بېكون

«بىلىم − كۈچ!»، بۇ ئەنگلىيەلىك مەشھۇر ئالىم، پەيلاسوپ بېكون

(1561-1626) نىڭ مەشھۇر سۆزى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى بېكون
دۆلەت تەۋەلىكى ئەنگلىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1626-يىل 4-ئاينىڭ 29-كۈنى
چەتئەلچە نامى Francis Bacon
خەنزۇچە ئىسمى 弗朗西斯·培根
تۇغۇلغان ۋاقتى 1561-يىل 1-ئاينىڭ 22-كۈنى
كەسپى ئالىم، پەيلاسوپ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بېكونئۇ «تارىخ ئادەمنى دانالاشتۇرىدۇ، شېئىر ئادەمنى ئاقىللاشتۇرىدۇ، ھېساب ئادەمنى ئەستايىدىللاشتۇرىدۇ، پەلسەپە ئادەمنىڭ زېھنىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ، ئېتىكا ئادەمنىڭ پەزىلىتىنى ئاشۇرىدۇ، لوگىكا، ئىستىلىستىكا ئادەمنى مۇنازىرىگە ئۇستا قىلىدۇ» دېگەننى كۈچىنىڭ بارىچە تەشەببۇس قىلغان. ئۇ ئىلىم-پەنگە، ئىلىم-پەننى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئىلغار ئىدىيىلەرگە ۋە بىلىمنى ئۇلۇغلايدىغان ئىلغار شوئارلارغا ھۆرمەت قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىزچىل ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۆمۈرۋايەت ھەقىقەتكە ئىنتىلگەن بۇ مۇتەپەككۇرنى ماركس «ئەنگلىيە ماتېرىيالىزمى ۋە پۈتكۈل ھازىرقى زامان تەجرىبە ئىلمىنىڭ ھەقىقىي پېشۋاسى» دېگەن. بېكون ئىلىم-پەن بىلىملىرى ۋە يېڭى ئۇسۇللارنى، ئىنسانلاردا تەبىئەتنى تولۇق ئىدارە قىلالايدىغان ئىقتىدارنىڭ بولۇشىنى ئۆمۈر بويى كۈچىنىڭ بارىچە تەشەببۇس قىلغان. ئۇ تەبىئىي پەننى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، بىلىم ئىگىلەشنىڭ مەقسىتى تەبىئەتنى بىلىش، شۇ ئارقىلىق تەبىئەتنى بويسۇندۇرۇش دەپ قارىغان. ئۇ تەبىئەت دۇنياسى ماددىي، ھەرىكەتچان، ئىچكى كۈچ ۋە ئىچكى كېرىلىش كۈچىگە ئىگە دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ، بارلىق بىلىمنىڭ مەنبەسى تۇيغۇ، تۇيغۇ ئىشەنچلىك بولىدۇ دەپ قارايدۇ. ئىلىم-پەندە ھېسسىي ماتېرىياللارنى يىغىنچاقلاش، تەھلىل قىلىش، سېلىشتۇرۇش، كۆزىتىش ۋە تەجرىبە قىلىش ئۇسۇللىرى بىلەن ئىلمىي رەتلەشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بېكون، ھېسسىي تەجرىبە بىلەن ئەقلىي تەپەككۇرنى بىرلەشتۈرۈش سەزگۈ ئەزالارنىڭ نۇقسىنىنى تۈگىتىشنىڭ مۇھىم يولى، ھېسسىي تەجرىبىلەرگە ئەھمىيەت بېرىپ نەزەرىيىۋى يەكۈنلەرگە سەل قاراش چۈمۈلىنىڭ ماتېرىيال يىغىشنىلا بىلىپ، پىششىقلاپ ئىشلەشنى بىلمىگىنىگە ئوخشايدۇ؛ ئەقلىي تەپەككۇرگە ئەھمىيەت بېرىپ، تەجرىبىگە سەل قاراش ئۆمۈچۈكنىڭ يىپ چىقىرىپ تور توقۇشنىلا بىلىپ، ئۆز سىستېمىسىنى ياسىغىنىغا ئوخشايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى توغرا ئەمەس. ئىلىم-پەن تۇيغۇنى ئاساس قىلىپ، تۇيغۇ ئارقىلىق ئېرىشكەن ماتېرىياللارنى مۇۋاپىق ئۇسۇللار ئارقىلىق تەھلىل قىلىشى، رەتلىشى، ئومۇمىي قائىدە يۈكسەكلىكىگە ئۆستۈرۈپ، شەيئىنىڭ ماھىيىتى ۋە قانۇنىيىتىنى بايقىشى كېرەك. خۇددى ھەسەل ھەرىسىگە ئوخشاش ھەم يىغىشى، ھەم پىششىقلاپ ئىشلىشى لازىم، دەپ قارىغان. بۇ خىل مۇۋاپىق ئۇسۇل بېكون تەشەببۇس قىلغان يىغىنچاقلاش (ئىندۇكسىيە) ئۇسۇلى. ئۇ يېقىنقى زامان يىغىنچاقلاش ئۇسۇلىنىڭ ئاساسچىسى. ئۇنىڭ يىغىنچاقلاش ئۇسۇلى تەبىئىي پەنلەرنىڭ تەرەققىياتىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسەتكەن.

بېكوننىڭ «ئىلىم-پەننىڭ قىممىتى ۋە تەرەققىياتى توغرىسىدا»، «يېڭى قورال» قاتارلىق ئەسەرلىرى دۇنياغا مەشھۇر ئەسەرلەردۇر.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#