ئۇرۇقى «ۋاڭنىڭ ئۇرۇقى» ياكى «جەۋزماسىل» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. گۈلى چوڭ، بىر ئاز پۇراقلىق، تەمى ئاچچىق، رەڭگى سارغۇچ قوڭۇر رەڭلىك كېلىدۇ. بۇنداق كەلگەنلىرى ياخشى ھېسابلىنىدۇ.

ئاق گۈللۈك ئىتياڭىقى ئۆسۈملۈكىنىڭ ھەممە قىسمىنىڭ تەركىبىدە ئالكالوئىد بار، ئەمما گۈلىنىڭ تەركىبىدە تۇتقان مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %0.43 كە يىتىدۇ. ئالكالوئىد تەركىبىدە ئاساسلىقى بەزىرۇلبەنجى ئالكالوئىدى، ھىئوسىن (Hyosine)، ھىئوسېئامىن (Hyoseyamine) لار بار.

1. مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىغا بولغان تەسىرى: ئاق گۈللۈك ئىتياڭىقى گۈلىنىڭ ئاساسلىق ئۈنۈملۈك تەركىبى ھىئوسىندىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تىنچلاندۇرۇش رولىغا ئىگە. ئادەتتىكى دوزىسى كىشىلەرنى ھارغىنلىق ھېس قىلدۇرىدۇ ۋە ئۇخلىتىدۇ، ئۇ يەنە كەيپىياتتىكى ھاياجانلىنىشنى يوقىتىدۇ، ئايرىم بىمارلاردا بىئاراملىق، ھاياجانلىنىش، خىيالى تۇيغۇ، ھەتتا ئىسىنى يوقىتىشتەك ئاتروپىنغا ئوخشاش قوزغىتىش ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ بۇرۇن پەقەت ناركوز قىلىشتا بېرلەتتى، دۆلىتىمىز فىزىيولوگىيەلىك ئۇسۇلدا تەكشۈرۈشتە ئىسپاتلىنىشىچە، سىكوپولامىن چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتى ۋە ئوتتۇرا مېڭە تورسىمان قۇرۇلمىسىدىكى جانلاندۇرۇش سىستېمىسىنى تورمۇزلاش تەسىرىگە ئىگە، كلىنكىدا ئىسپاتلىنىشچە، فىزوسىتگمىن ناھايىتى ياخشى ئۇيقۇ كەلتۈرۈش تەسىرىگە ئىگە ئىكەن، ئىسكوپولامىن نەپەسلىنىش مەركىزىنى قوزغىتىدۇ، بۇنىڭ بۇنداق تەسىرى ئاتروپىندىن كۈچلۈك.

2. ئەتراپقا بولغان تەسىرى: سىكوپولامىن قارچۇقنى كېڭەيتىش، كۆز پالەچلىنىشىنى ياخشىلاش، بەزلەرنىڭ سۈيۈقلۈق ئاجرىتىشىنى تورمۇزلاش تەسىرىگە ئىگە. بۇ خىل تەسىر ئاتروپىندىن بىر ھەسسە كۈچلۈك، يۈرەك ئاداشقان نېرۋىسىغا نىسبەتەن تەسىرى ئاجىزراق، جۇڭيى دورىلىرى بىلەن ناركوز قىلىش جەريانىدا يۈرەك رىتىمى تېزلىشىدۇ. بۇنداق چاغدا پروپىرانولول (شىندىئەن) ئالدىدا بېرىلىدۇ، ئۇنىڭ خولېستېرىنغا قارشىلىق تەسىرى بولغانلىقى ئۈچۈن ئىتياڭىقى گۈلىنىڭ ئومۇمىي ئالكولوئىددىن ياسالغان ئوكۇل سۇيۇقلۇقى فوسفور ۋە يېزا ئىگىلىك دورىلىرى بىلەن زەھەرلىنىشنى قۇتقۇزۇشقا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئاتروپىنغا ئوخشاش قان تومۇرلاردا ئسىپازمىنى بوشىتىدۇ، شوكقا قارشى رولىمۇ بار.

3. بەدەن ئىچىدىكى جەريانى ۋە زەھەرلىك تەسىرى: ئىتياڭىقى گۈلى ئومۇمىي ئىشقارى ئىچىلسە سۈمۈرۈلۈشى تېز بولۇپ، پۈتۈن بەدەنگە تارقاپ، بالا ھەمراھى ۋە تۆرەلمىسىدىن ئۆتۈپ ئايلىنىدۇ.

تۆتىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق.

نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش، يەل ھەيدەش، مەست قىلىش، ئاغرىق پەسەيتىش، ئۆپكە، كاناينى راۋانلاشتۇرۇش، ئىسپازما بوشىتىش.

زىققا، بوغۇم ئاغرىقلىرى، يۆتەل، بەل ۋە پۇت ئاغرىقى، كىچىك بالىلاردىكى تۇتقاقلىق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇندىن باشقا ئوپېراتسىيە ناركوز دورىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ.

1. ئەپىيۇن 0.01 گىرام، ئۇسۇڭ ئۇرۇقى 2 گىرام، بەزىرۇلبەنجى 2 گىرام، ئىتياڭىقى گۈلى 0.2 گىرام ئېلىپ، قائىدە بۇيىچە قاينىتىپ ئىچۈرۈلسە، ھەر خىل جىددىي خاراكتېرلىك ئاغرىقلارنى توختىتىدۇ.

2. سۆرۈنجان، سانا، بەدىيان، جېنتىيانا 10 گىرامدىن، ئىتياڭىقى گۈلى 0.2 گىرام، دورىلاردىن سۇپۇپ تەييارلاپ ئىچسە، پۇت، بەل ئاغرىقىغا پايدا قىلىدۇ.

3. ئەنسىل، زۇپا، پىرسىياۋشەن، زىغىر 10 گىرامدىن، ئىتياڭىقى گۈلىدىن 0.2 گىرامدىن ئېلىپ كاشكاپ تەييارلاپ بەرسە، يۆتەل، زىققىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

0.3 ~0.6 گىرام.

باھقا زىيان قىلىدۇ.

قارمۇچ، بەدىيان.

بەزىرۇلبەنجى، كۆكنار گۈلى.

ئېلىمىز ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەممە جايلىرىدىن تېپىلىدۇ.

سۇپۇپى خەشخاش.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#