جاۋارىش ئەنبىرى
جاۋارىش ئەنبىرى قىزغۇچ قوڭۇررەڭلىك مەجۇن ،تەمى تاتلىق،ئازراق ئاچچىق دورا بۇلۇپ ئاشقازان،مېڭە،جىگەر ئاجىزلىقى، ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان ۋە ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئاشقازان،مېڭە،جىگەر ئاجىزلىقى، ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان ۋە ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ياسىلىش تەركىبى
تۈۋەندىكى 13 خىل دورىدىن،زەپەر،ئەنبەر،ئىپارلار ئايرىم-ئايرىم سالايە قىلىپ تالقانلىنىدۇ؛باشقا دورىلارنى سوقۇپ يۇمشاق تالقانلاپ،يۇقۇرىدىكى تالقان،مۇۋاپىق مىقداردىكى چەككىلەنگەن ھەسەل بىلەن قوشۇپ يۇغۇرۇپ،g1000 مەجۇن تەييارلىنىدۇ.
تەركىبى
قاقىلە 36g ئەنبەر 2.16g
بەسباسە 36g قەلەمپۇر 7.2g
دارچىن 36g گۈل دارچىن 7.2g
پىلپىل 36g زەپەر 0.72g
زەنجىۋىل 36g جويۇز 10.8g
لاچىندانە 21.6g ئىپار 0.72g
دورىدىن 30g ئېلىپ،30g دىئاتومىد بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، مېنتانولدىن 100ml قوشۇپ،30 مىنۇت ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنىدا تۇرغۇزۇپ،سۈزۈپ،سۈزۈلگەن سۇيۇقلۇقنى پارلاندۇرۇپ قۇرۇتۇپ،دورا قالدۇقىغا 1ml مېنتانول قوشۇپ ئېرىتىپ،سىناق ئېرىتمىسى تەييارلايمىز.سىننالدېھىد سېلىشتۇرما دورىسىدىن ئېلىپ،ئېتىل ئېفىر بىلەن ھەر 1ml سۇيۇقلۇقتا 1µl دورا تۇتقان سېلىشتۇرۇلىدىغان ئېرىتمىسى تەييارلىنىدۇ. نېپىز قەۋەتلىك رەڭ سىپېكتىر ئۇسۇلى (قوشۇمچە Ⅵ B) سىنىقى تەجرىبىسىگە ئاساسەن،سىناق قىلىنغۇچى دورا ئېرىتمىسىدىن 10µl،سېلىشتۇرۇلىدىغان دورا ئېرىتمىسىدىن 5µl شۈمۈرۈپ ئېلىپ،نېپىز قەۋەتلىك سىلىكاگىل G لىق تاختا ئۈستىدىكى ئايرىم-ئايرىم نوقتىغا تېمىتىپ،(17∶3) نېفىت ئېتىرى-ئېتىل ئاتسىتاتنى يېيىلدۇرغۇچى قىلىپ يېيىلدۇرۇپ،شامالدىتىپ قۇرۇتۇپ،تاختا ئۈستىگە دىنىترو بېنزولھىدرازىنو ئېتانول ئېرىتمىسىنى پۈركۈيمىز.سىناق قىلىنغۇچى دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىرىدا، سېلىشتۇرۇلىدىغان دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىرىدىكى مۇناسىپ ئورۇندا ئوخشاش رەڭلىك داغ توچكىلىرى كۆرۈنىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.