بوسانوۋا

بوسانوۋا

بوسانوۋا (BossaNova) كۈي شەكلى برازىلىيەدە بارلىققا كەلگەن جەز پۇراقتىكى مۇزىكا ئۇسلۇبى.

ئۇيغۇرچە نامى بوسانوۋا
چەتئەلچە نامى BossaNova
خەنزۇچە نامى 巴萨诺瓦

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بوسانوۋابوسانوۋا (BossaNova) ئەسلى پورتىگال تىلىدىن كەلگەن بۇلۇپ، «Bossa» بىرخىل لاتىنچە ئۇسۇل رېتىمى، «Nova» يېڭى دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بوسانوۋا مۇزىكا ئۇسلۇبى برازىلىيەدە  يەنى رىئودى ژانىرو شەھرىدە بارلىققا كەلگەن بولغاچقا بۇنىڭغا برازىلىيەنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسسۇل ئاھاڭلىرىدىن ئەنئەنىۋى سامبا ۋە choro نىڭ ئىلمىنتلىرىمۇ سىڭىشىپ كەتكەن. كېيىن ئامېرىكىغا كەڭ تارقىلىپ جەز ساھەسىدە ياقتۇرۇشقا ئېرىشكەن. شۇ سەۋەبتىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا كىشىلەر بوسانوۋانى لاتىنچە جەزنىڭ بىر تۈرىدەپ قارىغان. 

1959-يىلى فرانسىيەلىك رېژىسور مارسىل كامۇس (Marcel Camus) ئىشلىگەن «قارا ئوفىئوس»(Black Orpheus)  كىنو فىستىۋاللىرىدا (ئوسكارمۇ بار) ئەڭ نادىر چەتئەل فىلىمى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. كىنونىڭ بوسانوۋا ئۇسلۇبىدىكى ئاساسىي ناخشىسى «A Felicidade» بىلەن «Desafinado» ئەينى ۋاقىتتا زور بوسانوۋا قىزغىنلىقى قوزغىغان. 

بوسانوۋا (Bossa Nova) نىڭ ئىسمىدىنلا «يېڭى رېتىم» دىگەن مەنا چىقىپلا تۇرىدۇ. ئاڭلىغاندا شۇنداق تاتلىق. ئاممىباپ جەنۇبىي ئامېرىكا مۇزىكىلىرىغا ئوخشىمايدىغان يىرى بوسانوۋا سامبا ۋە رۇمبىغا ئوخشاش رېتىمى كۈچلۈك ئەمەس. ئۇ جەنۇبى ئامېرىكا مۇزىكىلىرىنىڭ ھىسىياتلىق رېتىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندىن باشقا يەنە ئىزگۈ ۋە راھەت تۇيغۇنى شەكىللەندۈرگەن. 

بوسانوۋا1950-يىلى ئەينى ۋاقىتتىكى داڭلىق مۇزىكانت ئانتونىئو كارلوس جوبىم (antonio carlos jobim) برازىلىيە مۇزىكا رېتىمى Samba ۋە ئامېرىكىنىڭ cool jazz نى بىرىكتۈرۈپ يېقىملىق، راھەت، رومانتىك ئۇسلۇبنى بارلىققا كەلتۈرگەن. 1950-يىللارنىڭ ئاخىرى بۇ خىل مۇزىكا ئۇسلۇبى ئامېرىكىغا كىرىپ ئاۋال جەنۇپتىكى لاتىن تىل سېستىمىسىدىكىلەرنىڭ ئەۋلادلىرى ئارىسىدا ئاندىن ئامېرىكىنىڭ شەرقى ۋە شىمالىدىكى شەھەرلەردە زور ئالقىشقا ئېرىشكەن. كېيىنچە كانادا ۋە ياۋرۇپادىكى بەزى دۆلەتلەرگە تارقالغان. كېيىنكى ۋاقىتلاردا چارلى بايرد (Charlie Byrd)، ستان گېتىز (Stan Getz)، ئاستىرۇد گىلبېرتو (Astrud Gilberto) قاتارلىق داڭلىق بوساچىلىلار ۋە ئەڭ داڭلىق ئەسەر -«The Grilfrom Ipanema» مەيدانغا كەلگەن. 60-يىللار BossaNova نىڭ ئەڭ چاقنىغان دەۋرى بولغان. 

بوسانوۋاAntonio Carlos Jobim (بوسانوۋا ئاتىسى، 1927-1994)؛

The Girl From Ipanema؛

Meditation؛

Água de Beber؛

Desafinado؛

Corcovado؛

How Insensitive؛

Stan Getz؛

The Girl From Ipanema؛

Lisa Ono,小野リサ؛

Olivia Ong

بوسانوۋا60-يىللاردا ياپونىيەدە بوسانوۋا تىز مودا بولغان. داڭلىق ساكىسفونچى سادائو ۋاتانابې (渡边贞夫) ئەينى ۋاقىتتىكى بوسانى ياپونىيەگە ئۇمۇملاشتۇرۇشقا تەسىر كۆرسەتكەن شىەخىس ھىسابلىندۇ. كېيىن كىئېكو لى (李敬子)، ئونولىزا (小野丽莎)، شىگېكو سۇزۇكى (铃木重子) قاتارلىق داڭلىق جەز سەنئەتكارلىرى ۋە نۇرغۇن بوسانوۋا ئەسەرلىرى بارلىققا كەلگەن. ئونولىزا ياپونىيەدىكى ئەڭ داڭلىق  بوسانوۋا سەنئەتكارىنىڭ ۋەكىلى ھىسابلىندۇ.  

80-يىللاردىن كېيىن بوسسانوۋا شاڭگاڭ ۋە تەيۋەن ئارقىلىق چوڭ قۇرۇقلۇققا تەسىر كۆرسەتتى، بوسسانوۋا بىلەن تونۇشۇش بىر قەدەدر كېيىن بولغان بولسىمۇ ئەمما بۇمۇ بىزدە بوش ساھە ئەمەس.  2000-يىللاردىن كېيىن  مەملىكەتلىك مۇزىكا ئىقتىدارىنى ئاساس قىلغان مودېل مۇسابىقىسىدە ئىككى قېتىم بىرىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرگەن شاھىمەردان ئۇيغۇرلاردىكى بوسسانوۋا مۇزىكا ئۇسلۇبىدا ناخشا ئوقۇيدىغانلارنىڭ تىپىك ۋەكىلى.[0] 


بوسانوۋا (Bossa Nova) نىڭ ئىسمىدىنلا «يېڭى رېتىم» دىگەن مەنا چىقىپلا تۇرىدۇ.  ئاڭلىسا شۇنداق تاتلىق. ئاممىباپ جەنۇبىيئامېرىكا مۇزىكىلىرىغا ئوخشىمايدىغان يىرى بوسانوۋا سامبا ۋە رۇمبىغا ئوخشاش رېتىمى كۈچلۈك ئەمەس.  ئۇ جەنۇبىي ئامېرىكا مۇزىكىلىرىنىڭ ھىسىياتلىق رېتىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندىن باشقا يەنە ئىزگۈ ۋە راھەت تۇيغۇنى شەكىللەندۈرگەن. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#