ۋۇتەيشەن تېغىدىكى بۇددا نۇرى ساڭرامى

ۋۇتەيشەن تېغىدىكى بۇددا نۇرى ساڭرامى

ۋۇتەيشەن تېغىدىكى بۇددا نۇرى ساڭرامى ،شەنشى ئۆلكىسىنىڭ ۋۇتەي ناھىيەسىدىكى يېڭى بۇددا تابانۇس كەنتىىگە جايلاشقان.ئۇ دۆلىتىمىزدىكى نوقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنى 

 يادىكارلىق بىرى بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئىسمى ۋۇتەيشەن تېغىدىكى بۇددا نۇرى ساڭرامى
كۆلىمى 34000 كىۋادىرات
بىلەت باھاسى 15يۇەن
دۆلىتى جۇڭگو
خەنزۇچە ئاتىلىشى 山西省五台山佛光寺
ئېچىلىش ۋاقتى 8:00-18:30
تەۋەلىكى شەنشى ئۆلكىسى
دەسلەپكى قۇرۇلغان ۋاقتى 471-499 (مىلادىيە)

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ۋۇتەيشەن تېغى بۇددا نۇرى ساڭرامىۋۇتەيشەن تېغى(ھازىرقى سەنشى ئۆلكىسىدە) تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئېلىمىزنىڭ بۇددا دىنى مەركىزىگە ئايلىنىپ، نۇرغۇن بۇتخانىلار سېلىنغان. 5-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى سېلىنغان بۇددا نۇرى ساڭرامى شۇ زامانلاردىكى «10 چوڭ ئىبادەتخانا» نىڭ بىرى بولۇپ، تاغنىڭ غەربىي يان باغرىنى بويلاپ ئۈچ قەۋەتلىك سۇپا شەكلى ھاسىل قىلىنىپ ئەڭ ئۈستىگە بۇدساتۋا سارىيى سېلىنغان. 

بۇددا نۇرى ساڭرامىنىڭ بۇدساتۋا سارىيى ئۇ ئېلىمىزدە ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن ئەڭ قەدىمىي ياغاچ قۇرۇلمىلىق بۇدساتۋا سارايلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ساراينىڭ ئالدى تەرىپى يەتتە ئېغىزلىق، يان تەرىپى تۆت ئېغىزلىق بولۇپ، تۈۋرۈكلىرى ئىچىدىن سىرتىغا ئىككى ئايلانما ھالىتىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ساراينىڭ ئارقا يېرىمىنى دېگۈدەك ئاجايىپ يوغان بۇت تەكچىسى ئىگىلىگەن، تەكچىنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىغا ئۈچ ئاساسلىق بۇت ۋە ياردەمچى بۇتلار، يان تەرەپلىرىگە كۈچ-قۇدرەت مۇئەككىلى قاتارلىقلارنىڭ ھەيكەللىرى جايلاشتۇرۇلغان.

ياغاچ بۇددا نۇرى ساڭرامىتاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى بۇددا ئىبادەتخانىلىرىدا بىناكارلىق، نەققاشلىق، ھەيكەلتىراشلىق، رەسساملىق سەنئىتىنى بىرلەشتۈرۈش جەھەتتە ئاجايىپ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان. بۇددا نۇرى ساڭرامىنىڭ بۇدساتۋا سارىيىدىكى بۇتلار ھەتتا ساراي تۈۋرۈكلىرىدىنمۇ ئېگىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇت تەكچىلىرى ياسىلىپ، بۇتلارنىڭ ئاساسلىق ئورنى تەبىئىي ھالدا گەۋدىلەندۈرۈلگەن. سارايدىكى ئىخچام لىم-تۈۋرۈكلەر ۋە زىچ جايلاشتۇرۇلغان تورۇسلار، بۇتلاردىكى نەپىس ئويمىلار بىلەن ئاددىي قۇرۇلمىلار تازا مۇۋاپىق سېلىشتۇرما شەكىللەندۈرگەن.

بۇدساتۋا سارىيىنىڭ ئالدىدا پاكار سۇپا بار، تۈۋرۈكلىرىنىڭ ئېگىزلىكى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ، يەنى ئوتتۇرىسىدىن باشلاپ ئىككى يانغا ئاز-ئازدىن ئېگىزلىتىلگەن. ھەربىر تۈۋرۈك بېشىغا «دۇگۇڭ» دەپ ئاتىلىدىغان ئاجايىپ زور ۋە مۇرەككەپ بىرىكتۈرگۈچى قۇرۇلما − لىم تەگلىكى جايلاشتۇرۇلغان، بۇ تەگلىك لەمپىنى تۆت مېتىر ئېگىزلىتىپ تۇرىدۇ. ئۆگزىسى ئىنتايىن سىپتا ئەگرى سىزىق ھالىتىدە بولۇپ، لەمپە گىرۋىكىنىڭ سەل-پەل كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان ئۇچلىرى بىلەن ناھايىتى ئەپلىك ماسلاشتۇرۇلغان. ئۆگزىسى تەكشى، ساراينىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ئۆگزىنى كۆرگىلى بولمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۆگزىنىڭ گىرۋىكى ئادەمگە ئاجايىپ سىرلىق تۇيغۇ بېرىدۇ، لىم تەگلىكى تېخىمۇ گەۋدىلىنىپ، پۈتكۈل قۇرۇلۇش ئاجايىپ كۆركەم، ھەيۋەتلىك ۋە چىرايلىق كۆرۈنىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#