چاڭپىڭ جېڭى

 جاۋ بەگلىكىنىڭ بېگى شياۋ چېڭ بەگلىكتىكى بارلىق لەشكەرلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، ياشانغان سانغۇن ليەن پونىڭ قوماندانلىقىدا چىن بەگلىكىنىڭ قوشۇنلىرى بىلەن چاڭپىڭدا (ھازىرقى سەنشىدىكى گاۋپىڭنىڭ غەربىي شىمالىدا) جەڭ قىلدى.

نامى چاڭپىڭ جېڭى
ئورنى چاڭپىڭ ( ھازىرقى سەنشى ئۆلكىسى جىنچېڭ گاۋپىڭ شەھىرى )
ۋاقتى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 260 - يىلىدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 262 - يىلىغىچە
نەتىجىسى جاۋ بەگلىكى مەغلۇپ بولدى
ئۇرۇشقان قاتناشقۇچىلار چىن بەگلىكى جاۋ بەگلىكى
ھەربىي كۈچ جاۋ جۈن ( 450 مىڭ ) ، چىن قۇشۇنى ( ئائىت ھېچقانداق خاتىرىلەر يوق )
ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋالى جاۋ جۈن يوقىتىلدى ، تۈمەنمىڭ ئادەم تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن
خەنزۇچە نامى 长平之战

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چاڭپىڭ جېڭىكىشىلەر دائىم ئەمەلىي ئىش قىلماي، قۇرۇق گەپ ساتىدىغانلارنى «ئاغزىدا شەھەر ئالماق» دېگەن ماقال ئارقىلىق مەسخىرە قىلىدۇ. بۇ ماقال «چاڭپىڭ جېڭى» دىكى جاۋ بەگلىكى قوشۇنلىرىنىڭ ئەمىرلەشكىرى جاۋ كودىن قالغان.

يېغىلىق دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى، يەنى مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 262-يىلى چىن جاۋۋاڭ نۇرغۇن كىشىلىك قوشۇن ئەۋەتىپ جاۋ بەگلىكىگە ھۇجۇم قىلدى. جاۋ بەگلىكىنىڭ بېگى شياۋ چېڭ بەگلىكتىكى بارلىق لەشكەرلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، ياشانغان سانغۇن ليەن پونىڭ قوماندانلىقىدا چىن بەگلىكىنىڭ قوشۇنلىرى بىلەن چاڭپىڭدا (ھازىرقى سەنشىدىكى گاۋپىڭنىڭ غەربىي شىمالىدا) جەڭ قىلدى. ليەن پو نۇرغۇن جەڭلەرنى باشتىن كەچۈرگەن، چارە-تەدبىرلىك سانغۇن بولغاچقا، چىن بەگلىكى كۈچلۈك، جاۋ بەگلىكى ئاجىز ئەھۋالدا مۇداپىئە ئىستراتېگىيىسىنى قوللىنىپ، ئىستىھكامنى چىڭ ساقلاپ جەڭگە ئاتلانمىدى. ئىككى قوشۇن چاڭپىڭدا ئۇزاققىچە تىركىشىپ، يېڭىش-يېڭىلىش ئايرىلمىدى.

چاڭپىڭ جېڭى ئۇ جاۋ تۇنجى مەيدان ئۇرۇشىدا ئۇتتۇرۇپ قويدى، جاۋ بەگلىكىنىڭ بېگى شياۋ چېڭ ۋاڭ بىلەن لۇچاڭ، يۈ تۆرە قاتارلىقلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئۆزۈم قىسىمنى باشلاپ چىن قوشۇنى بىلەن ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلغان. لۇچاڭ مۇنداق قارار قىلدى، ئۇنىڭدىن كۆرە ئەلچى ئەۋەتىپ، ئورنى يۇقىرى چىن بەگلىكى بىلەن مۇھاكىمە قىلىشنى راۋا كۆردى. ھالبۇكى، يۈ يازغان بولسا، ئەگەر چىن بەگلىكى دەپ قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، جاۋ بەگلىكىگە ھۇجۇم قىلدى، كېلىشىمدە كىلىشمەك تەس بولدى، چۇ بەگلىكىگە ئەلچى ئەۋەتىپ گۆھەر ئېلىپ بارسىمۇ كىلىشكىلى بولمايتتى، ۋېي پادىشاھلىقىنىڭ پائالىيىتى، چىن بەگلىكى قورقماي، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۇزۇنىسىغا چىن سۇلالىسىگە قارشى تۇرغان، مۇشۇنداق بولغاندىلا كېلىشىمىدىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى مۇمكىن. 

چاڭپىڭ جېڭىكېيىن چىن بەگلىكى بىر ئامال تېپىپ، نۇرغۇن ئالتۇن بىلەن ئادەم ئەۋەتىپ جاۋ بەگلىكىنىڭ ھوقۇقدار ۋەزىرىگە پارا بەردى ھەمدە تەرەپ-تەرەپكە: «ليەن پو قېرىپ كەتتى، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇم قىلىشقا پېتىنالمايدۇ. چىن بەگلىكى قوشۇنلىرى جاۋ كودىن ئەڭ قورقىدۇ، جاۋ كو ئەمىرلەشكەر بولسا، چىن بەگلىكى قوشۇنلىرىنى نەس باسىدۇ» دەپ سۆز-چۆچەك تارقاتتى. جاۋ بەگلىكىنىڭ بېگى شياۋ چېڭ بۇ سۆز-چۆچەكلەردىن قايمۇقۇپ، ۋەزىرلەرنىڭ تاللىشى بىلەن ليەن پونىڭ ئورنىغا جاۋ كونى ئەمىرلەشكەرلىككە تەيىنلىدى.

جاۋ كو ئۇلۇغ سانغۇن جاۋ شېنىڭ ئوغلى بولۇپ، كىچىكىدىن تارتىپ لەشكىرىي دەستۇرلارنى پىششىق ئوقۇغانىدى. ھەربىي تەدبىر توغرىسىدا سۆز قىلسا ھەممىنى بېسىپ چۈشەتتى، ھەتتا دادىسىمۇ ئۇنىڭغا يەتمەيتتى. لېكىن جاۋ شې ئوغلىنىڭ ئاغزىدا شەھەر ئالىدىغانلىقىنى پىششىق بىلگەچكە، ئالەمدىن ئۆتۈش ئالدىدا: «جاۋ كو قوشۇن باشلاپ جەڭ قىلىشقا يارىمايدۇ، ئەگەر ئۇ قوشۇنغا قوماندانلىق قىلسا، جاۋ بەگلىكى چوقۇم ئۇنىڭ قولىدا ھالاك بولىدۇ» دېگەنىدى.

چاڭپىڭ جېڭى جاۋ كو چاڭپىڭغا كېلىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ليەن پونىڭ يولىغا قارشى يول تۇتۇپ، مۇداپىئەنى ھۇجۇمغا ئۆزگەرتىپ، قوشۇن باشلاپ زور كۆلەمدە ھۇجۇمغا ئۆتتى. چىن بەگلىكى قوشۇنلىرىنىڭ ئەمىرلەشكىرى بەي چى پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، دەرھال يالغاندىن مەغلۇپ بولۇپ چېكىندى. بۇنىڭ توزاق ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن جاۋ كو غەلىبىسېرى قوغلاپ زەربە بېرىپ، چىن بەگلىكى قوشۇنلىرىنىڭ ئىستىھكامىغىچە ھۇجۇم قىلىپ باردى. بۇ چاغدا چىن بەگلىكىنىڭ ئىككى تارماق ئاتلىق لەشكەرلىرى جاۋ بەگلىكى قوشۇنلىرىنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈۋېلىپ، جاۋ بەگلىكى قوشۇنلىرىنىڭ ئاشلىق توشۇش يولى ۋە چېكىنىش يولىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، جاۋ بەگلىكى قوشۇنلىرىنى قورشىۋالدى. جاۋ كو قوشۇننى تۆتكە بۆلۈپ، ئارقا-ئارقىدىن شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغاپ قورشاۋنى بۆسۈپ چىقىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدى. ئاخىر جاۋ كو شەخسەن ئۆزى خىللانغان لەشكەرلەرنى باشلاپ جەڭگە چىققاندا، چىن بەگلىكى قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى. جاۋ بەگلىكى قوشۇنى 46 كۈن قورشاۋدا قېلىپ، باش سانغۇنىدىن ئايرىلىپ، ئاشلىقى پۈتۈنلەي تۈگەپ، قوشۇندىكىلەر پاتىپاراق بولۇپ كەتكەچكە، پۈتكۈل قوشۇن تەسلىم بولدى. بەي چى تەسلىم بولغان جاۋ بەگلىكى لەشكەرلىرىنىڭ پۇرسەت تېپىپ توپىلاڭ كۆتۈرۈشىدىن ئەنسىرەپ، 400 مىڭ ئۇرۇش ئەسىرىنىڭ ھەممىسىنى تىرىك كۆمدى. چاڭپىڭ جېڭى جاۋ بەگلىكىنىڭ 450 مىڭ كىشىلىك زور قوشۇنىنى نابۇت قىلىپ، جاۋ بەگلىكىنىڭ كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرۇۋەتتى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن شەرقتىكى ئالتە بەگلىكنىڭ ئىچىدە ھېچقايسىسى قۇدرەتلىك چىن بەگلىكى بىلەن ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرالمايدىغان بولدى.

چاڭپىڭ جېڭىدە چىن بەگلىكى زور غەلىبىگە ئېرىشتى. ئۇرۇشتىن كېيىن، جاۋ بەگلىكىنىڭ كۈچى زور دەرىجىدە ئاجىزلاپ كەتكەن، ھەمدە ۋە چىن بەگلىكى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قارشىلىشىش ھالى قالمىغانىدى. جاۋ بەگلىكىنىڭ بېگى شياۋ چېڭ ۋاڭ پىڭياڭنىڭ تەكلىپىنى ئاڭلىمىغانلىقىدىن پۇشايمان قىلدى. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#