ئۆتكۈر خاراكتېرلىك تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ياللۇغى

ئۆتكۈر خاراكتېرلىك تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ياللۇغى

بۇ ھەر خىل سەۋەبلەردىن تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ئۆتكۈر ياللۇغلىنىپ، كلىنكىدا تۆۋەنكى قورساق ساھەسى ئاغرىش، قىزىش، توڭۇپ تىترەش، ئاق خۇن كۆپىيىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.


غەرب تېبابىتى نامى ئۆتكۈر خاراكتېرلىك تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ياللۇغى
تەۋە بۆلۈم ئاياللار بۆلۈم
يۇقۇملىنىش يولى يۇقمايدۇ
خەنزۇچە نامى 急性输卵管炎
يۇقۇملىنىشى
يۇقۇملۇق ئەمەس

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1. ئوفۇنەتلەنگەن قان خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئوفۇنەتلەنگەن قان خىلىتى قان ئايلىنىش ئارقىلىق تۇخۇم توشۇش نەيچىسىگە تەسىر قىلغاندا يەرلىك ئورۇننىڭ تەبىئەت كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇۇپ، ھۈجەيرە-توقۇلمىلارنى غىدىقلاپ زەخىملەندۈرۈپ، ئۆتكۈر خاراكتېرلىك تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. زەڭگەر سەپرا خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. زەڭگەر سەپرا خىلىتى تۇخۇم توشۇش نەيچىسىگە تەسىر قىلغاندا يەرلىك ئورۇننىڭ ماددا ئالمىشىشىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، تەبىئەت قۇۋۋىتىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ ھەمدە تەركىبىدىكى ئوفۇنەتلىك زەھەرلىك ماددىلار ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر غىدىقلاش تەسىرى بىلەن يەرلىك ئورۇننىڭ ھۈجەيرە توقۇلمىلىرىنى غىدىقلاپ زەخىملەندۈرۈپ، ئۆتكۈر خاراكتېرلىك تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. سىرتقى زەخىملىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. قورساق بوشلۇقىدىكى ئوپېراتسىيە مەشغۇلاتى، بەدەن سىرتىدىن زەربە تېگىش، تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنى بوغۇش، تۇخۇم توشۇش نەيچىسىدىن سۇيۇقلۇق ئۆتكۈزۈپ تەكشۈرۈش … قاتارلىق مەشغۇلاتلار جەريانىدىكى زەخىملىنىشتىن كېلىپ چىقىدۇ.

4. باشقا ئەزالاردىكى ياللۇغلىنىشلارنىڭ بىۋاسىتە يامرىشىدىن بولىدۇ.

 1) بالىياتقۇ ياللۇغى، قورساق پەردە ياللۇغى، بىرىكتۈرگۈچى توقۇلمىلار ياللۇغى، سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغى قاتارلىقلارنىڭ دائىرىسى كېڭىيىپ، تۇخۇم توشۇش نەيچىسىگە تەسىر قىلىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

 2) سوزۇلما خاراكتېرلىك تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ياللۇغىنىڭ ئۆتكۈر قوزغىلىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 5. تۇغۇت ۋە بويىدىن ئاجرىغاندىن كېيىن ياكى ھەيز مەزگىلىدىكى يۇقۇملىنىشتىن بولىدۇ.

ئۆتكۈر خاراكتېرلىك ياللۇغلۇق ئۆزگىرىشىنىڭ ئورتاق ئالامەتلىرىدىن دەسلەپكى دەۋردە تۆۋەنكى قورساق ساھەسى ئاغرىش بىلەن قىزىتما بىرلىكتە كېلىدۇ، ئېغىرراق بولغاندا يۇقىرى قىزىتما كۆرۈلىدۇ. توڭۇپ تىترەش، جۇغ-جۇغ، ئىشتىھاسىزلىق، باش ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ. ئۆتكۈر خاراكتېرلىك تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ياللۇغىدا يۇقىرىقىدەك ئالامەتلەردىن باشقا خاس ئالامەتلەردىن تۆۋەنكى قورساق ساھەسى ئاغرىش، ئاق خۇن كۆپىيىش، بەل ساھەسى تېلىپ ئاغرىش، باش ئاغرىش، ئىشتىھاسىزلىق، يۈرەك سوقۇش تېزلىشىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. ئەگەر ياللۇغ قورساق پەردىسىگە تارالغان بولسا قۇسۇش، قورساق كۆپۈش، داس بوشلۇقى يىرىڭلىق ئىششىقى ئالامەتلىرى بولىدۇ. ئەگەر بۇ يەردىكى ياللۇغ سۈيدۈك چىقىرىش يولىغا تارالغان بولسا سىيىش قىيىن بولۇش، سۈيدۈك قېتىمى كۆپىيىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئەگەر تۈز ئۈچەيگە تارالسا چوڭ تەرەت قىستىغاندەك بولۇش، قۇرۇق ئىنجىق كېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ.

1. كېسەللىك تارىخى تىپىك كېسەللىك ئالامىتىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. بىماردا ئىلگىرى ئوپېراتسىيە قىلدۇرغانلىق ياكى تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنى بوغۇش، تۇخۇم توشۇش نەيچىسىگە سۇيۇقلۇق ماڭدۇرۇش مەشغۇلاتى ئىشلىنىش ياكى بالىياتقۇ ياللۇغى، قورساق پەردە ياللۇغى، سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغى قاتارلىقلار بىلەن ئاغرىغانلىق تارىخى بولۇش بىلەن بىرگە تۆۋەنكى قورساق ساھەسى ئاغرىش، قىزىتىش، جۇغ-جۇغ بولۇش، ئاق خۇن كۆپىيىش، بەل ساھەسى تېلىپ ئاغرىش ھەمدە بېسىپ تەكشۈرگەندە ئاغرىش، مۇسكۇل جىددىيلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

2.ئاياللار بۆلۈمىدە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ياللۇغلانغاندا يەرلىك ئورۇندا ئىششىش يۈز بەرگەن بولغاچقا بەدەن سىرتىدىن تۇتۇپ تەكشۈرگەندە غەيرىيي مونەك ئۇرۇلىدۇ. ئەگەر بىر تەرەپ ياللۇغلانغان بولسا بالىياتقۇ ياللۇغلانغان تەرەپنىڭ قارشى تەرىپىگە قىڭغىر بولىدۇ. بالىياتقۇنىڭ ئىككى تەرىپىنى باسقاندا ئاغرىيدۇ ياكى ئاغرىش كۈچىيىدۇ. 3. قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

1. بىچاۋدا تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئاساس قىلىنىدۇ.

2. X نۇرىدا تەكشۈرۈلىدۇ.

3. لابوراتورىيىلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

 (1)قان رايىنى تەكشۈرۈش: قاندىكى ئاق قان دانچىسى (WBC) نىڭ سانى كۆرۈنەرلىك ئۆرلەيدۇ، نىتروفىل دانچىلىق ھۈجەيرىلىرىدە كۆپىيىش ياكى لىمفا ھۈجەيرىلىرى كۆپىيىش قوشۇلۇپ كېلىدۇ.

 (2)قاننىڭ چۆكۈش تېزلىكى (ESR) : قاننىڭ چۆكۈش تېزلىكى ئۆرلەيدۇ.

(3)سۈيدۈك رايى تەكشۈرۈلىدۇ.

 (4) ئارقا گۈمبەزدىن فۇنكسىيە قىلىنىدۇ. ئەگەر تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ياللۇغلىنىپ يىرىڭلاپ، يىرىڭلىق ماددىلار تۇخۇم توشۇش نەيچىسى چۇچا قىسمى ئارقىلىق داس بوشلۇقىغا چۈشكەن بولسا فۇنكسىيە قىلىنغان سۇيۇقلۇقتا يىرىڭلىق ئاجرالمىلار چىقىدۇ.

 (5) فۇنكسىيە قىلىپ ئېلىنغان ماددىدىن جاراسىم ئۆستۈرۈلىدۇ. بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق قايسى خىل جاراسىمدىن كېلىپ چىققان ئۆزگىرىش ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ.

ئۆتكۈر خاراكتېرلىك تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ياللۇغىئۆتكۈر خاراكتېرلىك تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ياللۇغىغا قارىتا ۋاقتىدا داۋالاش ئېلىپ بارمىغاندا، سوزۇلما خاراكتېرلىككە ئۆزگىرىدۇ ياكى ياللۇغلىنىش پۈتۈن قورساق بوشلۇقىغا تارقىلىپ، قورساق پەردە ياللۇغى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. ياللۇغ سەۋەبىدىن تۇخۇم توشۇش نەيچىسىدە يىرىڭداش بولۇپ، يىرىڭ قانغا ئۆتۈش سەۋەبلىك قان زەھەرلىنىش كېلىپ چىقىشى ھەتتا شوك بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، بەزىدە تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ياللۇغى ئەسلىگە كېلىش جەريانىدا، نەيچە دىۋارى تالالىق تاتۇق ھاسىل قىلىش سەۋەبلىك تۇخۇم توشۇش نەيچىسى توسۇلۇپ قېلىپ، تۇغماسلىققا سەۋەب بولىدۇ.

1.خىلىتلارنىڭ غەيرىيي تەبىئىي ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

2.باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا شۇ خىل كېسەللىككە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

 3. ھارارەتنى پەسەيتىش، قان تازىلاش، ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

4. كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر بولغاندا ياللۇغ كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

 5. ئالامىتىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ئوفۇنەتلەنگەن قان خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا قان خىلىتىنىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىپ تەڭشەش مەقسىتىدە ئەرقى كاسىنە كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن؛ ئەرقى شوخلا كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن؛ ئەرقى كاكىنەچ كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن؛ تەمرى ھىندى شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 60 مىللىلىتىردىن؛ ئەينۇلا شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن؛ زىخ شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 60 مىللىلىتىردىن كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ. زەڭگەر سەپرا خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا خاس سەپرا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا قان تازىلىغۇچى دورىلاردىن سەرسىبىل، كاكىنەچ، چۆپچىن، قەسبۇزەرىرە قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ قائىدە بويىچە مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، 80 مىللىلىتىردىن 7 ~ 5 كۈنگىچە ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن، يۇقىرىقى مۇنزىچ نۇسخىسىغا خاس سەپرا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن 5 ~ 3 كۈنگىچە ئىچىشكە بېرىپ زەڭگەر سەپرا خىلتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ. ئوفۇنەتلىنىشكە قارشى تۇرۇپ قان تازىلاش، ھارارەت پەسەيتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسەتلىرىدە تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ. ئەرقى مۇسەپپى خۇن كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن؛ ئەرقى كاسىنە كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن؛ ئەرقى چۆپچىن كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100 مىللىتىردىن؛ شەربىتى كاكىنەچ كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 60 مىللىلىتىردىن؛ شەربىتى ئۆشبە كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 60 ~ 50 مىللىلىتىردىن؛ شەربىتى بۇزۇرى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن؛ چىلان شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 60 مىللىلىتىردىن؛ مەجۈنى چۆپچىن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ ئىترىفىل چۆپچىن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ قۇرسى كاكىنەچ كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 5 ~ 3 دانىدىن ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ. ياللۇغ قايتۇرۇش، ھارارەت پەسەيتىش مەقسىتىدە مۇۋاپىق مىقداردىكى ئاق سەندەلنى ئىكەكلەپ، ئەرقى گۈل ياكى سىركە بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، دوۋسۇن ساھەسىگە چېپىلىدۇ. ھۆل كاسىنە چۆپى، ھۆل يۇمغاقسۈت، ھۆل ئىتئۈزۈمى (ئۇرۇقى ياكى چۆپى) قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ ئېزىپ، سىركە ۋە ئىكەكلەنگەن ئاق سەندەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، تۆۋەنكى قورساق ساھەسىگە چېپىلىدۇ. كاسىنە ئۇرۇقى، كاسىنە يىلتىزى، ئوغرىتىكەن، ئىتئۈزۈمى، بىنەپشە، نېلۇپەر، پىرسىياۋشان، سېمىز ئوت ئۇرۇقى، ئۇسۇڭ ئۇرۇقى، زىخ قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 20 گرامدىن، پاقىيوپۇرمىقى ئۇرۇقى، سېرىقچېچەك، ھەمىشىباھار ئۇرۇقى قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرىدىن 10 گرامدىن، سىركىدىن 200 مىللىلىتىردىن ئېلىپ، قاينىتىپ قائىدە بويىچە ئابىزەن قىلىنىدۇ. يۇقىرى دەرىجىدە قىزىتىپ يانمىغان، دورا بىلەن داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى بولمىغان، يىرىڭلىق ئىششىق شەكىللەنگەنلەرگە قارىتا يىرىڭلىق ئىششىقنىڭ يېرىلىپ يۇقۇملىنىشنىڭ كېڭىيىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئوپېراتسىيە ئۇسۇلى يەرلىك ئورۇننىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن بەلگىلىنىدۇ. ئەگەر داس بوشلۇقى يىرىڭلىق ئىششىقنىڭ ئورنى بالىياتقۇ-تۈز ئۈچەي ئويمىنىدا ئىكەنلىكى ئېنىق بولسا (جىنسىي يولدىن تەكشۈرگەندە جىنسىي يول ئارقا گۈمبەز قىسمى پۇلتىيىپ چىققان بولسا، مىلىقلاش سېزىمى بولسا، ئارقا گۈمبەزدىن فۇنكسىيە قىلىپ تەكشۈرگەندە يىرىڭ چىقسا) ، ئارقا گۈمبەزدىن كېسىپ شىلانكا قويۇپ ئاققۇزۇش ئوپېراتسىيىسى ئىشلىنىلىدۇ ياكى يىرىڭ سۈمۈرۈپ ئېلىۋېتىلىدۇ. يىرىڭلىق ئىششىقنىڭ ئورنى نىسبەتەن يۇقىرى بولۇپ، ياللۇغ تىزگىنلەنمىسە يۇقىرى قىزىتما يانمىسا، يېرىلىپ كېتىش ئېھتىمالى بولسا، قورساقنى يېرىپ تەكشۈرۈپ كېسەلنىڭ يېشى، كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ يىرىڭلىق ئىششىقنى كېسىپ ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيىسى ئىشلىنىدۇ. كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ زۆرۈر بولسا بالىياتقۇنىڭ كۆپ قىسمى ياكى بىر تەرەپ قوشۇمچە ئەزالارنى كېسىپ ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيىسى ئىشلىنىدۇ. ئالامەتلىرىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. يەنى قەۋزىيەتلىك بولسا مەجۇنى خىيارشەنبەر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ ئىترىفىل مۇلەييىن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ ھەسەل شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ. رەئىس ئەزالار ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش، بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە داۋائىمىشكى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن بۇرۇن، ھەر قېتىمدا 5 ~ 3 گرامدىن؛ ئامىلە نۇشدارى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ جاۋارىش مىشكى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن بۇرۇن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ مائۇللەھمى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

1. تەستە سىڭىدىغان، زىيادە ئىسسىق، يەللىك، غىدىقلاش تەسىرىگە ئىگە يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ.

2. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، قوقاق قايتۇرغۇچ−ى ل−ەتىف غىزالار بىل−ەن ئوزۇقلاندۇرۇلىدۇ.

3. كېسەل ياخشىلانغىچە بىمار ۋاقتىنچە جىنسىي مۇناسىۋەتتىن چەكلىنىدۇ. ئۇندىن باشقا ياللۇغلىنىشنى چەكلەش ئۈچۈن، ئاياللار بۆلۈمىدىكى زۆرۈر بولمىغان تەكشۈرۈشلەرنى ئىشلىتىلمەسلىك كېرەك.

4. تۇغۇت، بويىدىن ئاجراش، ھەيز مەزگىللىرىدە تازىلىق ۋە كۈتۈنۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش، ئاياللار بۆلۈمىدە تەكشۈرۈش، ئوپېراتسىيە ۋە باشقا مەشغۇلاتلار (تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيىسى، تۇغۇت چەكلەش ئەسۋابلىرىنى ئىشلىتىش) جەريانىدا مەشغۇلاتنىڭ قائىدىلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، مۇۋاپىق كېلىدىغان ئاياللار كېسەللىكلىرىنى ۋە قورساق بوشلۇقىدىكى ئوپېراتسىيىلەرگە پۇختا بولۇش كېرەك.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1300

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#