مارجان كاۋاپ

مارجاپ كاۋاپ بولسا كاۋاپنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، قوينىڭ لوق گۆشى ، تۇز ، تۇخۇم ، سوققان زىرە ، ھۆل پۇرچاق ئۇنى ، پىياز، سوققان لازا ، ياغ  قاتارلىقلارنى ماتېرىيال قىلىپ تەييارلىنىدۇ . شەكلى كۆركەم ،تەملىك ،ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە .

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تەييارلاش ئۇسۇلىقوينىڭ لوق گۆشى 280 گرام، تۇز مۇۋاپىق، تۇخۇم بىر دانە، سوققان زىرە ئازراق، ھۆل پۇرچاق ئۇنى ئازراق، پىياز بىر تال، سوققان لازا ئازراق، ياغ 500 گرام(خورايدىغىنى 70 گرام) . 

1. قوينىڭ لوق گۆشىنى ئۆرۈكنىڭ ئۇرۇقچىسىدەك چوڭلۇقتا يالپاقلاپ توغراپ، ئۇنىڭغا چانالغان پىياز، زىرە، لازا، پۇرچاق ئۇنى، تۇز، تۇخۇم ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. (ئازراق كۈنجۈت ئارىلاشتۇرسىمۇ بولىدۇ) .

2. ئارىلاشتۇرۇلغان گۆشنى ئىنچىكە زىخچىلارغا تەكشى ئۆتكۈزۈپ تەييارلىنىدۇ.

3. قازانغا ياغ قۇيۇپ ئالتە دەرىجە قىزىغاندا زىخچىغا ئۆتكۈزۈپ تەييارلانغان گۆشنى سېلىپ ئالتۇن سېرىق رەڭدە داغلانغاندىن كېيىن سۈزۈپ ئېلىپ، ياغنىڭ گرادۇسىنى سەككىزىنچى دەرىجىگە ئۆرلىتىپ، ئىككىنچى قېتىم زىخچىلارنى سېلىپ مارجاندەك قىزارتىپ پىشۇرۇپ، سۈزۈپ ئېلىپ تەخسىگە تەكشى تىزىپ زىياپەت جوزىسىغا كەلتۈرۈلىدۇ. گۆش كىچىك-كىچىك توغرالغاچقا، بۇ كاۋاپنى بىر قېتىملىق ياغدا پىشۇرسىمۇ بولىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#