كامبودژا

كامبودژا

 كامبودژانىڭ 2010-يىلى 10-ئايدىكى  ئاھالىسى 14 مىليون 500 مىڭ بولۇپ، كامبودژانىڭ يەر مەيدانى 181 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر.  شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى ھىندىچىنى يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىي قىسىمىغا جايلاشقان، شىمالدا لائوس بىلەن ، غەربىي شىمالدا تايلاند بىلەن قوشنا، شەرق ۋە شەرقىي جەنۇبى قىسمى ۋېينام بىلەن تۇتىشىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى كامبودژا پادىشاھلىقى
قىسقارتىلغان نامى كامبودژا 柬埔寨
پايتەختى فنوم پېن
نوپۇسى 15مىليون 405 مىڭ
پۇلى رىئېل
خەنزۇچە نامى 柬埔寨王国
قىتئە تەۋەلىكى ئاسيا قىتئەسى
دۆلەت تىلى كېغمىر تىلى
يەر مەيدانى 181مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر
ئىنگىلىزچە نامى Kingdom of Cambodia

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كامبودژا كامبودژانىڭ 2010-يىلى 10-ئايدىكى  ئاھالىسى 14 مىليون 500 مىڭ بولۇپ، كامبودژانىڭ يەر مەيدانى 181 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر.  شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى ھىندىچىنى يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىي قىسىمىغا جايلاشقان، شىمالدا لائوس بىلەن ، غەربىي شىمالدا تايلاند بىلەن قوشنا، شەرق ۋە شەرقىي جەنۇبى قىسمى ۋېينام بىلەن تۇتىشىدۇ. دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 460 كىلومېتىر. ئوتتۇرا ۋە جەنۇبى قىسمى تۈزلەڭلىك، شەرق، شىمال ۋە غەربىي قىسمى تاغلىق ھەم ئېگىزلىكلەر بىلەن ئورالغان، ككپ قىسىم رايونلىرى ئورمان بىلەن قاپلانغان. كراۋانج تاغ تىزمىسىنىڭ شەرقىي بۆلىكىدىكى ئابرال تېغىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1813 مېتىر كېلىدۇ. مىكون دەرياسىنىڭ چېگرا ئىچىدىكى ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 500 كىلومېتىر بولۇپ، بۇ دەريا كامبودژانىڭ شەرقىي قىسىمىدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ. تونلې ساب كۆلى ھىندىچىنى يېرىم ئارىلىدىكى ئەڭ كۆپ كۆل ھېسابلىنىدۇ. دېڭىز ئەتراپىدا ئۇششاق ئاراللار كۆپ بولۇپ، كائوخ كوڭ ئارىلى، لوڭ ئارىلى ئاساسلىق ئاراللاردۇر.

پايتەختى فنوم پېننىڭ ئاھالىسى 1 مىليون 100 مىڭ (1998 - يىلى). پنۇم پېن تونلې ساپ كۆلى بىلەن مىكون دەرياسى كېسىشكەن جايغا جايلاشقان، ئۇ كامبودژانىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە دىن مەركىزىدۇر.

كامبودژاكامبودژا ئۇزاق تارىخقا ئېگە مەدەنىيەتلىك دۆلەت، مىلادىيە 1 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا دۆلەت بولۇپ قۇرۇلغان. مىلادىيە 9 - ئەسىردىن 14 - ئەسىرگىچە  ئانكور ئىمپىرىيسى  قۇدرەت تاپقان، مەدەنىيەت تەرەققىي قىلغان، دۇنياغا مەشھۇر ئانكور مەدەنىيىتى يارىتىلغان. 1863 - يىلىدىن باشلاپ كامبودژا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ فرانسىيە مۇستەملىكىسى بولۇپ قالغان، 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياپونىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان، 1953 - يىلى 11 - ئاينىڭ 9 - كۈنى مۇستەقىل بولغان. دەسلەپ قىزىل كىىمىرنىڭ قانلىق دىكتاتۇرىسىدا شۇ چاغدىكى ئاھالىنىڭ %20 دىن ئايرىلىپ قالغان بولسا، 1978- يىللىرىدىن باشلاپ كامبودژا ۋېتنامنىڭ تاجاۋۇزى، تايلاندنىڭ زىمىن ئىگەللىېرلىشىغا دۇچ كېلىپ  ئۇزاق مەزگىللىك تاشقى ۋە ئىچكى ئۇرۇش مالىمانچىلىقىنى باشتىن كەچۈرگەن. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاياقلاشقاندىن كېيىن قىزىل كىخمىر ئاجىزلىشىپ 1993- يىلى خەلقئارا جەمىيەتنىڭ كېلىشتۈرۈشى ۋە ھەيدەكچىلىكى بىلەن چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈپ، پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇن تۈزۈمى ۋە دىموكراتىيە ئەسلىگە كەلگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن كامبودژا تىنچلىق ۋە تەرەققىيات دەۋرىگە قەدەم قويغان.

 كامبودژانىڭ ئىقلىمى تىروپىك بەلباغنىڭ مۇسسۇن ئىقلىمىغا تەۋە، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 30 سېلسىيە گرادۇس - 29 سېلسىيە گرادۇس، 10-5 ئايلار يامغۇر پەسلى ھېسابلىنىدۇ.

دۆلەت بايرىقى

كامبودژا قىزىل ، كۆك ۋە ئاق رەڭلەرنى ئاساس قىلغان . كامبودژانىڭ دۆلەت بايرىقى ئۇچ دانە پاراللېل توغرا تىك تۆت بۇلۇڭدىن، يەنى ئوتتۇرىسى قىزىل رەڭلىك تىك تۆت بۇلۇڭدىن، ئاستى - ئۈستى ئىككى تەرىپى تەڭ چوڭلۇقتىكى ئىككى دانە تىك تۆت بۇلۇڭدىن تەركىپ تاپقان. قىزىل رەڭ بەخت - سائادەت ۋە خۇشاللىققا، كۆ رەڭ يورۇقلۇق ۋە ئەركىنلىككە سىمۋول قىلىنغان. بايراقنىڭ قىزىل رەڭلىك بۆلىكىنىڭ ئوتتۇرىسىغا پنۇم پېن شەھىرىنى ئوراپ تۇرغان ئانكور ئىبادەتخانىسىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن، بۇ مەشھۇر بۇددا قۇرۇلۇشى كامبودژانىڭ ئۇزاق  تارىخى ۋە قەدىمىي مەدەنىيەتىنىڭ سىمۋولىدۇر.

دۆلەت گېربى

كامبودژاكامبودژانىڭ دۆلەت گېربى پادىشاھ شەمشىرى مەركىزىي سىزىق قىلىنغان، ئىككى تەرىپى ئۆز ئارا سىممېترىك شەكىلدە بولۇپ، دۆلەت گېربى مەركىزىدىكى پادىشاھ شەمشىرى پادىشاھنىڭ ھوقۇقى ھەممىدىن ئۇستۇن، دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. ئىككى يېنىدا بەش قەۋەتلىك سايىۋەننى قوغداپ ت ۇرغان شىرنىڭ يسۈرىتى بار، «5» دېگەن بۇ سان كامبودژانىڭ قائىدە - يوسۇندىكى مۇكەممەللىكىگە ۋە بەخت - سائادەتكە سىمۋول قىلىنغان. ئىككى ياندىكى پالمىسىمان كاپوستا يوپۇرمىغى غەلىبىگە سىمۋول قىلىنغان. ئەڭ ئاستىدىكى لېنتىغا كامبودژا يېزىقىدا «كامبودژا پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى» دېگەن خەت يېزىلغان. بىر پۈتۈن دۆلەت گېربى كامبودژا پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھ رەھبەرلىكىدىكى بىرلىككە كەلگەن، مۇكەممەل، ئىتتىپاق ۋە بەختىيار دۆلەت ئىكەنلىكىگە سىمۋول قىلىنغان.

كامبودژادا 20 دىن ئارتۇق مىللەت بار، بۇنىڭ ئىچىدە شەرقى جەنۇبى ئاسىيا تىللىرى سېستىمىسى، مون-كىخمېر تىللىرى ئائىلىسىەە تەۋە كىخمىر تىلىدا سۆزلىشىدىغان كىخمېر مىللىتى %90 نى، ۋېتناملىقلار %5 نى ، جۇڭگۇلۇقلار %1 نى ئىگەللەيدۇ. يەنە %4 نى پۇنۇڭ ، تاي، ستيېنگ، چامپۇ قاتارلىق ئاز سانلىق مىلللەتلەر ئىگەللەيدۇ. دۆلەت تىلى كىخمېر تىلى بولۇپ ئورتاق قوللىنىلىدۇ، ئىنگلىز تىلى ۋە فرانسۇز تىلى مائارىپ ۋە ھۆكۈمەت تىلى ھېسابلىنىدۇ .

كامبودژابۇددا دىنى دۆلەت دىنى بولۇپ، مەملىكەت ئاھالىسىنىڭ %97 ى بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، چامپۇ قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان %2.1 ئاھالە ئىسلام دىنىغا ، ئاز بىر قىسىم ئاھالە كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.

كامبودژاكامبودژا شەرقى جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرى ئىتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە بىر قەدەر تەرەققى قىلمىغان دۆلەلەرنىڭ بىرى بولۇپ ئاھالىنىڭ %70 ى يېزا ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. يېزائىگىلىك كىرىمى دۆلەت ئۇمۇمى كىرىمىنىڭ %30 نى ئىگەللەيدۇ. 2010-يىلى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 2000 دوللار بولغان بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ يىللىق ئېشىش نىسبىتى 2007-يىلى %10 ، 2008-يىلى %54 ، 2009-يىلى % 1بولغان. كامبودژانىڭ پۇلى كامبودژا رىلى بولۇپ 2010-يىلى بىر دوللار = 4135 كىخمر رېلى غا تەڭ بولغان . 2010-يىلىغا قەدەر كامبودژادا مۇقىم تېلىفون 55 مىڭ، يان تېلىفون 5 مىلىيۇن 500 مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى 84 مىڭ بولغان.[0][1]

كامبودژائېلىمىز بىلەن كامبودژانىڭ ئۇزاق يىللىق ئەنئەنىۋى دوستلۇق مۇناسىۋىتى بار. 1955-يىلى 4-ئايدا كامبودژانىڭ دۆلەت باشلىقى سىخانوك شاھزادە ئاسىيا - ئافرىقا باندۇڭ يىغىنىدا ئېلىمىز زۇڭلىسى جوۋ ئېنلەي بىلەن تونۇشقان، بۇ جۇڭگو-كامبودژا دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى باشلىنىشى بولۇپ قالغان. 1958-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى جۇڭگو - كامبودژا ئىككى دۆلەت رەسمىي دىپلوماتىك مۇناۋىۋەت ئورناتقان. 2000-يىلى 11-ئاينىڭ ئېلىمىز رەئىسى جياڭ زېمىن كامبودژا پادىشاھلىقىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان. 2002-يىلى 11-ئايدازۇڭلى جۇ رۇڭقى كامبودژا پادىشاھلىقىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان. 2005-يىلى 8-ئايدا كامبودژا پادىشاھى ئېلىمىزدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان. 2006-يىلى 4-ئايدا ئېلىمىز زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ كامبودژادا رەسمىي زىيارەتتە بولۇپ، «ئومۇمىيۇزلۈك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى» ئورناتقانلىقىنى جاكارلىغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

2.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/7501.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#