سالۋاتور كاشىموتونىڭ نوبېل مۇكاپاتى نۇتۇقى

سالۋاتور كاشىموتونىڭ نوبېل مۇكاپاتى نۇتۇقى

 بۇ نۇتۇق سالۋاتور كاشىموتونىڭ نوبېل مۇكاپاتى نۇتۇقى بۇلۇپ، نوبېل مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمىدا سۆزلەنگەن. 

ئۇيغۇرچە نامى سالۋاتور كاشىموتونىڭ نوبېل مۇكاپاتى نۇتۇقى
سۆزلىگۈچى سالۋاتور كاشىموتو

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مېنىڭ نەزەرىمدە شۋېتسىيە ھەر بىر نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىنىڭ ئىككىنچى ۋەتىنىدۇر. بۇ مۇكاپاتقا نائىل بولۇشى ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنىڭ بىردىنبىر ۋە پارلاق شەرىپىگە ئىگە بولۇشتىن دېرەك بېرىدۇ. دەرۋەقە، شۋېتسىيە پەقەت نەچچە مىليۇن نوپۇسقىلا ئىگە دۆلەت بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچىلىك باشقا بىرەر دۆلەت كەڭ ئەھمىيەتلىك نەمۇنە دەپ قارىلىدىغان ۋە غايەت زور مەنىۋى، ئەمەلىي كۈچ قۇدرەتنى، ئۆزى مۇجەسسەملەشتۈرگەن بۇ مۇكاپاتنى مۇۋپپەقىيەتلىك ھالدا تەسىس قىلالمىدى ۋە يولغا قويالمىدى . نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىش ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس، ئۇ ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى تۈرلۈك سىياسىي كۈچلەرنىڭ قىزغىنلىقىنى ئۇرغىتىدۇ يازغۇچىلار، شائىرلار ۋە پەيلاسوپلار ئۇنىڭدىن ئۆزلىرىنىڭ مەۋقۇتلىقىنى ۋە قۇدرىتىنىڭ سىمۋولىنى بىلىدۇ. ۋەھشىيىلىك، قاتىللىق قورالى ۋە مالىمانچىلىق ئىدىيىسى بىلەن ئۆزىنى قوراللاندۇرسىمۇ، لېكىن مەدەنىيەت ئۇنىڭ ھەر قېتىم ھۇجۇمىنى بىتچىت قىلىشقا تامامەن قادىر. ھازىر مەن ئۆزۈمنى شىمالنىڭ ئۇزاق زامان مەدەنىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى ئارىسىغا قويدۇم، بۇ مەدەنىيەت ئۆزىنىڭ مۇشەققەتلىك، ئەگرى ـ توقاي تەرەققىياتى جەريانىدا ئىنسانىيەتنىڭ ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا جانپىدا قىلغان مېھرىبان پىداكارلار بىلەن مۈرىنى ـ مۈرىگە تىرەپ بىرلىكتە جەڭ قىلدى: مانا مۇشۇ مەدەنىيەت ئىنسانپەرۋەرلىك روھىغا باي بولغان پادىشاھنى، خانىشنى يېتىشتۈردى، بۈيۈك شائىر، يازغۇچىلارنى مەيدانغا چىقاردى. قەدەمكى ۋە ھازىرقى بۇ بۈيۈك شائىرلار ئۆزىنىڭ ھېس ـ تۇيغۇ ئالىمىدىكى شىددەتلىك ئېقىنلارنى، ئۇلارنى ئىزتىراپ ۋە ئەندىشىگە سالغان ھەر خىل مەسىلىلەرنى ئەكس ئەتتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ھازىرقى كۈندە كەڭ ئىستالىيە كىشىلىرىگە تونۇشلۇق بولۇپ كەتتى. گەرچە بىز سىكاندىناۋىسىيە مىللىتىنىڭ ئاجايىپ مەزمۇنلارغا باي، سىرلىق تۇپرىقىدا يىلتىز تارتقان بۇ شائىرلارنىڭ ئىسمىنى توغرا تەلەپپۇز قىلشقا ئاجىزلىق قىلساقمۇ، لېكىن بۇ تاۋۇشلار يەنىلا شۇ قەدەر جاراڭلىق ۋە يېقىملىقتۇر. ئەمدىلىكتە ئۇلارنىڭ نامى بىزنىڭ روھىي دۇنيايىمىزغا چوڭقۇر تەقىش بولۇپ ئويۇلۇپ قالدى. ئۇلارنىڭ شېئىرلىرىدىن بىزگە ئاڭلىنىۋاتقان لىرىك سادالار خارابلاشقان ياكى ئەدەبىي ئويغىنىش دەۋرىدىكى ئىستىلستىكىنىڭ چاڭ ـ توزانلىرىغا كۆمۈلۈپ قالغان مەدەنىيەت ئاڭلاتقان سادالارغا قارىغاندا ئاجايىپ كەسكىن ۋە روشەندۇر. مېنىڭ بۇ سۆزۈم قەسىدە ئەمەس، ئۇنىڭدا ساھىبخاننى ئۇستاتلىق بىلەن كۆككە كۆتۈرۈش غەرىزىمۇ يوق. بەلكى ئۇ ياۋروپانىڭ روھىي خاراكتېرىگە ئېلان قىلىنغان ئوبزورىدۇر. مېنىڭ بىلىشىمچە، شۋېتسىيە ۋە شۋېتسىيە خەلقى ئۆزلىرىنىڭ توغرا تاللىشى ئارقىلىق قەتئىي ئېغىشماستىن دۇنيا مەدەنىيىتىگە رىقابەت ئېلان قىلىۋاتىدۇ. دۇنيا مەدەنىيىتىنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ. مەن بۇرۇن شائىر ۋە يازغۇچىلار دۇنيانى ئۆزگەرتىشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى دەپ بىلىشى كېرەك، دەپ ئېتقانىدىم. كىشىلەر بەلكىم بۇ كۆز قاراشنى پەقەت مۇئەييەن شارائىتتىلا ھەقىقەتكە ئايلىنلايدۇ دەپ ھېسابلىشى، ھەتتا ئۇنى كۆرەڭلەرچە چىقىرىلغان ئەقلىي يۈكۈن دەپ كەسكىن ئېيتىشى مۈمكىن. ۋەھالەنكى، بىز شائىرلارنىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان جەمىئىيەتتە ۋە باشقا رايونلاردا قوزغىغان غايەت زور تەسىرىگە نەزەر سالىدىغانلا بولساق، كىشىلەرنىڭ بۇ كۆزقارىشىغا نىسبەتەن تەشۋىشلىنىشى ياكى چىن دىلىدىن قايىل بولۇشتەك روھي ھالەتلىرىنى چۈشىنىشىمىز قىينغا توختىمايدۇ. كۆپچىلىككە ئايان بولغىنىدەك، شېئىر تەنھالىقتىن تۇغۇلىدۇ،شۇنداقلا تەنھالىقتىن چىقىپ ھەر قايسى تەرەپلەرگە ئۆزىنىڭ نۇرىنى چاپىدۇ. مونولوگدىن ئىجتىمائىيلىققا قاراپ يۈزلىنىدۇ. لېكىن سوتسىئولوگىيە ياكى سىياسەتنىڭ بېقىندىسىغا ئايلىنىپ كەتمەيدۇ. شېئىر يەنى لىرىك شېئىر بولغان تەقدىردىمۇ، ھەممىسى «سۆزلىشىش» دېمەكتۇر. ئاڭلىغۇچىلارنى شائىرلارنىڭ تېنى ياكى تەجرىبىسىدىن تاشقىرى قەلبى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ئۇ بىر كىشى بولۇشىمۇ، يۈز مىڭلىغان كىشى بولۇشىمۇ مۈمكىن. ئەكسىچە، ھېسسىياتنىڭ ئۆز ـ ئۆزىگە مەستانە بولۇپ كېتىشى پەقەت بىر دائىرىگە سولىنىپ قالغان مەنگىلا ئوخشايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئۆز رەڭگىنى يوقاتقان تارىخىي دەۋرلەردىكى باشقا كىشىلەر ئاللىقاچان قۇراشتۇرۇپ بولغان ئەپسانىلەرنى چىرايلىق قاپىيە ۋە ئاھاڭدارلىق ۋاستىسى ئارقىلىق قايتا تەكرارلاپ، خىيالغا كەلگەنچە ئويۇن چىقىرىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. مانا بۈگۈن بىز بۇ دۇنيادىكى يېڭى ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ ماھىيەتلىك مېغىزى ئۈستىدە سۆزلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدۇق. مۇبادا بىز شائىرلارنى ماددىدىن تۈزۈلگەن بۇ دۇنيانىڭ مەركىزىگە ئۆزىنى قويدى ھەمدە ئۇنىڭ ئىگىسى بولدى دەپ قارىساق، ئۇلار ئەقىل ۋە قەلبى ئارقىلىق بۇ دۇنيانى تاكامۇللاشتۇرۇۋېتىدۇ دېسەك ئۇلار يەنە خەتەرلىك كىشىلەر دەپ قارىلارمۇ؟ گۇمان مۇنازىرىنىڭ سىمۋولى ئەمەس، بەلكى ھەقىقەتنىڭ قىسقارتىلغان ئىپادىسى. بۈگۈنكى دۇنيا شېئىرىيەتنىڭ قارشى تەرىپىدە بىر تەرتىپ ئورناتقاندەك قىلىدۇ، شۇڭلاشقا شائىرلار ئاشۇ تەرتىپ ئۈچۈن جەزمەن بۇزۇپ تاشلىنىدىغان، يوقاتمىسا بولمايدىغان رەقىبكە ئايلىنىپ قالدى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي شائىرلارنىڭ كۈچ ـ قۇدرىتى خۇددى سىمابنىڭ ئۇپۇققا قۇيۇلغىنىغا ئوخشاش جەمىئىيەتنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە سىڭىپ، كېڭىيىپ بارماقتا. مۇبادا ئەدەبىياتتا ئوينىلىۋاتقان ئويۇنلارنى ھەر قانداق ئىنسانىيەتنىڭ ھېسسىياتىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش دەپ قارىساق، ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى جەۋلان قىلدۇرۇۋاتقان شېئىرىيەتتە بولسا، زىنھاركى، بۇنداق ئەھۋال ھەرگىزمۇ يۈز بەرمەيدۇ. مەن باشتىن ـ ئاخىر ئۆز شېئىرلىرىمنى شىمالىي يېرىم شاردىكى كىشىلەر ئۈچۈن ھەمدە ئافرىقا نېگىرلىرى ۋە شەرقلىقلەر ئۈچۈن يېزىلغان دەپ ئويلايمەن. شېئىرنىڭ ئومۇميۈزلۈك قىممىتى ئالدى بىلەن ئۇنىڭ شەكلىدە، ئۇسلۇبىدا ياكى شېئىردىكى مۇپەسسەللىك كۈچىدە ئىپادىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىككىنچى بىر تەرەپتىن، يەنى بىر ئادەمنىڭ ئۆزى بىلەن دەۋرداش بولغان باشقا كىشىلەر ئۈچۈن قوشقان ھەسسىسى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. شېئىرنىڭ ئومۇميۈزلۈك قىممىتى مەلۇم كۆز قاراش ياكى بىر تەرەپلىمە ئېتىكا ئاساسىغا قۇرۇلمايدۇ، ئەخلاقىي ۋەز ـ نەسىھەتلەرنى تېخىمۇ ئاساس قىلمايدۇ، بەلكى بىۋاستە، كونكرېت بولغان ئۆزىگە خاس مۇستەقىل مەنىۋى مەيدانى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا، گۈزەللىك قارىشى ماس كېلىشتىلا ئەمەس، بەلكى ماس كەلمەسلىكىتىمۇ بولىدۇ. چۈنكى ماس كەلمەسلىكمۇ ئوخشاشلا گۈزەللىكنى بەدىئىي يۈكسەكلىككە ئېلىپ چىقالايدۇ. ئويلاپ باقايلى، رەسساملىق، ھەيكەلتاراشلىق ۋە مۇزىكىدىن ئىبارەت بۇ سەنئەت تۈرلىرىنىڭ ئىستېتىكا، ئېتىكا ۋە تەنقىد قاتارلىق جەھەتلىرىدىكى مەسىلىلىرى بىر ـ بىرىگە تامامەن ئوخشىشىدۇ، كۈزەللىككە بولغان زوقلىنىش، ئۇنى ئىنكار قىلىشتىكى ئاساسىنىڭ مىزانلىرىمۇ بىر ـ بىرىگە يېقىن كېلىدىغۇ؟ گرېتسىيىنىڭ گۈزەللىكى ھازىرقى زامان كىشىلىرى تەرىپىدىن نابۇت قىلىندى. ھازىرقى زامان كىشىلىرى بىر خىل شەكىلنى بۇزۇش دامىدا يەنە بىر خىل شەكىلگە ئىنتىلىدۇ. تۇرمۇشقا تەقلىد قىلىدۇ. ھالبۇكى، بۇ خىل تەقلىد پەقەت تەبىئىي ھەركەت ھالىتىدىن ئىبارەت، خالاس. شائىرغا كەلسەك، ئۇ تەبىئەتنىڭ بىردىنبىر ئاجايىپ گۈزەللىكلىرىنى بەرپاقىلغۇچىسى، ئۇ ئىنسانلارنىڭ تىلى ئارقىلىق، يەنى ئىنتايىن نازۇك ۋە يارقىن تىلى ئارقىلىق ئۆزى ئۈچۈن قەدەممۇ ـ قەدەم رېئال مەۋجۇتلۇق بەرپا قىلىدۇ. كىشىلىك ھايات تەجرىبىلىرى (ھېسسىي ۋە ماددىي تۇرمۇشتىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتىكى تەجىرىبىلىرى)گە دەسلەپتە كۆپ ھاللاردا ناتونۇش روھىي ئېزىقىشلار، ئاجايىپ گۈزەل كۆڭۈل تەڭپۇڭسىزلىقلىرى شۇنداقلا خارابلاشقان مەنىۋى مۇھىت ئىچىدە بىخ سۈرگەن تېڭىر قاش ۋە پەرىخانلىقلار ئارىلاشقانىدى، ئالىملار ۋە تەنقىتچىلەر شائىرلارغا ھۇجۇم قوزغاپ، ئۇلارنى ئەزەلدىن تارتىپ «ئۆز قەلبىگە مەنسۇپ بولمىغان خاتىرىلەرنى يازدى»، بىدئەت ئىلاھىيەت ئۈستىدە گەپ ئويناتتى دەپ ئەيىپلەشتى، تەنقىدچىلەر يەنە ئۇ شېئىرلارنى «يېڭى ھۈنەر»بىلەن كۆڭۈل قويۇپ ياساپ چىقىلغان بۇيۇملاردۇر: بۇ «يېڭى ھۈنەر»، يېڭى تىللار پەقەتلا مودا قوغلىشىدىغان يېى نەرسىلەدىنلا ئىبارەت: شائىرلارمۇ ئالاھەزەل مانا مۇشۇ ئۇسۇلنى ۋاستە قىلىپ، تەنھالىق قورشاپ تۇرغان مۇزدەك شەيئىلەرنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، كىشىلەرنى بۇ تەنھالىقنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىدى، دەپ كەسكىن ئېيتتى. بۇنداق قارىلىدىغان بولسا، شائىرلار ئىنتايىن رەزىل تەسىر پەيدا قىلغان بولۇپ قالمامدۇ؟ بەلكىم شۇنداقتۇر. چۈنكى سەن يېڭى شائىرنىڭ بىر پارچە شېئىرىنى ئوقۇش بىلەنلا ئالەم كىشىلىرىنىڭ چۈشىنىشى ۋە ئورتاق ساداسىغا مۇيەسسەر بولالامتىڭ؟ ۋەھالەنكى نېرۋىلىرى زەئىپلەشكەن تەنقىدچىلەر ئون بەش پارچە ياكى يىگىرمە پارچە شېئىرنىڭ ھەقىقىيلىقىدىن قاتتىق ساراسىمىگە چۈشىدۇ. «ساپ بولۇش»دېگەن بۇ قاراشنى يەنىلا تەتقىق قىلىش كېرەك، بولۇپمۇ سىياسى جەھەتتە قاتتىق پارچىلىنىش بولۇۋاتقان بۇ ئەسىردە شائىرلار ئېغىر كۈلپەت ۋە غيرىي ئىنسانىي تەقدىرگە دۇچار بولماقتا، ئۇلارنىڭ قەلبىدىن ئېقىپ چىققان ئەسەرلەر دائىم دېگۈدەك خىيالىي داپسودىيە دەپ قارىلىپ، گۇمانلار بىلەن كۆمۈلمەكتە. مېنىڭ بۇ سۆزۈمنىڭ مەقسىتى بىر خىل شېئىرىيەت نەزەرىيىسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، ياكى مەلۇم بىر خىل ئىستېتىك ئۆلچەمنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈنمۇ ئەمەس، بەلكى بۇ دۆلەتتىكى ئەڭ سۇباتلىق، بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىز ئۈچۈن ئالىيجاناپ تۆھپىلەرنى قوشقان زاتلارغا، ھەمدە باياتىن مەن تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن. مانا ھازىر مەن ئۇنىڭ قوينىدا تۇرۇۋاتقان ئىككىنچى ۋەتەنگە چوڭقۇر سەمىمىي سالىمىمنى ئىپادىلەش ئۈچۈندۇر. مەن بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ شۋېتسىيە پادىشاھى ۋە خانىش ئالىيلىرىغا، ۋلىئەھد جانابلىرىغا، شۇنداقلا شۋېتسىيە خانلىق پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە سالام ۋە تەشەككۈر بىلدۈرىمەن. خانلىق پەنلەر ئاكادېمىيىسىدىكى ئىلىم بابىدا كامالەتكە يەيكەن ئون سەككىز نەپەر باھالىغۇچىلار مېنىڭ شېئىرىمنى مۇكاپاتلاشنى قارار قىلىپ، ئىتالىيىگە يۈكسەك شۆھرەت ئاتا قىلدى. ئەمەلىيەتتە مۇشۇ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىن تارتىپ تاكى يېقىنقى ئەڭ يېڭى دەۋرلەرگىچە ئىتالىيىدە ئاجايىپ باي، رەڭگارەڭ ئەدەبىيات ـ سەنئەت ۋە تەبەككۇر ئەسەرلىرى مەيدانغا كەلدى، دەل مانا مۇشۇلارنىڭ ئۆزى بۇ مۇكاپاتنىڭ، شۇنداقلا بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنىڭ ئۇل تېشىدىن ئىبارەتتۇر. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#