ھەزىم بۇزۇلۇش

ھەزىم بۇزۇلۇش

بۇ كېسەللىك، بوۋاقلار ۋە كىچىك بالىلارنىڭ ناتوغرا ئوزۇقلاندۇرۇلۇشى، يۇقۇملىنىشى، قول ۋە يېمەك-ئىچمەك تازىلىقىنىڭ ناچارلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئاچچىق ياكى سېسىق كېكىرىش، قورسىقى كۆپۈش، ئىچى سۈرۈش ۋە قۇسۇش، قۇسۇقتا ھەزىم بولمىغان تاماق ماددىلىرى ۋە سۈت پىشلاقلىرى بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىغان كېسەللىكتۇر. 

غەرب تېبابىتى نامى ھەزىم بۇزۇلۇش
كېسەللىك سەۋەبى بوۋاقلار ۋە كىچىك بالىلارنىڭ ناتوغرا ئوزۇقلاندۇرۇلۇشى
ئاساسلىق ئالامىتى قورسىقى كۆپۈش، ئىچى سۈرۈش ۋە قۇسۇش
خەنزۇچە نامى 消化失调

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ھەزىم بۇزۇلۇشسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، بوۋاقلار ۋە كىچىك بالىلارنىڭ ناتوغرا ئوزۇقلاندۇرۇلۇشى، يۇقۇملىنىشى، قول ۋە يېمەك-ئىچمەك تازىلىقىنىڭ ناچارلىقى، مىجەزنىڭ بۇزۇلۇشى، چىش چىقىش مەزگىلىدىكى كۈتۈنۈشنىڭ ناچارلىقى قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: ئاچچىق ياكى سېسىق كېكىرىش، قورسىقى كۆپۈش، ئىچى سۈرۈش ۋە قۇسۇش، قۇسۇقتا ھەزىم بولمىغان تاماق ماددىلىرى ۋە سۈت پىشلاقلىرى بولۇش، تەرىتى ئىلىتىلغان تۇخۇمدەك، ھەتتا سۇدەك كېلىش، سۇسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

1-رېتسېپ

ھەزىم بۇزۇلۇشتەركىبى: سىماق ھىندى 300 گىرام، قىيمىقۇ ئۇرۇقى، پاقيوپۇرمىقى، پاقىيوپۇرمىقى ئۇرۇقى، سېمىز ئوت ئۇرۇقى، بېھى ئۇرۇقى، يانتاق چېچىكى، قامچىگۈل ئۇرۇقى، قورۇلغان يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى، قورۇلغان ئارپىبەدىيان، بالەنگۇ ئۇرۇقى 100 گىرامدىن، ئالقات، قورۇلغان زىغىر، قورۇلغان موزا، قىزىلگۈل، ئانارگۈلى، قورۇلغان ئانار ئۇرۇقى 50 گىرامدىن، ئوتتا سالايە قىلىنغان تاباشىر 30 گىرام، سۇ ئالتە كلوگرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى قايناق سۇغا بىر سوتكا چىلاپ، ئاندىن سۇس ئوتتا ئىككى كىلوگرام سۈيى قالغۇچە قاينىتىپ ئەرەق تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى : كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 4 ~ 7 گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2-رېتسېپ

تەركىبى: ھۆل پىننە بىر كىلوگرام، شېكەر تۆت كىلوگرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى : پىشقان ھۆل پىننىنى ئورۇپ، يوپۇرماقلىرىنى پۇتاپ ئېلىپ، ماشىنا ياكى ھاۋانچىدا ئېزىپ، ئۇنىڭغا ھەسەل ياكى شېكەرنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئاندىن ئەينەك شېشىگە قاچىلاپ، ئاغزىنى بېكىتىپ، 40 كۈن كۈن نۇرى كۈچلۈك جايدا، قويۇپ پىشۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى : كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#