ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچ

ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچ

ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچ سۇپېر ئۆتكۈزگۈچ دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ مەلۇم بىر تېمپېراتۇرىدا، ئېلېكتر قارشىلىقى نۆل بولغان ئۆتكۈزگۈچ. تەجرىبە جەريانىدا، ئەگەر ئۆتكۈزگۈچنىڭ قارشىلىقى ئۆلچەش قىممىتى Ω 10-52دىن تۆۋەن بولغاندا، ئېلېكتر قارشىلىقى نۆل بولىدۇ. سۇپېر ئۆتكۈزگۈچ ئېلېكتىر قارشىلىقى نۆل بولىدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، يەنە بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكى شۇكى، تولۇق دىياماگنىتلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچ
باشقا نامى سۇپېر ئۆتكۈزگۈچ
بايقالغان ۋاقتى 1911-يىلى
تۈرى فىزىكا
خەنزۇچە نامى 超导体
بايقۇغۇچى خەيك كامولىن ئوننېس
ئىشلىتىلىش دائىرىسى ئېلېكتىرون-ئېلېكتىر، ماتېرىيال ئىلمى قاتارلىقلار
ئىنگلىزچە نامى superconductor

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچ سۇپېر ئۆتكۈزگۈچ دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ مەلۇم بىر تېمپېراتۇرىدا، ئېلېكتر قارشىلىقى نۆل بولغان ئۆتكۈزگۈچ. تەجرىبە جەريانىدا، ئەگەر ئۆتكۈزگۈچنىڭ قارشىلىقى ئۆلچەش قىممىتى Ω 10-52دىن تۆۋەن بولغاندا، ئېلېكتر قارشىلىقى نۆل بولىدۇ. سۇپېر ئۆتكۈزگۈچ ئېلېكتىر قارشىلىقى نۆل بولىدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، يەنە بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكى شۇكى، تولۇق دىياماگنىتلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولىدۇ. سۇپېر ئۆتكۈزگۈچلەرنىڭ ئۈچ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى: تولۇق ئېلېكتر ئۆتكۈزۈشچانلىق، تولۇق دىئاماگېنىتىزم ۋە ئېقىم مىقدارى كىۋانىتلاشقان بولىدۇ.

ئۇزۇن توك سىمىنى بىر چوڭ مىققا يۆگەپ، توك سىمىغا توك ئۆتكۈزۈپ، ئەتراپىغا ئازراق تۆمۈر پارچىسى، چوڭ باشلىق مىق قويۇپ سىناپ بېقىڭ، قانداق ئەھۋال يۈز بېرىدۇ؟ ئەتراپتىكى تۆمۈر پارچىسى، چوڭ باشلىق مىقنىڭ ھەممىسى چوڭ تۆمۈر مىققا قاراپ ئۇچىدۇ، يەنى توك ئۆتكۈزۈلگەن توك سىم يۆگەلمىسىدە ماگنىت ھاسىل بولىدۇ، مانا بۇ ئېلېكتىر ماگنىت ھادىسسى، توك سىمى ئورالغان تۆمۈر مىق ئېلېكتىر ماگنىت تۆمۈرى دېيىلىدۇ.

ئەگەر توك ئۆتكۈزۈش ۋاقتى ئۇزۇن بولسا، توك سىمى قىزىيدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى ئەركىن ئېلېكترون توك سىمىدا ھەرىكەتلىنىپ، ئېلېكتىر ئېقىمى ھاسىل قىلىدۇ، ئېلېكتىر ئېقىمى ھەرىكەت جەريانىدا قارشىلىققا، يەنى ئېلېكتىر قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ. ئېلېكتىر ئېقىمى ئېلېكتىر قارشىلىقىنى يېڭىپ ھەرىكەت قىلغاندا قىزىپ، نۇرغۇن ئېنېرگىيەنى ئىسراپ قىلىۋېتىدۇ. كۆپچىلىكلنىڭ ھەممىسى دالىدىكى ئېلېكتىر ئىقىمى يەتكۈزىدىغان ئېگىز تۆمۈر مۇنارنى كۆرگەن، ئېلېكتىر ئىقىمى كىرگۈزگەندە ئادەتتە نەچچە ئون مىڭ ۋولتلىق يۇقىرى ئېلېكتىر بېسىمى ئىشلىتىلىدۇ، گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، ئېلېكتىر كۈچى يەنىلا خېلى كۆپ ئىسراپ بولۇپ كېتىدۇ. بەزىلەر مۇنداق ئويلىغان: ئەگەر توك سىمىنىڭ ئېلېكتىر قارشىلىقى بولمىسا، توك سىمى قىزىپ كەتمەيدىغاندۇ؟ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىمۇ خوراپ كەتمەيدىغاندۇ؟

ئالىملار تەجرىبە قىلغاندا مېتالدىن ياسالغان نۇرغۇنلىغان توك سىمىنىڭ تېمپىراتۇرا ئىنتايىن تۆۋەن بولغان ئەھۋال ئاستىدا ئېلېكتىر قارشىلىقىنى يوقىتىدىغانلىقىنى بايقىدى، بۇ خىل ھادىسە ئۇلترا ئۆتكۈزۈش دەپ ئاتىلىدۇ، ئېلېكتىر قارشىلىقىنى يوقاتقان مېتال ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچ دېيىلىدۇ.

ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچ ئىنتايىن تۆۋەن تېمپېراتۇرىغا ئېھتىياجلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئادەتتە ئىسسقلىقتىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان مېتال بوتۇلكىدا ساقلىنىدۇ، بوتۇلكىغا سۇيۇق گېلىي قاچىلانغان بولۇپ، نۆلدىن تۆۋەن 57 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشۈرگەن. چۈنكى، ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچنىڭ ئېلېكتىر قارشىلىكى يوق بولۇپ، توك ئۆتكەندە قىىزپ كېتىپ ئېلېكتىر ئېنىرگىيەسىنى ئىسراپ قىلمايدۇ، شۇڭا ئۇلترا ئۆتكۈزۈشچان ئېلېكترو ماگنىتلىق تۆمۈر ناھايىتى چوڭ ئېلېكتىر ئېقىمىنى ئۆتكۈزۈپ، كۈچلۈك ماگنىتلىق خۇسۇسىيەت ھاسىل قىلىدۇ.

ئەگەر سۇ ئاستى پاراخوتىغا ئۇلترا ئۆتكۈزۈشچان ماگنىت ئورنىتىلسا، ھاسىل قىلىنغان كۈچلۈك ماگنىتلىق خۇسۇسىيەت كېمىگە ئورنىتىلغان ئېلېكتىر قۇتۇبى بىلەن تەسىرلىشىپ، ئىنتايىن كۈچلۈك ئىتتىرىش كۈچى ھاسىل قىلىپ، سۇ ئاستى پاراخوتىنى ھەم تېز، ھەم ئاۋازسىز ئۇچقاندەك ئىلگىرلىتىدۇ، بۇ سۇ ئاستىدا مەخپىي ھەرىكەت قىلىشقا ئىنتايىن مۇۋاپىق كېلىدۇ.

ئەگەر ئۇلترا ئۆتكۈزۈشچان كابېل بىلەن توك يەتكۈزۈلسە، كابىل يەر ئاستىغا كۆمۈلىدۇ، بۇ ھەم يەر تېجەيدۇ، ھەم بىخەتەر بولۇپ، ئېلېكتىر كۈچىنىڭ ئىسراپ بولۇشىدىن ئومۇميۈزلۈك ساقلانغىلى بولىدۇ.

ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچ ناھايىتى كەڭرى قوللىنىش ئىستىقبالىغا ئىگە. ھازىر كىشىلەر تۆۋەن تېمپېراتۇرا بىلەن تەمىلەيدىغان گېلىينى قاتتىق جىسىمغا ئايلاندۇرۇشنى سىناق قىلماقتا، ئەگەر ئۇتۇق قازانسا، نورمال تېمپىراتۇرىدىكى ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچنى ياساپ چىقالايدۇ. شۇ ۋاقىتقا كەلگەندە، ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچ كىچىكلەپ يېنىكلەيدۇ، ھەر خىل ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچلەر ھەربىي ئىشلار، ئىلمىي تەتقىقات، خەلق ئىگىلىكىدىكى ھەر قايسى تارماقلاردا رول ئويناپ، ئېلېكتىر دۇنياسىدا چوڭ ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىشى مۇمكىن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#