گەنخېزا بازىرى دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. گەنخېزا بازىرى (فۇكاڭ شەھىرى)
  2. گەنخېزا بازىرى ()
فۇكاڭ شەھىرى

گەنخېزا بازىرى

گەنخېزى بازىرى

گەنخېزى بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى نىڭ فۇكاڭ شەھىرى گە قاراشلىق مەمۇرىي بازار بۇلۇپ، فۇكاڭ شەھىرىدىن 37 كىلومېتىر كېلدىغان جايغا، تەڭرىتاغنىڭ شەرقىي بۆلىكىدىكى بوغدا چوققىسىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، ئەجدىھا جەنۇبىي تاغ شىمالىي ئېتىكى، جۇڭغار ئويمانلىقى نىڭ شەرقىي جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى گەنخېزا بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
نوپۇسى 12 مىڭ ئادەم
تېلېفون رايون نۇمۇرى 0994
خەنزۇچە ئاتىلىشى 甘河子镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ فۇكاڭ شەھىرى
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق كىلىماتى
ماشىنا كودى 新B

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

گەنخېزا بازىرىگەنخېزى بازىرى فۇكاڭ شەھىرى گە قاراشلىق مەمۇرىي بازار بۇلۇپ، فۇكاڭ شەھىرى دىن 37 كىلومېتىر كېلدىغان جايغا، تەڭرىتاغنىڭ شەرقىي بۆلىكىدىكى بوغدا چوققىسىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، ئەجدىھا جەنۇبىي تاغ شىمالىي ئېتىكى، جۇڭغار ئويمانلىقى نىڭ شەرقىي جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان، تۆت ئەتراپى بىلەن خۇگوۋ يېزىسى قوشنا. شەرقىي قىسمى جىمىسار ناھىيەلىرى بىلەن چېگراداش، تۇرپان-ئۈرۈمچى-تاقىرتاغ ئالىي تاشيولى بىلەن بولغان بازارلىق رايونى ئارىلىقى 3.7 كىلومېتر، لىنىيە سىزىقى يېزا تەۋەسىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ، ئۈرۈمچى گەنسۇ تۆمۈر يولى خۇاڭبو بازىرىنىڭ جەنۇبىدا، قاتنىشى ئىنتايىن قۇلايلىق. خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، خۇيزۇ ... قاتارلىق 14 مىللەت ئولتۇراقلاشقان، ئومۇمىي نوپۇسى 12 مىڭ ئادەم، تەۋەلىكىدىكى مەمۇرىي رايون 2.5 كۋادىرات كىلومېتىر. ئۇنىڭدىن باشقا ئۈچ ئاھالىلەر كومىتېتى، ئومۇمىي ئاھالىسى 10069 ئادەم. 

گەنخېزا بازىرىگەنخېزا بازىرى رايونى يەر تۈزۈلۈشى جەنۇبى ئېگىز، شىمالى پەس، ئوتتۇرا شەرق–جەنۇب يۆنىلىشى بويىچە قىيسايغان، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 981-885 مېتىر، تاغلىق رايونىدا زىيادە ئېدىرلىق تاغ بەلۋېغى، بازار رايونىنىڭ شىمالىدىكى دېڭىز يۈزىدىن 900 مېتىر ئېگىزلىكتىن باشلاپ شىمالىي قىسمى چۆللۈك، توپا قەۋىتى نېپىزراق، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر شالاڭ ئۆسىدۇ، چۆللۈكنى ئاساس قىلىدۇ. بازار ئىچىدە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 300 مېتىر، شەرق تەرىپىدە 800 مېتىر، ئېگىز پەسلىكى 10 مېتىر. 

گەنخېزا بازىرىگەنخېزا بازىرى قارمىقىدا ئىككى ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ، بۇلار نۇرلۇق يولى ئاھالە كومىتېتى ۋە گۈللەندۈرۈش يولى ئاھالە كومىتېتى، بۇنىڭ ئىچىدە نۇرلۇق يولى ئاھالىلەر كومىتېتى 3098 ئادەم، ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ كادىرى 5 ئادەم، گۈللەندۈرۈش يولى ئاھالىلەر كومىتېتى 4250 ئادەم، ئاھالە كومىتېتى كادىرى 5 ئادەم. گەنخېزا بازىرىدىكى ئاھالىلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا يەرلىكتىكى ئۇزاق مۇددەتلىك كۆچمەن قازاق چارۋىچىلاردىن باشقا مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى باشقا جايلاردىن كۆچۈپ كەلگەن. سانائەت كارخانىلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىنى ئەگىشىپ 1960-يىلى گەنخېزى نوپۇسى 650 ئائىلە، 3295 ئادەم؛ 1970-يىلى نوپۇسنىڭ ئېشىشى بىر قەدەر تېز بۇلۇپ، جەمئىي 1055 ئائىلە، 4940 ئادەم؛

1982-يىلى نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى يۇقىرى پەللىگە يەتكەن بۇلۇپ، جەمئىي 3471 ئائىلە، 16319 ئادەم، نوپۇس كۆپىيىش نىسبىتى %20.19 يەتكەن؛ 

90-يىللارغا كەلگەندە، بازار ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى گەنخېزا بازىرى نوپۇسى يىلدىن يىلغا تۆۋەنلەشكە يۈزلىنىپ 1990-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە نوپۇس ئازىيىش نىسبىتى %7 بولغان؛ 

2000-يىلى بازار رايونىدا غەيرى يېزا ئىگىلىك نوپۇسى 4744 ئائىلە، 12738 ئادەم. 

گەنخېزا بازىرىگەنخېزا بازىرىدا ھازىرقى باشلانغۇچ مەكتەپتىن بىر، بالىلار باغچىسى ئىككى. بازار بويىچە جەمئىي ئوقۇغۇچىسى 980 نەپەر، تيەنلۇڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى سانى 240 نەپەر، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچى 23 ئادەم بولۇپ، كۆكەرتىلگەن يەر نىسبىتى %31 نى ئىگىلەيدۇ. تيەنلۇڭ باشلانغۇچ مەكتەپ يەر كۆلىمى بەش گېكتار، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى سانى 600 نەپەر، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىسى 38 ئادەم (9 ئەر)، مەكتەپتە ھازىر بار بولغان ئۇل ئەسلىھەلەردىن 2 ۋاسكىتبول مەيدانى، بىر پۇتبول مەيدانى، بىر ئۇسسۇل سىنىپى، كۆكەرتىلگەن يەر نىسبىتى %32 نى ئىگىلەيدۇ. بالىلار باغچىسى رەسمىي ئىشچى-خىزمەتچىسى 4 ئادەم، بالىلارنىڭ سانى 140 نەپەر. 

گەنخېزا بازىرى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان سانائەت بازىرى 1995 يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى گېئولوگىيە چوڭ ئەترىتى تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ يەردىكى كۆمۈر ھېسابقا ئالمىغاندا باشقا يەنە ھاك تېشى، مېزىتىت كېنىنى بايقىغان. 

گەنخېزا بازىرى1958-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەجرىبە پولات-تۆمۈر زاۋۇتى پىلانلىنىپ ياساش باشلىنىپ، 1959-يىلى پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن، ئارقىدىنلا پولات-تۆمۈر زاۋۇتى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، خادىملىرى ئۈزلۈكسىز كۆپەيگەن. تىيەنلوڭ پولات-تۆمۈر تاۋلاش، پولات تاۋلاش، كان ئېچىش، كۆمۈر، ئوتقا چىداملىق ماتېرىيال، ماشىنا رېمونت قىلىش،  قۇيما، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، ئۇل قۇرۇلۇش ئەترىتى، مەركىزىي تەجرىبىخانا، ئاپتوموبىل ئەترىتى قاتارلىق 16 سېخى ۋە ئورۇنلار تۇراقلىق مۈلۈك 11 مىليون يۈەن، ئىشچى-خىزمەتچىلەر 2496 نەپەر بولغان، كىچىك تىپتىكى پولات-تۆمۈر بىرلەشمە كارخانىسى بولۇپ، گەنخېزى رايونلارنىڭ شەھەر-بازارلىشىش تەرەققىياتىنى تېزلەتكەن. 1984-يىلى بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى گەنخېزا تيەنلۇڭ پولات − تۆمۈر زاۋۇتى «تيەنلۇڭ» سېمونت زاۋۇتى، ئەجدىھا ئېلېكتر ئىستانسىسى، ئەجدىھا قۇلۇپ زاۋۇتى، كۆمۈر كان قاتارلىق بەش ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلارنىڭ 1 كارخانا ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان سانائەت بازىرى بۇلۇپ قۇرۇلغان. 1960-يىلدىن 1985-يىلغىچە ئۈچۈن گەنخېزى روناق تېپىۋاتقان مەزگىل بۇلۇپ، ئەينى چاغدا بازاردا كارخانىلارنىڭ يىللىق مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 8 يۈز مىليارد يۈەن،  فۇكاڭ شەھىرىنىڭ يىللىق پايدا باجنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىم ىنى ئىگىلىگەن؛

1984-يىلى دۆلەت خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىكى تەستىقلاپ بازار تەسىس قىلىنغان. بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، تيەنلۇڭ پولات − تۆمۈر زاۋۇتى، ئەجدىھا قۇلۇپ زاۋۇتى، ئەجدىھا ئېلېكتر ئىستانسىسى 2000-يىلى ئارقا-ئارقىدىن ۋەيران بولغان، ھازىر ساقلىنىۋاتقان «تيەنلۇڭ» سېمونت زاۋۇتى، 1999-يىلى تۈزۈلمىسىنى «تيەنلۇڭ» كانچىلىك پاي چەكلىك شىركىتى قىلىپ ئۆزگەرتىكەن.

2004-يىلى گەنخېزى بازىرى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالى ياخشى، مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 500 مىليون يۈەنگە، سانائەت مەھسۇلات قىممىتى 100 مىليون 540 مىڭ يۈەن، قوشۇلما قىممىتى 30 مىليون 390 مىڭ يۈەن، يۇقىرىغا تاپشۇرغان پايدا-باج 5 مىليون 850 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. تۇنجى قېتىم بازار ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تاماملاپ، 2004-بازار ئاھالىلىرىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 5000 يۈەن بولغان، فۇكاڭ شەھىرى مۇھىم سانائەت بازىرى. 

پۈتۈن بازاردىكى ھازىرقى خۇسۇسىي كارخانا 11 گە، بۇنىڭ ئىچىدە سانائەت كارخانىلىرى 10 غا، باشقا كارخانا 1، 1 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان كارخانا ئۈچ، يەككە تىجارەتچى 216 گە، بۇنىڭ ئىچىدە ترانسپورت كەسپى 11 گە، توپ ۋە پارچە سېتىش كەسپى يىلى 119 ئائىلىلىك، ئىشلەپچىقىرىش، يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمەت كەسپى 86 گە، كەسىپكارلىرىنىڭ سانى 743 ئادەم.

«تيەنلۇڭ» كانچىلىقى

«تيەنلۇڭ» كانچىلىقى: كارخانا خاراكتېرى ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدە بۇلۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 595 مىڭ كۋادرات مېتىردىن ئارتۇق كېلىدۇ، يېشىللاشتۇرۇلغان مەيدان كۆلىمى 296014.6 كۋادرات مېتىر، ئىشچى-خىزمەتچىسى 1680 ئادەم، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 330 مىليون يۈەن، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە 250 مىليون يۈەن، مۇقىم مۈلۈك 640 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

شىنجاڭ ترانسپورت باش شىركىتى

شىنجاڭ ترانسپورت باش شىركىتى: شىركەتنىڭ خاراكتېرى، پاي تۈزۈمى، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 34 مىڭ كۋادرات مېتىردىن ئارتۇق كېلىدۇ، قۇرۇلۇش كۆلىمى 20 مىڭ كۋادرات مېتىر. كۆكەرتىش نىسبىتى %30. ئىشچى-خىزمەتچىلەر سانى 300 ئادەم، كارخانا يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 20 مىليون يۈەن ئەتراپىدا. 

تىيەنكاڭ بېقىش مەيدانى

گەنخېزا بازىرىفۇكاڭ بېقىش مەيدانى: كارخانا خاراكتېرى خۇسۇسىي كارخانىلار، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 20 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يەتكەن. يېشىللاشقان مەيدان نىسبىتى %50، ئىشچى-خىزمەتچىسى 12 ئادەمگە، كارخانا يىللىق توك ئىشلىتىش مىقدارى 25 مىليون كىلوۋات سائەتكە، يىللىق سۇ ئىشلىتىش مىقدارى 10 مىڭ توننىغا يەتكەن. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#