جوۋيى (نازاكەت)

خەنزۇچە ئىسمى: جوۋيى (ئۇيغۇرچە ئىسمى: نازاكەت) سەنئەت پۇرۇقى كۈچلۈك بولغان بىر ئائىلىدە تۇغۇلغان،كېچىكىدىنلا مۇزىكا تەربىيسىنى قوبۇل قىلغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى نازاكەت
مىللىتى خەنزۇ
قان تىپى AB تىپ
تۇغۇلغان كۈنى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى
خەنزۇچە ئىسمى جوۋيى
كەسپى ناخشىچى
بوي ئىگىزلىكى 162 سانتىمىتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

نازاكەتخەنزۇچە ئىسمى: جوۋيى (ئۇيغۇرچە ئىسمى: نازاكەت) سەنئەت پۇرۇقى كۈچلۈك بولغان بىر ئائىلىدە تۇغۇلغان، كېچىكىدىنلا مۇزىكا تەربىيسىنى قوبۇل قىلغان، ئۇنىڭ دادىسىنىڭ چالغان ئەرخۇ مۇزىكىسىنىڭ ياڭراق مۇڭ ئاۋازىنى داۋاملىق ئاڭلاپ چوڭ بولغان.

 شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىدا خىزمەت قىلىش تەجرىبىسى ئۇنىڭغا قويۇق بولغان ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي مۇزىكا ماتىرياللىرى ۋە ئامىللىرى بىلەن ئۇچرۇشۇش مۇھىتىنى ھازىرلىغان بولۇپ شۇ جەرياندا ئىجادىيەت قىلىشنى باشلىغان، نەتىجىدە ئۇ ئۆزىگە خاس بولغان ناخشا ئېيتىش ئۇسلۇبىنى ياراتقان.

نازاكەتجوۋيىنىڭ ئاۋازىدا پەرىق ئىتىش دەرىجىسى يۇقۇرى بولغان، دوراش قېيىن بولغان ئۆزگىچە بىر خىل ئاۋاز رېتىمى بولۇپ، ناخشا ئورۇندىغاندا ئاۋازى كۈچلۈك ، ياڭراق. نەق مەيدان ئورۇندىغاندا ئاۋازى لەرزان ۋە كۈچلۈك، ئادەمنى ھاياجانغا سىلىپ قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان گۈزەل ئاۋازغا ئىگە.

ئۇنىڭ گۈزەل يىقىملىق ئاۋازى بولسا دەل ئۇنىڭغا بولغان ئەڭ توغرا تەبىردۇر.ئۇنىڭ ئۆزگىچىلىككە ئىگە ئالاھىدە ئاۋازى ھەر قېتىم سەھنىدە ماھارەت كۆرسەتكەندە ھەر ساھە كىشلەرنىڭ ۋە سەنئەت ساھەسىدىكىلەرنىڭ يۇقۇرى باھاسىغا ۋە مۇئەييەنلەشتۈرشىگە، قوللىشىغا ئىرىشىپ كەلگەن.

قارا دەيدۇ 

تارىم 

قارلەيلىسى

بۇلبۇللار

ئاسماندىكى پەرىشتە

ئەي باللار

ساما 

مۇدەنخان

ئازاتلىق

قارا كۆز

شاڭخەي شىڭۋەيشىڭ شىركىتى تەرىپىدىن تارقىتىلغان (ئاسماندىكى پەرىشتە) ناملىق پىلاستىنكىسى.

 گۇاڭدۇڭ جىنيىڭخاڭ شىركىتى ئىشلەپ تارقاتقان مەخسۇس پىلاستىنكىسى.

جوۋيىمەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە مائارىپ مىنىستىرلىكى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىگە قاتناشقان.

مەركىزى تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالاھىدە تەكلىۋى بىلەن (جوڭنىنغا كىرىش) ناملىق ئەدەبىيات سەنئەت كېچىلىكىگە قاتناشقان.

مەركىزى تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالاھىدە تەكلىۋى بىلەن (خوتەنگە سەپەر) قاشتىشى بايرىمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان.

مەركىزى تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى ئۇيۇشتۇرغان (گۈزەللىك ئاقسۇدا) ناملىق چوڭ تىپتىكى ناخشا - ئۇسسۇل پىروگراممىسىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان.

ئۇنىڭ (شىنجاڭغا مەدىيە) ناملىق ئىجادىي ناخشىسى جۇڭگودىكى ئون چوڭ ئىجادىي ناخشا  بولۇپ باھالىنىپ نەق مەيداندا مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا  قاتناشقان. 

شىنجاڭ خەلقئارا ساياھەت بايرىمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان. 

غۇلجا خەلقئارا ساياھەت بايرىمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان.  

غۇلجا تۇنجى نۆۋەتلىك يېڭى ناخشىمىزدا غۇلجىنى كۈيلەيمىز ناملىق چوڭ تىپتىكى سەنئەت كېچىلىكىگە قاتناشقان. 

غۇلجىدا باھار ناملىق چولپانلار ناخشا كېچىلىكىگە قاتناشقان.

كۇچا كۆسەن خەلقئارا ساياھەت بايرىمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان. 

شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات ئېچىۋىتىشنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئەدەبىيات سەنئەت كېچىلىكىگە قاتناشقان. 

شىنجاڭ تاكسچىلار ناخشىسى ئالتۇن مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن. 

ئۇ يەنە كۆپ قېتىم شىنجاڭنىڭ باھار بايرىمىنى تەبرىكلەش ئەدەبىيات سەنئەت كېچىلىكلىرىگە قاتناشقان. 

جوۋيىنىڭ ئاۋازى تارىخى شىئىرلارغا، خەلق ناخشسى، داستان، مۇقام قاتارلىق غەربى يۇرتنىڭ ئۇلۇغ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئاۋازى ھەقىقىي ئەل ئىچى ۋە يايلاق مەدەنىيتىگە ۋەكىل بولۇپ كەڭ تەبىئەتكە ، زىمىنغا ۋە قەلىبنىڭ كۈچىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

مۇزىكا نۇرغۇن يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھەر كۈنلۈك ئاشلىقى ۋە يىمىكى بولۇپ ئۇنى ئىتىقات دەرىجىسىگە كۆتۈرگەن. بۈگۈن بۇ ئەنئەنىلىرىمىزگە قانداق ۋارىسلىق قىلىشتا يىڭى ئورۇنداش ماھارىتى بولۇش بىلەن بىرگە ناخشىچىنىڭ ئەقىل پاراسىتى، تالانتى، يېڭىلىق يارىتىش كۈچى ئىنتايىن مۇھىمدۇر.

جوۋيى نۇرغۇن بەدەللەرنى ۋە تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى، بولۇپمۇ (ئاسماندىكى پەرىشتە) ناملىق پىلاستىنكىسىدىكى ھەر بىر ناخشىسى ئۇنىڭ ئۆز كەچمىشى ۋە ھىس تۇيغۇسىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ بۇ كۈيلەر ئۇنىڭ قەلبىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يەرلىرىدىن ۋە بالىلىق ئەسلىمىلىرىدىن ئۇرغۇپ چىققان. ئۇنىڭ ئاۋازى يىقىملىق ۋە لەرزان گويا گۈزەل چۈشتەك، ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەر جايلاردا ھەر خىل تىلدا بولۇپمۇ خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە تىللاردا ئارلاشما ئاۋازدا ناخشا ئىيتقاندا مۇزىكا دەل سۆزلىشىش ۋە دىئالوگ قىلىش رولىغا ئىگە بولۇپ ماكان زامان چەكلىمىسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ مىللەت ۋە قەلب ئارىسىدا زور قىممەتكە ۋە ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدۇ. 

ـــــــ  شىنۋىي 

مەن ئۈچۈن ئىيتقاندا مۇزىكا مېنىڭ قەلبىمدە چوڭ بولغان، باشتىن ئاخىر مېنىڭ كاللامدا روھىي دۇنيارىمدا مەۋجۇت بولۇپ ئەۋىج ئۇرۇپ كەلگەن. مىنىڭ ئەتراپىمدا مەن بىلەن بىرگە تۇرمۇش كەچۈرۈپ، تاماق يىگەندەك، ئۇخلىغاندەكلا تەبىي ھالەتتە مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. مېنىڭ مۇزىكام ۋاقىت ۋە بوشلۇقنىڭ ئۆزگۈرىشىگە ئەگىشىپ مەندىن ئايرىلىپ كەتمەيدۇ. چۈنكى مېنىڭ تۇغۇلغاندىن ھازىرغىچە بولغان ئەسلىمىلىرىمدە ئۇ مەن بىلەن بىرگە مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن، بۇندىن كېيىنمۇ ھەم شۇنداق ،ئۇ مەڭگۈ قەلبىمدىن توختىماستىن ئۈزلۈكسىز ئېقىپ چىقىدۇ .百灵鸟

قارا دەيدۇ 
تارىم 
قارلەيلىسى
بۇلبۇللار
ئاسماندىكى پەرىشتە
ئەي باللار
ساما 
مۇدەنخان
ئازاتلىق
قارا كۆز

قارا دەيدۇ 
تارىم 
قارلەيلىسى
بۇلبۇللار
ئاسماندىكى پەرىشتە
ئەي باللار
ساما 
مۇدەنخان
ئازاتلىق
قارا كۆز

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#