ماۋزېدوڭ ئىدىيىسى

ماۋزېدوڭ ئىدىيىسى

ماۋزېدوڭ ئىدىيىسى ــــ ماركسىزىم –لېنىنىزىم ئومۇمىي قائىدىسىنىڭ جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ كونكېرىت ئەمىلىيىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈلگەنلىكىنىڭ مەھسۇلى.

ئۇيغۇرچە ماۋزېدوڭ ئىدىيىسى
تۈرى سىياسى نەزىرىيە
خەنزۇچە 毛泽东思想

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ماۋزېدوڭ ئىدىيىسىماۋزېدوڭ ئىدىيىسى ــــ ماركسىزىم –لېنىنىزىم ئومۇمىي قائىدىسىنىڭ جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ كونكېرىت ئەمىلىيىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈلگەنلىكىنىڭ مەھسۇلى. يولداش ماۋزېدوڭنى ئاساسىي ۋەكىل قىلغان جۇڭگو كومىنىستلىرى ماركسىزىم- لېنىنىزىمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىگە ئاساسەن، جۇڭگونىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىنقىلاپ ئەمىلىيىتىدىكى بىر قاتار ئۆزىگە خاس تەجرىبىلەرنى نەزىرىيە جەھەتتىن يىغىنچاقلاپ، جۇڭگونىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كىلىدىغان ئىلمىي يىتەكچى ئىدىيە – ماۋزېدوڭ ئىدىيىسىنى شەكىللەندۈردى. بۇ ماركسىزىم- لېنىنىزىم ئومۇمىي قائىدىسىنىڭ جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ كونكىرىت ئەمىلىيىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈلگەنلىكىنڭ مەھسۇلى- ماۋزېدوڭ ئىدىيىسىدۇر. يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئوداللىق چوڭ شەرق مەملىكىتىدە ئىنقىلاپ ئېلىپ بېرىشتا مۇقەررەر ھالدا نۇرغۇن ئالاھىدە مۇرەككەپ مەسىللەرگە دۇچ كىلىمىز. ماركسىزىم- لېنىنىزىمنىڭ ئومۇمىي قائىيدىلىرىنى يادلاش ۋە باشقا چەتئەللەرنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئەينەن كۆچۈرۈپ كىلىشكە تايىنىپ، بۇ مەسىللەرنى ھەل قىلىش مۈمكىن ئەمەس. ئاساسلىقى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 20- يىللىرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى ۋە 30- يىللىرىنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىرىدە خەلقئارا كومۇنىزىم ھەركىتىدە ۋە پارتىيىنىڭ ئىچكى قىسمىدا كەڭ ئەۋج ئالغان ماركسىزىمنى دوگمىلاشتۇرۇش، كومۇنىستىك ئىنتېرناتسئونالنىڭ قارارلىرىنى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەجرىبىلىرىنى مۇقەددەسلەشتۈرۈشتەك خاتا خائىشلار جۇڭگ ئىنقىلابىنى ھالاكەت گىرداۋىغا چۈشۈرۈپ قويغان ئىدى. ماۋزېدوڭ ئىدىيىسى مۇشۇ خىل خاتا خاھىشلارغا قارشى كۈرەش قىلىش ھەمدە بۇ جەھەتتىكى تارىخىي تەجرىبىلەرنى چۇڭقۇر يەكۈنلەش جەريانىدا تەدرىجى شەكىللەندى ۋە تەرەققىي قىلدى. يەر ئىنقىلابى ئۇرۇشىدىن كىيىنكى مەزگىل ۋە ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە ئۇ سېستىمىلىق يەكۇنلىنىش ۋە كۆپ جەھەتلەردىن كېڭەيتىلىش ئارقىلىق پىشىپ يىتىلدى. ئازادلىق ئۇرۇش مەزگىلىدە ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كىيىن داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرۇلدى. ماۋزېدوڭ ئىدىيىسى- ماركسىزىم-لېنىنىزىمنىڭ جۇڭگدا تەدبىقلىنىشى ۋە راۋاجلاندۇرۇلىشى، ئەمىلىيەت تەرىپىدىن ئىسپاتلانغان جۇڭگۇ ئىنقىلابى توغرىسىدىكى نەزىرىيىۋى پىرىنسىپ ۋە تەجرىبىلەرنىڭ يەكۈنى، جۇڭگو كومۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ كوللىكتىپ ئەقىل پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى. پارتىيىمىزنىڭ نۇرغۇن مۇنەۋۋەر رەھبەرلىرى ئۇنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا مۇھىم تۆھپە قوشقان، يولداش ماۋزېدوڭنىڭ ئىلمىي ئەسەرلىرى ئۇنىڭ مەركەزلىك يىغىنچاقلىنىشىدۇر. 1945- يىلى 5- ئايدا جۇڭگۇ كومىنىستىك پارتىيىسىنىڭ مەملىكەتلىك 7- قېتىملىق ۋەكىللەر يىغىنى ماۋزېدوڭ ئىدىيىسىنى پۈتۈن پارتىيىنىڭ يىتەكچى ئىدىيىسى قىلىشنى رەسمىي ئىتىراپ قىلدى.

  ماۋزېدوڭ ئىدىيىسى كۆپ جەھەتتىكى مەزمۇنغا ئىگە بۇلۇپ، تۈۋەندىكىدەك ئالتە جەھەتتىكى ئۆزىگە خاس نەزىرىيە ئارقىلىق ماركسىزىم- لېنىنىزىمنى بېيتتى ۋە تەرەققىي قىلدۇردى:

1. يېڭى دېمۇكراتىك ئىنقىلاپ توغرىسىدىكى نەزىرىيە؛

2. سوتسىيالىستىك ئىنقىلاپ ۋە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش توغرىسىدىكى نەزىرىيە؛

3. ئىنقىلابىي قۇشۇننىڭ قۇرۇلىشى ۋە ھەربىي ئىستىراتىگە توغرىسىدىكى نەزىرىيە؛

4. سىياسەت ۋە تاكتىكا توغرىسىدىكى نەزىرىيە؛

5. ئىدىيىۋى سىياسى خىزمەت ۋە مەدىنىيەت خىزمىتى توغرىسىدىكى نەزىرىيە؛

6. پارتىيە قۇرۇلىشى توغرىسىدىكى نەزىرىيىلەردىن ئىبارەت.

ماۋزېدوڭ ئىدىيىسىنىڭ جانلىق روھى – ئۇنىڭ ھەرقايسى تەركىۋىي قىسىملىرىغا سىڭدۈرۈلگەن مەيدان، نۇقتىنەزەر ۋە ئۇسۇل بۇلۇپ، ئۇنىڭ ئاساسىي تەرىپى ھەقىقەتنى ئەمىلىيەتتىن ئىزدەش، ئاممىۋى لۇشىيەن، مۇستەققىل ئۆز- ئۆزىگە خوجا بۇلۇشتىن ئىبارەت.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#