ئۈششۈك دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. ئۈششۈك ()
  2. ئۈششۈك (سۇغۇق تىگىپ كىتىش)
ئۈششۈك

ئۈششۈك ئادەتتە قىش پەسلىدە كۆپ كۆرۈلىدۇ، ھاۋا كىلىماتىنىڭ سوۋۇشى تۈپەيلى يەرلىك ئورۇن تېرىلىرى تەكرار قىزىل داغ بولۇش، ئىششىش، ئېغىر بولغانلاردا سۇلۇق قاپارتما بولۇش، يارا بولۇش، كېسەللىك جەريانى ئاستا بولۇش قاتارلىقلار. ھاۋانىڭ تەدرىجىي ئىللىشىغا ئەگىشىپ، كېيىن ئۆزلۈكىدىن ساقىيىپ كېتىدۇ، لېكىن ئاسانلا قايتا قوزغىلىدۇ. 

غەرب تېبابىتى نامى ئۈششۈك
كېسەللىك سەۋەبى قاتتىق سوغۇق تەسىرىدە پۇت-قول ئۇچلىرى، قۇلاق قاتارلىقلار توقۇلمىلارنىڭ زەخىمگە ئۇچرىشى
تەۋە بۆلۈم تېرە بۆلۈمى
كېسەللىك ئورنى تېرە
ئاساسلىق ئالامىتى كېسەللەنگەن ئەزا توڭلاپ، ئىششىش، قىچىشىش، توقۇلمىلار قارىداش
خەنزۇچە نامى 冻疮
يۇقۇملىنىشى يۇقۇملانمايدۇ
ئىنگلىزچە نامى chilblain,frostbite

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۈششۈكسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، قاتتىق سوغۇق تەسىرىدە پۇت-قول ئۇچلىرى، قۇلاق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش قان تومۇرلار ئىنچىكە، تەبىئىي ھارارەت تەستىرەك يېتىپ بارىدىغان ئەزالارنىڭ توڭۇپ، توقۇلمىلارنىڭ زەخىمگە ئۇچرىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: كېسەللەنگەن ئەزا توڭلاپ، ئىششىش، قىچىشىش، توقۇلمىلار قارىداش، بەزىدە سېسىپ چۈشۈپ كېتىشتەك ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

1-رېتسېپ

تەركىبى: قىزىلمۇچ 300 گىرام، تەرخەمەك غولى 200 گىرام، كاۋا شۆپۈكى 150 گىرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى سۇدا قاينىتىپ، تولۇق تەمىنى چىقىرىپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە 2 ~ 3 قېتىم ئۈششۈك ئورۇن يۇيۇلىدۇ.

2-رېتسېپ

تەركىبى: قۇرۇتۇپ، سوقۇلغان قىزىلمۇچ 30 گىرام، ئاق % 70 لىك ئىسپىرت مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: قىزىلمۇچنى ئىسپىرتقا بىر ھەپتە چىلاپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە 3 ~ 5 قېتىم يەرلىك ئورۇنغا چېپىلىدۇ.

3-رېتسېپ

تەركىبى: قۇرۇتۇلغان لازا، ئارپىبەدىيان، زەنجىۋىل، قوۋزاقدارچىن، كاپۇر تەڭ مىقداردا، ئىسپىرت مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى ئىسپىرتقا چىلاپ، تولۇق تەمى چىققاندىن كېيىن سۈزۈۋېتىپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا دورىنى يەرلىك ئورۇنغا تېمىتىپ، 3 ~ 5 مىنۇت ئۇۋۇلاپ بېرىلىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#