تەپتىشلەر قانۇنى

تەپتىشلەر قانۇنى

1995-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12-يىغىنىدا ماقۇللانغان. 2001-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22-يىغىنىنىڭ « (جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەپتىشلەر قانۇنى) غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن تۈزىتىلدى .

ئۇيغۇرچە نامى تەپتىشلەر قانۇنى
خەنزۇچە نامى 检察官法

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تەپتىشلەر قانۇنى(1995-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12-يىغىنىدا ماقۇللانغان. 2001-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22-يىغىنىنىڭ « (جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەپتىشلەر قانۇنى) غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن تۈزىتىلدى) 

1-باب ئومۇمىي قائىدە 

1-ماددا بۇ قانۇن تەپتىشلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، تەپتىشلەرنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ قانۇن نازارەتچىلىكىنى يولغا قويۇپ، تەپتىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە مۇستەقىل يۈرگۈزۈشكە، تەپتىشلەرنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىغا، ئەدلىيە ئادىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن تۈزۈلدى. 

2-ماددا تەپتىشلەر-دۆلەتنىڭ تەپتىشلىك ھوقۇقىنى قانون بويىچە يۈرگۈزىدىغان تەپتىش خادىملىرى بولۇپ، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى ۋە ھەربىي تەپتىش مەھكىمىسى قاتارلىق مەخسۇس خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ باش تەپتىشلىرى، مۇئاۋىن باش تەپتىشلىرى، تەپتىش ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى، تەپتىش ۋە ياردەمچى تەپتىشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

3-ماددا تەپتىشلەر ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنى ساداقەتلىك بىلەن ئىجرا قىلىشى، جان دىلى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى شەرت. 

4-ماددا تەپتىشلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى قانۇن بىلەن قوغدىلىدۇ.

5-ماددا ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ ۋە مەخسۇس خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ. 

2-باب مەسئۇلىيەت 

6-ماددا تەپتىشلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى: 

(1) قانۇن نازارەتچىلىكى خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ئېلىپ بېرىش؛ 

(2) دۆلەتكە ۋاكالىتەن ئەيىبلەش؛

(3) قانۇندا خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاستە قوبۇل قىلىپ چىقىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن جىنايەت دېلولىرىنى تەھقىقلەش؛ 

(4) قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلىش. 

7-ماددا باش تەپتىش، مۇئاۋىن باش تەپتىشلەر، تەپتىش ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى تەپتىشلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغاندىن باشقا، ئۆز ۋەزىپىسىگە مۇناسىپ مەسئۇلىيەتلەرنىمۇ ئادا قىلىشى كېرەك. 

3-باب مەجبۇرىيەت ۋە ھوقۇق 

8-ماددا تەپتىشلەر تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشى كېرەك: 

(1) ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا قاتتىق رېئايە قىلىش؛ 

(2) مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا پاكىتنى ئاساس، قانۇننى ئۆلچەم قىلىش، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىش، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ قانۇننى بۇزماسلىق؛ 

(3) دۆلەت، جامائەت مەنپەئەتىنى قوغداش، تەبىئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش؛ 

(4) پاك-دىيانەتلىك بولۇش، خىزمىتىگە سادىق بولۇش، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، كەسپىي ئەخلاققا قاتتىق ئەمەل قىلىش؛ 

(5) دۆلەت مەخپىيىتى ۋە تەپتىش خىزمىتى مەخپىيىتىنى قوبۇل قىلىش. 

9-ماددا تەپتىشلەر تۆۋەندىكى ھوقۇقلارغا ئىگە: 

(1) تەپتىشلەر مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا بولۇشقا تېگىشلىك خىزمەت ھوقۇقى ۋە خىزمەت شارائىتى؛

(2) تەپتىشلەر مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشتا مەمۇرىي ئورگان، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ئارىلىشىشىغا ئۇچرىماسلىق؛

(3) قانۇندا بەلگىلەنمىگەن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن رەسمىيەتتىن ئۆتكۈزۈلمەي تۇرۇپ، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلماسلىق، ۋەزىپىسى تۆۋەنلىتىلمەسلىك، خىزمىتىدىن بوشىتىلماسلىق ياكى چارە كۆرەلمەسلىك؛ 

(4) ئەمگەك ھەققى ئېلىش، سۇغۇرتا ۋە پاراۋانلىق تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇش؛ 

(5) جىسمانىي بىخەتەرلىكى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە تۇرار جاي بىخەتەرلىكى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىش؛ 

(6) تەربىيە ئېلىش؛ 

(7) ئەرز-شىكايەت قىلىش؛ 

(8) ئىستېپا بېرىش. 

4-باب تەپتىشلەرنىڭ شەرتى 

10-ماددا تەپتىش بولغۇچىلار تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى شەرت:

(1) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىدە بولۇش؛ 

(2) 23 ياشقا توشقان بولۇش؛ 

(3) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىنى ھىمايە قىلىش؛ 

(4) سىياسىي، كەسپىي ساپاسى ياخشى بولۇش، پەزىلەتلىك بولۇش؛ 

(5) تېنى ساغلام بولۇش؛ 

(6) ئالىي مەكتەپ قانۇن كەسىپىنىڭ تولۇق كۇرسىنى پۈتتۈرگەن بولۇش ياكى ئالىي مەكتەپنىڭ قانۇنىدىن باشقا كەسىپنىڭ تولۇق كۇرسىنى پۈتتۈرگەن بولسىمۇ، قانۇن كەسپىي بىلىمى بولۇش، قانۇن خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغىنىغا ئىككى يىل توشقان بولۇش، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەپتىشى بولغۇچىلارنىڭ قانۇن خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغىنىغا ئۈچ يىل توشقان بولۇش؛ قانۇن كەسپىي بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى، دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان ياكى قانۇندىن باشقا كەسىپ بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى، دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان بولسىمۇ، قانۇن كەسپىي بىلىمى بولۇش، قانۇن خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغىنىغا بىر يىل توشقان بولۇش، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەپتىشى بولغۇچىلارنىڭ قانۇن خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغىنىغا ئىككى يىل توشقان بولۇش. 

بۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرىكى تەپتىش خادىملىرىدىن ئالدىنقى تارماقنىڭ(6) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن شەرتلەرنى ھازىرلىمىغانلار تەربىيە ئېلىشى لازىم، بۇنىڭ كونكرېت چارىسىنى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تۈزىدۇ. 

1-تارماقنىڭ(6) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن ئوقۇش تارىخىغا قويۇلغان شەرتلەرنى تەتبىقلاش ھەقىقەتەن قىيىن بولىدىغان جايلاردا، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشى ئارقىلىق، تەپتىش بولغۇچىلارنىڭ ئوقۇش تارىخىغا قويۇلغان شەرتنى مەلۇم مەزگىلگىچە ئالىي مەكتەپ قانۇن كەسىپىنڭ مەخسۇس كۇرسىنى پۈتتۈرگەن بولۇش، دەپ تۇرسا بولىدۇ.

11-ماددا تۆۋەندىكى تەپتىش تۇرسا بولمايدۇ:

(1) جىنايەت ئۆتكۈزۈلگەنلىكتىن جىنايى جازا بېرىلگەنلەر؛ 

(2) خىزمەتتىن ھەيدەلگەنلەر. 

5-باب ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش 

12-ماددا تەپتىشلەرنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش ئىشى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى ۋە رەسمىيىتى بويىچە بېجىرىلىدۇ. 

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى سايلايدۇ ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىدۇ، مۇئاۋىن باش تەپتىشلىرى، تەپتىش ھەيئىتى ئەزالىرى ۋە تەپتىشلىرىنى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى باش تەپتىشىنىڭ تەكلىپى بىلەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىدۇ. 

يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ باش تەپتىشلىرىنى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى سايلايدۇ ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىدۇ، مۇئاۋىن باش تەپتىشلىرى، تەپتىش ھەيئىتى ئەزالىرى ۋە تەپتىشلىرىنى شۇ مەھكىمە باش تەپتىشىنىڭ تەكلىپى بىلەن، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىدۇ. 

يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ باش تەپتىشلىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى باش تەپتىشىنىڭ شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇشىغا يوللىنىدۇ. sf 

ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلاردا ۋىلايەت بويىچە تەسىس قىلىنغان ۋە بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەردە تەسىس قىلىنغان خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى شۆبىلىرىنىڭ باش تەپتىشلىرى، مۇئاۋىن باش تەپتىشلىرى، تەپتىش ھەيئىتى ئەزالىرى ۋە تەپتىشلىرىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى باش تەپتىشىنىڭ تەكلىپى بىلەن، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىدۇ. 

خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ ياردەمچى تەپتىشلىرىنى شۇ مەھكىمىنىڭ باش تەپتىشى ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىدۇ. 

ھەربىي تەپتىش مەھكىمىسى قاتارلىق مەخسۇس خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ باش تەپتىشى، مۇئاۋىن باش تەپتىشلىرى، تەپتىش ھەيئىتى ئەزالىرى ۋە تەپتىشلىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش چارىسىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئايرىم بەلگىلەيدۇ. 

13-ماددا تەپتىشلىككە تۇنجى قېتىم تەيىنلەشتە قاتتىق سىناش چارىسى قوللىنىپ، ھەم ئەخلاقلىق، ھەم قابىلىيەتلىك بولۇش ئۆلچىمى بويىچە، دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش ئەدلىيە ئىمىتھانىدىن ئۆتۈپ سالاھىيەتكە ئېرىشكەن ھەمدە تەپتىشلەرنىڭ شەرتىنى ھازىرلىغان خادىملاردىن ياخشىلىرى تاللاپ كۆرسىتىلىدۇ. 

خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ باش تەپتىش، مۇئاۋىن تەپتىشلەردىن ياكى تەپتىشلەرنىڭ شەرتىنى ھازىرلىغان باشقا خادىملاردىن ياخشىلىرى تاللاپ كۆرسىتىلىدۇ. 

14-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەن تەپتىشلەرنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش ھەققىدە قانۇن بويىچە تەكلىپ بېرىش كېرەك: 

(1) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىدىن ئايرىلغانلار؛ 

(2) شۇ تەپتىش مەھكىمىسىدىن يۆتكىلىپ كەتكەنلەر؛ 

(3) ۋەزىپىسى ئۆزگىرىپ، ئەسلىي ۋەزىپىسىنى ساقلاپ قېلىش ھاجەتسىز بولغانلار؛

(4) سىناشتا لاياقەتسىز دەپ بېكىتىلگەنلەر؛

(5) سالامەتلىك تۈپەيلىدىن ۋەزىپىسىنى ئۇزاققىچە ئادا قىلالمىغانلار؛ 

(6) پېنسىيىگە چىققانلار؛ 

(7) ئىستېپا بەرگەن ياكى خىزمەتتىن بوشىتىلغانلار؛ 

(8) ئىنتىزامغا ۋە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكتىن ۋەزىپىسىنى داۋاملىق ئادا قىلىشقا بولمايدىغانلار. 

15-ماددا مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرنى ھازىرلىمىغانلارنى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن رەسمىيەتكە خىلاپ ھالدا خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشلىكىگە سايلىنىپ قالغانلارنى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تەستىقلىماسلىق ھەققىدە تەكلىپ بېرىشكە ھوقۇقلۇق.

16-ماددا تەپتىشلەر مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە خىلاپ ھالدا تەيىنلەنگەن بولسا، بايقالغان ھامان شۇ تەيىنلەش قارارىنى چىقارغان ئورگان شۇ تەيىنلەش قارارىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش لازىم؛ يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەپتىشلەرنى تەيىنلەشتە مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى بايقاپ قالسا، تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنى شۇ تەيىنلەش قارارىنى قانۇن بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا بۇيرۇشى ياكى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن تەڭ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمى كومىتېتىنىڭ شۇ تەيىنلەش قارارىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلىشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك. 

17-ماددا ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ باش تەپتىشلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ باش تەپتىشلىرى، مۇئاۋىن باش تەپتىشلىرى ۋە تەپتىش ھەيئىتى ئەزالىرىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، ئالماشتۇرۇش ھەققىدە تەكلىپ بەرسە بولىدۇ.

18-ماددا تەپتىشلەرنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدە قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىشىگە، مەمۇرىي ئورگانلاردا، سوت ئورگانلىرىدا، شۇنىڭدەك كارخانا ئورۇنلىرىدا قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىشىگە، ئادۋوكاتلىق قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 

6-باب ۋەزىپىگە قويۇشتا چەتلىتىش 

19-ماددا تەپتىشلەردىن ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى، بىۋاستە قانداشلىق مۇناسىۋىتى، ئۈچ ئەۋلاد ئىچىدىكى شىرەم تۇغقانلىق مۇناسىۋىتى ۋە يېقىن قۇدا-باجىلىق مۇناسىۋىتى بارلارنىڭ تۆۋەندىكى ۋەزىپىلەرنى بىرلا ۋاقىتتا ئۆتىشىگە يول قويۇلمايدۇ: 

(1) بىر خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مۇئاۋىن باش تەپتىشى، تەپتىش ھەيئىتى ئەزالىقى؛ 

(2) بىر خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مۇئاۋىن باش تەپتىشى، تەپتىش ۋە ياردەمچى تەپتىشلىكى؛ 

(3) بىر كەسپىي تارماقنىڭ تەپتىش، ياردەمچى تەپتىشلىكى؛ 

(4) يۇقىرى-تۆۋەن ئىككى دەرىجىلىك قوشنا خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىش، مۇئاۋىن باش تەپتىشلىكى. 

20-ماددا تەپتىشلەر خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىپ ئىككى يىلغىچە ئادۋوكاتلىق سالاھىيىتى بىلەن دەۋا ۋاكالەتچىسى ياكى ئاقلىغۇچى بولۇشقا يول قويۇلمايدۇ. 

تەپتىشلەر خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئىلگىرى ۋەزىپە ئۆتىگەن تەپتىش مەھكىمىسى بېجىرىدىغان دېلولاردا دەۋا ۋاكالەتچىسى ياكى ئاقلىغۇچى بولۇشقا يول قويۇلمايدۇ.

تەپتىشلەرنىڭ جۆرىسى، پەرزەنتلىرى شۇ تەپتىش ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان تەپتىش مەھكىمىسى بېجىرىدىغان دېلولاردا دەۋا ۋاكالەتچىسى ياكى ئاقلىغۇچى بولۇشقا يول قويۇلمايدۇ. 

7-باب تەپتىشلەرنىڭ دەرىجىسى

21-ماددا تەپتىشلەرنىڭ دەرىجىسى 12 دەرىجىگە ئايرىلىدۇ.

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى ئالىي باش تەپتىش بولىدۇ، ئىككىنچى دەرىجىدىن 12-دەرىجىگىچە بولغان تەپتىشلەر باش تەپتىش، يۇقىرى تەپتىش ۋە تەپتىش دەپ ئايرىلىدۇ. 

22-ماددا تەپتىشلەرنىڭ دەرىجىسىنى بېكىتىشتە، ئۇلارنىڭ ئۆتەۋاتقان ۋەزىپىسى، ئەخلاق-قابىلىيىتى، كەسپىي سەۋىيىسى، تەپتىش خىزمىتىدىكى ئەمەلىي نەتىجىسى ۋە خىزمەت ستاژى ئاساس قىلىنىدۇ.

23-ماددا تەپتىشلەرنىڭ دەرىجە شتاتىنى، دەرىجىسىنى باھالاش ۋە ئۆستۈرۈش چارىسىنى دۆلەت ئايرىم بەلگىلەيدۇ. 

8-باب سىناش 

24-ماددا تەپتىشلەرنى سىناشنى يولغا قويۇشقا ئۇلار ئۆزى ئىشلەيدىغان خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەشكىلاتچىلىق قىلىدۇ. 

25-ماددا تەپتىشلەرنى سىانشتا ئوبيېكتىپ-ئادىل بولۇش، رەھبەرلىك بىلەن ئاممىنى بىرلەشتۈرۈش، ئادەتتىكى سىناش بىلەن يىللىق سىناشنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك. 

26-ماددا تەپتىشلەرنىڭ تەپتىش خىزمىتىدىكى ئەمەلىي نەتىجىسى، ئىدىيىۋى ئەخلاقى، تەپتىش كەسپىي سەۋىيىسى ۋە قانۇنشۇناسلىق نەزەرىيە سەۋىيىسى، خىزمەت پوزىتسىيىسى ۋە خىزمەت ئىستىلى سىناش مەزمۇنى قىلىنىدۇ. تەپتىش خىزمىتىدىكى ئەمەلىي نەتىجىسى سىناشتا مۇھىم نۇقتا قىلىنىدۇ.

27-ماددا يىللىق سىناش نەتىجىسى مۇنەۋۋەر، لاياقەتلىك، لاياقەتسىز دەپ ئۈچ تۈرگە ئايرىلىدۇ.

سىناش نەتىجىسى تەپتىشلەرنى مۇكاپاتلاش-جازالاش، يېتىشتۈرۈش، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، خىزمەتتىن بوشىتىش ۋە ئۇلارنىڭ دەرىجىسىنى، مائاشىنى تەڭشەشنىڭ ئاساسى قىلىنىدۇ.

28-ماددا سىناش نەتىجىسى شۇ كىشىگە يازما شەكىلدە ئۇقتۇرۇلىدۇ، شۇ كىشىنىڭ سىناش نەتىجىسىگە باشقىچە پىكرى بولسا، قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

9-باب يېتىشتۈرۈش

29-ماددا تەپتىشلەر نەزەرىيە ۋە كەسپىي جەھەتتە پىلانلىق يېتىشتۈرۈلىدۇ. 

تەپتىشلەرنى يېتىشتۈرۈشتە نەزەرىيىنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش، ئېھتىياجىغا قاراپ ئوقۇتۇش، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش پرىنسىپى ئىزچىللاشتۇرۇلىدۇ. 

30-ماددا دۆلەتنىڭ تەپتىشلەر مەكتەپلىرى ۋە تەپتىشلەرنى يېتىشتۈرىدىغان باشقا ئاپپاراتلىرى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە تەپتىشلەرنى يېتىشتۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 

31-ماددا تەپتىشلەرنىڭ يېتىشتۈرۈش مەزگىلىدىكى ئۆگىنىش نەتىجىسى ۋە باھالىنىش ئەھۋالى ئۇلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە دەرىجە ئۆستۈرۈشنىڭ بىر ئاساسى قىلىنىدۇ. 

10-باب مۇكاپاتلاش 

32-ماددا تەپتىشلەردىن تەپتىش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ۋە تۆھپە ياراتقانلار ياكى باشقا گەۋدىلىك ئىش-پائالىيىتى بولغانلار مۇكاپاتلىنىدۇ. 

تەپتىشلەرنى مۇكاپاتلاشتا مەنىۋى رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن ماددىي رىغبەتلەندۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈش پرىنسىپى يولغا قويۇلىدۇ. 

33-ماددا تۆۋەندىكى ئىپادىلەرنىڭ بىرى كۆرۈلگەن تەپتىشلەر مۇكاپاتلىنىدۇ: 

(1) تەپتىش خىزمىتىدە قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقانلار؛

(2) تەپتىشلىككە دائىر بەرگەن تەكلىپلىرى ياكى تەپتىش خىزمىتىنى ئىسلاھ قىلىش ھەققىدە بەرگەن تەكلىپلىرى قوبۇل قىلىنىپ، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغانلار؛ 

(3) دۆلەت، كوللېكتىپ ۋە خەلق مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئۇلارنى زور زىياندىن ساقلاپ قېلىشتا ئىش-پائالىيەتلىرى گەۋدىلىك بولغانلار؛

(4) قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قارشى باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىشتا ئىش-پائالىيەتلىرى گەۋدىلىك بولغانلار؛ 

(5) دۆلەت مەخپىيىتى ۋە تەپتىش خىزمىتى مەخپىيىتىنى ساقلاشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقانلار؛ 

(6) باشقا تۆھپە ياراتقانلار. 

34-ماددا مۇكاپاتلاش مۇنۇلارغا ئايرىلىدۇ:تەقدىرلەش، ئۈچىنچى دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى، ئىككىنچى دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى، بىرىنچى دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى دەپ ئەنگە ئېلىش، شەرەپلىك نام بېرىش. 

مۇكاپاتلاش ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ. 

11-باب جازالاش 

35-ماددا تەپتىشلەرنىڭ تۆۋەندىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ: 

(1) دۆلەتنىڭ شان-شۆھرىتىگە نۇقسان يەتكۈزىدىغان گەپ-سۆزلەرنى تارقىتىش، قانۇنسىز تەشكىلاتلارغا قاتنىشىش، دۆلەتكە قارشى چىقىش مەقسەت قىلىنغان يىغىن ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش ۋە كۈچ كۆرسىتىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرگە قاتنىشىش، ئىش تاشلاشقا قاتنىشىش؛ sfsef 

(2) خىيابنەتچىلىك-پارىخورلۇق قىلىش؛ 

(3) نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، قانۇننى بۇزۇش؛

(4) قىيناپ سوراق قىلىپ، قىستاپ ئىقرار قىلدۇرۇش؛ 

(5) دەلىل-ئىسپاتلارنى يوشۇرۇش ياكى ئويدۇرۇپ چىقىرىش؛

(6) دۆلەت مەخپىيىتى ۋە تەپتىش خىزمىتى مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاش؛ 

(7) خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىپ، تەبىئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەكشىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈش؛ 

(8) خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ، خاتا دېلو پەيدا قىلىش ياكى دەۋالاشقۇچىلارنى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىش؛ 

(9) دېلو بېجىرىشنى كەينىگە سۆرەپ، خىزمەتنى ئاقسىتىش؛ 

(10) خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىگە ياكى باشقىلارغا نەپ يەتكۈزۈش؛

(11) پايدا تاپىدىغان تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىش؛

(12) دەۋالاشقۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ۋاكالەتچىلىرى بىلەن ئاستىرتىن كۆرۈشۈش، دەۋالاشقۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ۋاكالەتچىلىرىنىڭ زىياپىتىگە بېرىش، سوۋغىتىنى ئېلىش؛ (13) قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپ باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلىش. 

36-ماددا تەپتىشلەردىن مۇشۇ قانۇننىڭ 65-ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

37-ماددا چارە مۇنۇلارغا ئايرىلىدۇ: ئاگاھلاندۇرۇش، گۇناھ يېزىش، چوڭ گۇناھ يېزىش، دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش، ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلاش ۋە خىزمەتتىن ھەيدەش. 

ۋەزىپىسى ئېلىپ تاشلانغانلارنىڭ مائاشى ۋە دەرىجىسىمۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا چۈشۈرۈلىدۇ. 

38-ماددا چارە كۆرۈش ھوقۇق دائىرىسى ۋە رەسمىيىتى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ. 

12-باب مائاش، سۇغۇرتا ۋە پاراۋانلىق 

39-ماددا دۆلەت تەپتىشلىرىنىڭ مائاش تۈزۈمى ۋە مائاش ئۆلچىمىنى تەپتىش خىزمىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ بەلگىلەيدۇ.

40-ماددا تەپتىشلەرنىڭ مائاشىنى قەرەللىك ئۆستۈرۈش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. سىناشتا مۇنەۋۋەر، لاياقەتلىك دەپ بېكىتىلگەنلەرنىڭ مائاشى بەلگىلىمە بويىچە ئۆستۈرۈلسە بولىدۇ؛ ئالاھىدە تۆھپە ياراتقانلارنىڭ مائاشى بەلگىلىمە بويىچە مۇدەتتىن بۇرۇن ئۆستۈرۈلسە بولىدۇ. 

41-ماددا تەپتىشلەر دۆلەت بەلگىلىگەن تەپتىش خىزمىتى قوشۇمچە ياردەم پۇلى، رايون قوشۇمچە ياردەم پۇلى، باشقا قوشۇمچە پۇل ۋە سۇغۇرتا، پاراۋانلىق تەمىناتلىرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

13-باب ئىستېپا بېرىش ۋە خىزمەتتىن بوشىتىش 

42-ماددا تەپتىشلەر ئىستېپا سورىسا، ئۆزى يازما ئىلتىماس سۇنۇشى، قانۇندا بەلگىلەنگەن رەسمىيەت بويىچە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشى لازىم.

43-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەن تەپتىشلەر خىزمەتتىن بوشىتىلىدۇ:(1) يىللىق سىناشتا ئۇدا ئىككى يىل لاياقەتسىز دەپ بېكىتىلگەنلەر؛ 

(2) ھازىرقى خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغان، باشقا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرسىمۇ ئۇنىمىغانلار 

(3) تەپتىش ئاپپاراتى تەڭشىلىپ ياكى شتات قىسقارتىلىپ، خىزمىتىنى تەڭشەشكە توغرا كەلگەندە مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشنى رەت قىلغانلار. 

(4) ئىشقا رۇخسەتسىز كەلمىگەن ياكى رۇخسەت ۋاقتى توشۇپ ئورۇنسىز سەۋەبلەر بىلەن كەلمىگەن ۋاقتى ئۇدا 15 كۈندىن ئاشقان ياكى بىر يىلدا جەمئىي 30 كۈندىن ئاشقانلار؛ (5) تەپتىشلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان، تەربىيە بەرسىمۇ تۈزەلمىگەنلەر. 

44-ماددا خىزمەتتىن بوشىتىلىدىغان تەپتىشلەر قانۇندا بەلگىلەنگەن رەسمىيەت بويىچە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلىدۇ. 

14-باب پېنسىيىگە چىقىش 

45-ماددا تەپتىشلەرنىڭ پېنسىيىگە چىقىش تۈزۈمىنى دۆلەت تەپتىش خىزمىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئايرىم بەلگىلەيدۇ.

46-ماددا تەپتىشلەر پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن، دۆلەت بەلگىلىگەن ياشانغانلار سۇغۇرتا پۇلىدىن ۋە باشقا تەمىناتلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ. 

15-باب ئەرز-شىكايەت قىلىش 

47-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ كۆرگەن چارىسىگە، بىر تەرەپ قىلىشىغا قايىل بولمىغان تەپتىشلەر چارە كۆرۈش، بىر تەرەپ قىلىش قارارىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە ئەسلىي چارە كۆرگەن، بىر تەرەپ قىلغان ئورگانغا قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ ھەمدە ئەسلىي چارە كۆرگەن، بىر تەرەپ قىلغان ئورگاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگىنىغا ئەرز قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

ئەرزنى قوبۇل قىلغان ئورگان بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى شەرت.

قايتا قاراپ چىقىش ۋە ئەرز قىلىش مۆھلىتى ئىچىدە، تەپتىشكە چارە كۆرۈش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش قارارىنىڭ ئىجراسى توختىتىلمايدۇ. 

48-ماددا تەپتىشلەر تەپتىشلەرنىڭ مۇشۇ قانۇننىڭ 9-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىنى ئۆتكۈزگەن دۆلەت ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

مەمۇرىي ئورگانلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ياكى شەخسلەردىن تەپتىشلەرنىڭ تەپتىشلىك مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىغا ئارىلىشىۋالغانلارنىڭ جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 

49-ماددا تەپتىشلەر ئەرز-شىكايەت قىلىشتا راستچىل بولۇشى كېرەك. پاكىت ئويدۇرۇپ چىقارغان، قارا چاپلاپ زىيانكەشلىك قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 

50-ماددا تەپتىشلەرگە خاتا چارە كۆرگەنلەر ياكى تەپتىشلەرنى خاتا بىر تەرەپ قىلغانلار ۋاقتىدا تۈزىتىشى لازىم؛ ئۇلارنىڭ نامىغا داغ تەگكۈزگەنلەر نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى، تەسىرىنى تۈگىتىشى، ناماقۇل بولۇشى كېرەك؛ ئۇلارغا ئىقتىسادىي زىيان يەتكۈزگەنلەر زىياننى تۆلەپ بېرىشى لازىم؛ ئۇلاردىن زەربە بېرىپ ئۆچ ئالغان بىۋاستە جاۋابكارلارنىڭ جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلۈشى كېرەك. 

16-باب تەپتىشلەرنى سىناش-باھالاش ھەيئىتى 

51-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدە تەپتىشلەرنى سىناش-باھالاش ھەيئىتى تەسىس قىلىنىدۇ.

تەپتىشلەرنى سىناش-باھالاش ھەيئىتىنىڭ مەسئۇلىيىتى-تەپتىشلەرنى يېتىشتۈرۈش، سىناش-باھالاش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش، بۇنىڭ كونكرېت چارىسى ئايرىم بەلگىلىنىدۇ. 

52-ماددا تەپتىشلەرنى سىناش-باھالاش ھەيئىتىنىڭ تەركىبىدىكى خادىملار بەشتىن توققۇزغىچە بولىدۇ. 

تەپتىشلەرنى سىناش-باھالاش ھەيئىتىنىڭ مۇدىرلىقىنى شۇ مەھكىمىنىڭ باش تەپتىشى ئۈستىگە ئالىدۇ.

17-باب قوشۇمچە قائىدە

53-ماددا ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەپتىش خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ھەر دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى تەپتىشلىرىنىڭ خادىم شتاتىدا ئىگىلەيدىغان نىسبىتىنىڭ چارىسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ. 

54-ماددا دۆلەت تەپتىشلىككە، سودىيىلىككە تۇنجى قېتىم تەيىنلىنىدىغانلاردىن ۋە ئادۋوكاتلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشمەكچى بولغانلاردىن بىر تۇتاش ئەدلىيە ئىمتىھانى ئېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ ئەدلىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بىلەن بىرلىكتە ئەدلىيە ئىمتىھانى ئېلىش چارىسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ، ئۇنى يولغا قويۇشقا گوۋۇيۈەننىڭ ئەدلىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى مەسئۇل بولىدۇ.

55-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ پۈتۈكچىلىرىنى باشقۇرۇش چارىسىنى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تۈزىدۇ. 

خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي خادىملىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە باشقۇرۇلىدۇ.

56-ماددا بۇ قانۇن 1995-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#