قۇشلارنىڭ ئەڭ ئاستا قانات قېقىشى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قۇشلارنىڭ ئۇچۇشى ئىككى خىل بولىدۇ. بىر خىلى قانات قېقىپ ئۇچۇش، يەنە بىر خىلى لەيلەپ ئۇچۇش، بۇ ئىككى خىل ئۇچۇش پۈتۈنلەي ھاۋ دىنامىسكىسىنى ئاساس قىلىدۇ. قۇشلارنىڭ ئۇچۇش جەريانىدىكى كۆتۈرۈلۈش كۈچى قانات كۆلىمىگە توغرا تاناسىپ، شۇنىڭدەك ئۇچۇش تېزلىكىمۇ توغرا تاناسىپ بولىدۇ. شۇڭا قانىتى نىسپىي ھالدا قانچە كىچىك بولغان قۇشلارنىڭ قانات قېقىشى شۇنچە كۆپ بولىدۇ.

 قۇشلارنىڭ قانىتى نىسپىي كۆلىمى قانچە زور بولسا، كۆتۈرۈلۈش كۈچى شۇنچە زور بولىدۇ. بەزى يىرتقۇچ قۇشلارنىڭ قانىتى زور بولغانلىقتىن، ئۇلار بوشلۇقتا يۇقۇرىغا كۆتۈرۈلىدىغان ھاۋا ئېقىمىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنالايدۇ. شۇڭا ئۇلار تېز قانات قاقمايلا ھاۋادا لەيلەپ ئۇچالايدۇ. ئامېرىكا قىتئەسىدىكى چوڭ تاز قۇشنى ئالساق، ئۇ ھاۋادا بىر قېتىممۇ قانات قاقمايلا ھاۋادا لەيلەپ ئۇچالايدۇ. بەزىدە قانات قېقىش نىسپىتى سېكۇنتىغا بىر قېتىمغا توغرا كېلىدۇ. مەملىكىتىمىزدىكى بىرنەچچە خىل زور يىرتقۇچ قۇشلار مەسىلەن: تاز بۈركۈت، ساقاللىق تاز بۈركۈت، تاز قارالارمۇ مۇشۇنداق ئىقتىدارغا ئىگە. ئۇلار دائىم چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىدىكى ئېگىز تاغلاردا، ئوتلاقلاردا ئۇدا بىر نەچچە سائەت قانات قاقماي تۆۋەنگە قاراپ لەيلەپ ئۇچۇپ، جەسەتلەرنى ۋە ئۆلۈش ئالدىدا تۇرغان ھايۋانلارنى ئىزلەيدۇ. دېڭىز-ئوكيانلاردىكى ئالباتروسمۇ ناھايىتى ياخشى لەيلەپ ئۇچۇش ئىقتىدارىغا ئىگە. ئۇنىڭ قانىتى ئانچە كەڭ بولمىسىمۇ، لېكىن ناھايىتى ئۇزۇن، شۇڭا ئۇ دېڭىز ئوكيانلاردىكى ئۆزگىرىشچان ھاۋا ئېقىمىغا ئوبدان ماسلىشىپ، ئۇزاق ۋاقىتقىچە ئۇزاق مۇساپىگە لەيلەپ ئۇچالايدۇ. (ۋاڭ جياجۈن)


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#