Visual Basic

«Visual» دېگەن سۆزنىڭ «كۆرۈنىدىغان» دېگەن مەنىسى بار. Basic بولسا بىر خىل پروگرامما لايىھەلەش تىلىنىڭ نامى بولۇپ، Beginner`s All-purpose Symbolic Instruction Code سۆزىنىڭ قىسقارتىلمىسى، مەنىسى «يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر ئورتاق ئىشلىتىدىغان بۇيرۇق كودى» بولۇپ، ئادەتلەنگەن بويىچە Basic تىلى دەپ ئاتىلىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى VB پروگرامما تۈزۈش تىلى
چەتئەلچە نامى Visual Basic
قۇرغۇچىسى Alan Cooper
خەنزۇچە نامى VB编程语言
قىسقارتىلما نامى VB
تۈرلىرى كومپيۇتېر پروگرامما لايىھىلەش تىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

Visual Basicكومپيۇتېردا ئوخشاش بولمىغان يۇمشاق دېتال ئارقىلىق ئوخشاش بولمىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىمىز. مەسىلەن، Word ئارقىلىق يېزىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، Excel ئارقىلىق سانلىق مەلۇمات جەدۋەللىرى بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. ئادەتتە، ھەر خىل يۇمشاق دېتاللارنىڭ يادروسى كومپيۇتېر خىزمەتچىلىرى تۈزگەن بىر قىسىم پروگراممىلار بولىدۇ. پروگرامما بولسا كومپيۇتېرغا قوماندانلىق قىلىپ، ئۇنى خىزمەت قىلدۇرىدىغان بىر قىسىم بۇيرۇقلاردىن تۈزۈلىدۇ. كومپيۇتېر خىزمەت قىلغاندا، پروگراممىدىكى بۇيرۇقتا بەلگىلەنگەن ھەر خىل مەشغۇلاتلار بەلگىلىك تەرتىپ بويىچە ئىجرا قىلىنىپ، كىشىلەر كومپيۇتېرغا تاپشۇرغان ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش ۋەزىپىسىنى ئورۇندايدۇ.

كومپيۇتېرغا پروگرامما تۈزۈش جەريانى پروگرامما لايىھەلەش دەپ ئاتىلىدۇ. پروگرامما تۈزگەندە، ئالاھىدە بەلگىلەنگەن ھەرپ-بەلگە توپلىمى ئىچىدىكى سۆزلەر، تىنىش بەلگىلىرى ۋە بىر قىسىم ئالاھىدە بەلگىلەر، بەلگىلىك قائىدە بويىچە تۈزگەن جۈملىلەر كىرگۈزۈلۈپ، كومپيۇتېرنىڭ خىزمىتى ئەسكەرتىلىدۇ. بۇ خىل ئادەم بەلگىلىگەن ھەرپ-بەلگە توپلىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك قائىدىلەر بىرلىشىپ، پروگرامما لايىھەلەش تىلىنى تۈزىدۇ.

پروگرامما لايىھەلەش تىلىنىڭ تۈرلىرى

پروگرامما لايىھەلەش تىلىنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن، C تىل، Pascal تىلى، Logo تىلى، Visual Basic تىلى قاتارلىقلار. ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تىلىدا ئوخشاش بولمىغان سۆز ۋە گرامماتىكا قائىدىسى بولغىنىغا ئوخشاش، ئوخشاش بولمىغان پروگرامما پروگرامما لايىھەلەش تىللىرى ئوخشاشمىغان ھەرپ-بەلگە توپلىمىنى ئىشلىتىدۇ ھەم ئوخشاشمىغان قائىدىگە بويسۇنىدۇ.

كومپيۇتېرنى ئىشلىتىپ ھەر خىل ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش ۋەزىپىلىرىنى ئورۇندىغانغا ئوخشاش، پروگرامما لايىھەلەش تىلى ئارقىلىق پروگرامما تۈزگەندە، ماس ھالدىكى يۇمشاق دېتالنىڭ قوللىشىغا مۇھتاج بولىمىز. بۇ تۈردىكى يۇمشاق دېتاللار چۈشەندۈرۈش پروگراممىسى ياكى تەرجىمە قىلىش پروگراممىسى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ پروگراممىنىڭ رولى پروگرامما لايىھىلىگۈچىگە پروگرامما مەزمۇنىنى كىرگۈزىدىغان ۋە تەھرىرلەيدىغان كۆرۈنمە يۈزنى تەمىنلەپ، كىرگۈزگەن پروگرامما مەزمۇنلىرىنى كومپيۇتېر بىۋاستە ئىجرا قىلالايدىغان بىر قاتار بۇيرۇققا ئايلاندۇرۇش.

Visual Basicپروگرامما لايىھەلەش تىلى-ماشىنا تىلى، ئاسسېمبېل تىلى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك تىلدىن ئىبارەت ئۈچ خىلغا بۆلۈنىدۇ. ماشىنا تىلى بىلەن ئاسسېمبېل تىلى كەسپىي خادىملارنىڭ ئىشلىتىشىگە مۇۋاپىق كېلىدۇ. يۇقىرى دەرىجىلىك تىلنىڭ قۇرۇلمىسى ئىنگلىز تىلىغا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۇنى ئۆگىنىش ۋە ئىگىلەش قىيىنمۇ ئەمەس. يۇقىرى دەرىجىلىك تىلنىڭ تۈرلىرىمۇ كۆپ خىل بولىدۇ، VB بولسا ئۇنىڭ ئىچىدىكى نۆۋەتتە مودا بولۇۋاتقان بىر تۈرى، VB دىن پايدىلىنىپ، باشقا Windows ئىش پروگراممىلىرىنىڭ كۆرۈنمە يۈزىگە ئوخشاش قوللىنىشچان پروگراممىلارنى لايىھىلەپ چىققىلى بولىدۇ.

«Visual» دېگەن سۆزنىڭ «كۆرۈنىدىغان» دېگەن مەنىسى بار. Basic بولسا بىر خىل پروگرامما لايىھەلەش تىلىنىڭ نامى بولۇپ، Beginner`s All-purpose Symbolic Instruction Code سۆزىنىڭ قىسقارتىلمىسى، مەنىسى «يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر ئورتاق ئىشلىتىدىغان بۇيرۇق كودى» بولۇپ، ئادەتلەنگەن بويىچە Basic تىلى دەپ ئاتىلىدۇ. 

Visual Basic نى قوزغاتقاندىن كېيىن، مائۇس ئارقىلىق مەشغۇلات ئېلىپ بېرىپ، ئالدى بىلەن سىستېما ئالدىن تەييارلاپ قويغان كۆزنەك، تىزىملىك، دومىلىتىش تاياقچىسى ۋە ھەر خىل كونتروللارنى ئىشلىتىپ، كېرەك بولغاندا يەنە بىر قىسىم جۈملىلەرنى كىرگۈزۈپ، Windows مۇھىتىدا ئىجرا قىلىشقا بولىدىغان پروگراممىلارنى تۈزۈپ، ماس ھالدىكى ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش ۋەزىپىلىرىنى ئورۇندىغىلى بولىدۇ.

Visual Basic ئارقىلىق پروگرامما يېزىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن قوللىنىشچان پروگراممىلارنى ئېچىشقا ئىشلىتىدىغان توپلاشتۇرۇلغان مەشغۇلات مۇھىتى بىلەن تونۇشۇشقا توغرا كېلىدۇ. Visual Basic توپلاشتۇرۇلغان مەشغۇلات مۇھىتىدىمۇ Windows تىكى كۆپلىگەن پروگرامما ئۇسلۇبلىرىغا ئوخشاش بولغان كۆرۈنمە يۈزگە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭدا لايىھەلەش، ئۆزگەرتىش، تەڭشەش ۋە پروگرامما ھاسىل قىلىش قاتارلىق بارلىق مەشغۇلاتلارنى ئورۇندىغىلى بولىدىغان بولۇپ، پروگرامما تۈزگۈچىنىڭ ئىش پروگراممىلىرىنى تۈزۈشىگە قولايلىق يارىتىلغان.

بايان قىلىشقا قۇلايلىق بولۇشى ئۈچۈن، كۆپ ھاللاردا Visual Basic توپلاشتۇرۇلغان مـەشغۇلات  مۇھىتى بىلەن Visual Basic پروگراممىسى قىسقارتىلىپ، VB دەپ يېزىلىدۇ.

Visual Basicپروگرامما ئاددىي ھەرپ، سان ۋە بەلگىلەر دۆۋىسى بولماستىن، بەلكى ئۇ ناھايىتى زىچ بولغان لوگىكىلىق قۇرۇلمىدىن ئىبارەت.

Visual Basic تىلىنى ئۆگىنىش ۋە ئىشلىتىش ئويلىغاندەك ئۇنچە قىيىن ئەمەس. پروگرامما تۈزگەندە، مائۇس ئارقىلىق مەشغۇلات ئېلىپ بېرىپ، كونترولغا تەسىر قىلىش ئارقىلىق پروگراممىنىڭ كۆزنەك كۆرۈنمە يۈزىنى تۈزۈۋېلىپ، ئاندىن ماس ھالدىكى كود يېزىلىدۇ. كونترول بۇيرۇق كۇنۇپكىسى، تىزىملىك، دومىلىتىش تاياقچىسى، رەسىم رامكىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كونتروللدىن پايدىلىنىپ، كۆزنەك كۆرۈنمە يۈزىنى تۈزۈش مەشغۇلاتى بىۋاستە كۆرۈنىدۇ ۋە ئاددىي بولىدۇ. كود يېزىش ئارقىلىق ھەر خىل كونترول ۋە مۇناسىۋەتلىك مەشغۇلاتلار ئارىسىدا مۇناسىۋەتلىك باغلىنىش قۇرۇپ، پروگراممىنى ئالدىن مۆلچەرلەنگەن ئىقتىدارغا ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.

Visual Basic .NET بولسا مىكروسوفت شىركىتى Visual Basic 6.0 ئاساسىدا، زۆرۈر ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلتۈرگەن مەھسۇلات. ئۇنىڭ ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك، قوللىنىشقا ئەپلىك، مەلۇم سىستېما مەنبەسىنى زىيارەت قىلىش ھوقۇقى تېخىمۇ چوڭ بولۇپ، ئوبيېكتقا يۈزلىنىش تېخنىكىسىنى پۈتۈنلەي قوللايدىغان بىر خىل پروگرامما تۈزۈش تىلىدىن ئىبارەت.

Net Framework. بىلەن Visual Basic.NET قارىماققا مۇستەقىل قىسىمدەك كۆرۈنىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. Visual Basic.NET بولسا مىكروسوفتنىڭ Net Framework. مۇھىتىدا ئىجرا قىلىنىدۇ، يەنى Visual Basic.NET بولسا Net Framework. قا تايىنىدۇ. شۇڭا، مۇكەممەل بولغان Visual Basic.NET  سۇپىسىنى قۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم Visual Studio.NET بىلەن Net Framework SDK. نى قاچىلاش كېرەك.

Visual Basicبۇ دېتالنىڭ ھازىرقى ئەڭ يېڭى نۇسخىسىنى تاللاپ ئىشلەتسە بولىدۇ. ھازىر كەڭ دائىرىدە ئـومۇملاشـقىنى Microsoft Visual Basic 6.0 بىلەن Microsoft Visual Basic 2005  بولۇپ، ھازىرقى ئەڭ يېڭى نۇسخىسى Microsoft Visual Studio.NET 2008 دۇر. Microsoft شىركىتى يېقىندا Microsoft Visual Studio.NET 2010 نى بازارغا سالغان. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش ژۇرنىلى 2011-يىللىق 1-سان

2.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

3 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    100%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#