شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى

شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى

ئۇيغۇرچە رادىيو ـــ شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى پروگراممىلىرى ئىچىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. مەيلى تەڭرىتاغنىڭ ئىچكىرسى، قاراقۇرۇم تېغىنىڭ ئېتىكىدىكى چەت، يېراق دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ساۋاتسىز دېھقان، چارۋىچىلار بولسۇن ۋە ياكى ئاۋات قايناق شەھەر كوچىلىرىدىكى تاكسى شوپۇرلىرى، ئۇششاق تىجارەتچىلەر، يايمىچىلار بولسۇن ھەممىسى رادىيودىن ئايرىلالمايدۇ.

ئىسمى شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى
ئورگان تورى http://uygur.chinabroadcast.cn
خەنزۇچە ئىسمى 新疆人民广播电台

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۇيغۇرچە رادىيو ـــ شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى پروگراممىلىرى ئىچىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. مەيلى تەڭرىتاغنىڭ ئىچكىرسى، قاراقۇرۇم تېغىنىڭ ئېتىكىدىكى چەت، يېراق دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ساۋاتسىز دېھقان، چارۋىچىلار بولسۇن ۋە ياكى ئاۋات قايناق شەھەر كوچىلىرىدىكى تاكسى شوپۇرلىرى، ئۇششاق تىجارەتچىلەر، يايمىچىلار بولسۇن ھەممىسى رادىيودىن ئايرىلالمايدۇ. ئۇيغۇر رادىيو ئاڭلىغۇچىلار شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە خەۋەر پروگراممىلىرى ئارقىلىق تۈنۈگۈنكى، بۈگۈنكى ئىش - ۋەقەلەردىن خەۋەردار بولالايدۇ، ھەتتا ئەمدىلا يۈز بەرگەن دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى چوڭ ئىشلاردىن ۋاقتىدا خەۋەرتاپالايدۇ. ئۆيدە يالغۇز قالغان بەزى بوۋاي - مومايلار، مۇھەببەت قاينىمىغاچۈمگەن قىز - يېگىتلەر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ كەچتىكى ھېسسىيات - پىكىر ئالماشتۇرۇش تىپىدىكى تۈرلۈك پروگراممىلىرىدىن تەسەللىي ۋە خۇشاللىق تاپالايدۇ.شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە رادىيوسى ئۇيغۇر رادىيو ئاڭلىغۇچىلارنىڭ سىرداش دوستىغا ئايلاندى. 

ئۇيغۇرلار شىنجاڭدىكى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ يېرىمىغا يېقىن نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، ساۋاتسىز، يېرىم ساۋاتسىزلار كۆپ ساننى ئىگىلەيتتى، كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى تۆۋەن، ئۈنىڭ ئۈستىگە، قاتناش قولايسىز، ئۇچۇر راۋان بولماسلىق تۇپەيلىدىن، مەدەنىيەت تۇرمۇشى نامرات ئىدى. رادىيو-- ئاڭلاش قولايلىق، تارقىتىش سۈرئىتى تېز، رايون، مەدەنىيەت چەكلىمىسىگە ئۇچرىماسلىق قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغاچقا، ئۇيغۇرچە رادىيو شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر، تاجىك قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاممىسىنىڭ دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشتىكى ئاساسلىق مەنبە، پارتىيىنىڭ فاڭجېن - سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش، يەتكۈزۈش، ئاممىنى تەربىيىگە ئىگە قىلىش، جامائەت پىكرىنى توغرا يېتەكلەشتىكى مۇھىم يول بولۇپ قالدى. 

شىنجاڭنىڭ رادىيو ئىشلىرى تەرەققىيات تارىخىنى ۋاراقلايدىغان بولساق، ئۇيغۇرچە رادىيونىڭ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، كىچىكلىكتىن زورىيىپ، 60 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. 1949- يىل 12 - ئاينىڭ 21 - كۈنى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە رادىيوسى خەنزۇچە رادىيو بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ئاڭلىتىش باشلىدى، خەنزۇچە رادىيو بىلەن ئۇيغۇرچە رادىيو بىر چاستوتىدىن ئورتاق پايدىلىنىپ نۆۋەتلىشىپ ئاڭلىتىش بەردى. ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇرچە رادىيودا پەقەت بىر دىكتور ۋە بىر تەرجىمان ئىشلەيتتى، ئاڭلىتىش ۋاقتى ئىككى سائەتكىمۇ يەتمەيتتى. نۆۋەتتە شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئىككى يۈرۈش چاستوتىدا ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بېرىدۇ، كۈنلۈك ئاڭلىتىش ۋاقتى 37 سائەتكە يېتىدۇ. ئوتتۇرا دولقۇن، قىسقا دولقۇن، چاستوتىسى تېزگىنلەنگەن دولقۇن، سۈنئىي ھەمراھ قاتارلىق تۈرلۈك ۋاستىلەر بىلەن تارقىتىلىدىغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنى قاپلاش نىسبىتى 96 پىرسەنتتىن ئاشىدۇ. 

2000- يىلى باش شۇجى جياڭ زېمىن «16 - سىنتەبىر» يوليۇرۇقىغا تەستىق سالغاندىن كېيىن، شىزاڭ، شىنجاڭدا «شىزاڭ - شىنجاڭ رادىئو - تېلېۋىزىيە قۇرۇلۇشى» باشلاندى. بۇنىڭ بىلەن، شىنجاڭ رادىئوسى يېڭى باھارنى كۈتۈۋالدى. پروگرامما ئىشلەش، تارقىتىش تېخنىكا، ئۈسكۈنە دۇنياۋى ئىلغار سەۋىيىگە كۆتىرىلىپ، سىپىرلاشقان تېخنىكا، ئۈسكۈنە مەشغۇلات تەرتىپى يولغا قويۇلۇپ، ئۇيغۇرچە رادىئو ئاڭلىتىشى جۇڭگو خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسى ئېنتېرنىت تورىغا چېتىلىپ، يېزىق ۋە ئاۋاز بىلەن پۈتۈن يەر شارىغا تارقىتىلدى. 2003 - يىلىنىڭ ئاخىرى، يەنە «شىنجاڭ خەۋەرلىرى لىنىيىسى» ئۇيغۇرچە تور پونكىتى قۇرۇلدى. شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا پروگراممىلار مەزمۇن، شەكىل جەھەتتە ئىسلاھ قىلىندى. شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشى ھازىر خەۋەر، ئۇبېيكتىپلىق پروگرامما، سەنئەت-ھۇزۇرلىنىش، ئۇچۇر، بىلىم، مۇلازىمەت بىر گەۋدىلەشكەن دېكتور، رىياسەتچى بىۋاستە ئاڭلتىدىغان، ئاڭلىغۇچىلار قىزىق لىنىيە تېلىفونى، قىسقا ئۇچۇر قاتارلىق ئىلغار ئالاقە ۋاستىلىرى ئارقىلىق پروگراممىغا قاتنىشىدىغان، قوش تەرەپلىك پىكىر ئالماشتۇرىدىغان ئاساسلىق رادىئو بولۇپ قالدى.

بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى، ئىسلاھات، ئېچىۋىتىش ئىشلىرىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئاساسىدىكى كىشىلەرنىڭ ماددىي تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈشى كىشىلەرنىڭ مەنىۋىي ئېھتىياجىنى كۆپ تەرەپلىمىلىككە ئىگە قىلدى، تەلىپىنى كۈچەيتتى. مۇشۇ ۋەجىدىن شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى رادىئونى "ئۈچكە خىزمەت قىلدۇرۇش"،"ئۈچكە يېقىنلاشتۇرۇش" باش مەقسىتىنى كۆزلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشى، دۆلەت رادىئو- كىنو - تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىنىڭ تەستىقى بىلەن ئۇيغۇرچە ئىككى يۈرۈش پروگرامما باشقۇرۇشنى قارار قىلدى.

2007- يىلى 4- ئاينىڭ 20 - كۈنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ رادىئو ئىشلىرى تارىخىغا يەنە بىريېڭى نامايەندە قوشۇلدى، بۇ كۈنى سەھەر سائەت 5:30 دە بىرلا ۋاقىتتا تەڭرىتاغ ئاسمىنىدا ئۇيغۇرچە "شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى ئۇنۋېرىسال چاستوتىسى" ۋە "شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچەسەنئەت چاستوتىسى" دېگەن جاراڭلىق ئىككى چاستوتا ئاۋازى ياڭرىدى. 

 60 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئۇنىۋېرسال چاستوتىسى پۈتۈن شىنجاڭنى قاپلايدىغان بىردىن بىر ئۇيغۇرچە رادىئو چاستوتىسى. بۇ چاستوتىنىڭ قاپلاش دائىرىسى كەڭ، كۆلۈمى چوڭ، نوپۇزى يۇقىرى، تەسىرى زور. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەممە جايلىرىدا ۋە ئاپتونوم رايونىمىز ئەتراپىدىكى دۆلەتلەردە ئاڭلىغىلى بولىدۇ. بۇ چاستوتا خەۋەرلەر پروگراممىسىنى باشلامچى، ئوبيېكىتىپلىق پروگراممىلار بىلەن ئەدەبىيات - سەنئەت پروگراممىلىرىنى تايانچ قىلغان، ئۇنىۋرسال رادىيونىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن ئەۋزەللىكىنى گەۋدىلەندۈرگەن چاستوتا بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق رادىئو ئاڭلىغۇچىلارنى ئۆزىنىڭ ئاڭلىتىش ئوبيېكتى قىلغان. ئاڭلىغۇچىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، ئورتاق مەنپئەتلىنىش ئۇنىۋېرسال چاستوتىنىڭ مىزانى. ئۇنىۋېرسال چاستوتىدا ئوخشاشمىغان قاتلام، ئوخشاشمىغان ياشتىكى رادىيو ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجى چىقىش قىلىنىپ نۇرغۇن پروگراممىلار تەسىس قىلىنغان.

«ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر»، «چۈشلۈك خەۋەرلەر»، «ئاپتونوم رايونىمىزدىكى رادىيو ئىستانسىلىرى ۋە رادىيو ئۇزۇللىرى ئۇلاپ ئاڭلىتىدىغان خەۋەرلەر پروگراممىسى»، «كەچلىك خەۋەرلەر» ۋە «جاھاندىكى ئىشلار» قاتارلىق بەش خەۋەرلەر پروگراممىسى؛ «خەيرلىك سەھەر»،  «كەسپ ئىستىلى قىزىق لېنىيىسى»،  «ئادەم ۋە قانۇن»، «بۈگۈنكى يېزىلىرىمىزدا»، «قاتناش قىزىق لېنىيىسى»، «ياشلىق مىلودىيىسى»، «سىرداشلار كۇلۇبى»، «ئىقتىساد كۆزنىكى»، «يەكشەنبىلىك سۆھبەت» قاتارلىق توققۇز ئىجتىمائىي تەربىيە، مۇلازىمەت، ئىقتىساد، سۆھبەت تىپىدىكى پروگرامما؛ «تەڭرىتاغ ناۋاسى»، «گۈلدەستە»، «ئىقلىم كۈيلىرى»، «ئۈزۈلمەس كۈيلەر»، «ئەدەبىي ئاڭلىتىش»، «رادىيو دىرامىسى» قاتارلىق ئالتە ئەدەبىيات - سەنئەت پروگراممىسى بار بولۇپ، ئوخشىمىغان ياش، ئوخشىمىغان كەسپتىكى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ كەلمەكتە. ئاڭلىغۇچىلار قىززىق لېنىيىلىك تېلېفون ۋە ئىستانسىمىزنىڭ ئۇچۇر سۇپىسى ئارقىلىق پروگراممىلارغا بىۋاستە قاتنىشالايدۇ، ئىستانسىمىزنىڭ تورى ۋە باشقا تورلار ئارقىلىق ئاڭلىيالايدۇ.

ياشانغانلار ۋە ئورنىدىن سەھەر تۇرىدىغان ئوخشىمىغان ياشتىكىلەرنى ئاڭلىتىش ئوبيېكتى قىلغان پروگرامما . بۇ پروگراممىدا پەلسەپىۋى ماقالىلار، تۇرمۇش ساۋاتلىرى، ساغلاملىق ساۋاتلىرى، ئەخلاققا دائىر دىداكتىك ماقالىلار، سۆھبەتلەر، ماقال - تەمسىل، ھېكمەتلەر ئاڭلىتىلىدۇ؛ ئۇنىۋېرسال چاستوتىنىڭ  بىر كۈنلۈك پروگراممىلىرىنىڭ ئاڭلىتىش ۋاقتىدىن ئالدىن خەۋەردار قىلىنىدۇ. ۋاقتى:60مېنۇت

 ئاڭلىتىلىش ۋاقتى: ھەر كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى(قىش) سائەت 5:30 - 6:30؛(ياز)ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 5:00-6:00 ئاڭلىتىلىدۇ.

ئەدەبىيات -سەنئەت پروگراممىسى.بۇ پروگراممىدا جۇڭگو ۋە چەتئەللىك داڭلىق  يازغۇچىلار يازغان رومان،پوۋېستلار ئاڭلىتىلىدۇ.

ۋاقتى:30مېنۇت

ئاڭلىتىلىش ۋاقتى: ھەر كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى(قىش) سائەت 6:30-7:00 ؛(ياز) ئۈرۈمچى ۋاقتى6:00-6:30 ئاڭلىتىلىدۇ. 

   ئىستانسىمىزدىكى بىردىن-بىر بىۋاستە ئاڭلىتىلىدىغان    ئۇنىۋېرسال  ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر  پروگراممىسى. بۇ پروگراممىدا ئاپتونوم رايونىمىز، مەملىكىتىمىز ۋە خەلقئارادا يۈز بەرگەن ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر ئاڭلىتىلىدۇ. ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىلىدۇ. 

  ئاڭلىتىلىش ۋاقتى: ھەر كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى(قىش) سائەت 7:00 - 8:00؛ (ياز)ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت6:30-7:30 ئاڭلىتىلىدۇ.

«كەسپ ئىستىلى قىززىق لېنىيىسى»پروگراممىسى- ئىستانسىمىز بىلەن  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپ ئىستىلىنى تۈزەش ئىشخانىسى بىرلىشىپ باشقۇرغان، ئالاقىچىلىك، مۇلازىمەت، نازارەت قىلىش بىر گەۋدە قىلىنغان قىززىق لېنىيىلىك پروگرامما. «كەسپ ئىستىلى قىزىق لېنىيىسى» پروگراممىسى2011- يىلى1- ئاينىڭ 1- كۈنى رەسمىي يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، رادىيونىڭ ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ،ئاممىنىڭ ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ كەسپ ئىستىلى توغرىسىدا قىلغان ئىنكاسىنى قوبۇل قىلىپ ۋە ھەل قىلىپ، ئورگان كەسپ ئىستىلىنىڭ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت بىلەن ئامما ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك، ئالاقىچىلىك رولىنى ئويناپ كەلمەكتە. «كەسپ ئىستىلى قىززىق لېنىيىسى» پروگراممىسى خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئەلرايىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ، ئاۋامنىڭ تۈرلۈك ئىنكاسلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، تۇرمۇشىڭىزدا يولۇققان تۈرلۈك مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولىشىغا يېقىندىن دىققەت قىلىدۇ. 

ۋاقتى:60مېنۇت

ئاڭلىتىلىش ۋاقتى:  ھەر ھەپتىنىڭ دۈشەنبە، سەيشەنبە، چارشەنبە، پەيشەنبە، جۈمە كۈنلىرى ئۈرۈمچى ۋاقتى: 8:00 -9:00  ئاڭلىتىلىدۇ.      

 ئۇنىۋېرسال سەنئەت پروگراممىسى .بۇ پروگراممىدا  ھەرخىل ژانىردىكى نادىر ئەدەبىي ئەسەرلەر، مۇقام، خەلق ناخشىلىرى، مودا ناخشىلار، كۈلدۈرگە، ئىتوتلار ئاڭلىتىلىدۇ. پىشقەدەم، ئوتتۇرا ۋە ياش سەنئەتكارلارنىڭ سەنئەت ھاياتى تونۇشتۇرىلىدۇ. 

ۋاقتى:80مېنۇت

 ئاڭلىتىش ۋاقتى: ھەر كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 9:20 -10:40ئاڭلىتىلىدۇ.

قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ قانۇن ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى نىشان قىلغان پروگرامما. بۇ پروگراممىدا ئەڭ يېڭى قانۇن ئۇچۇرلىرى يەتكۈزىلىدۇ، يېڭىدىن يولغا قويۇلغان قانۇن-نىزاملار چۈشەندۈرۈلىدۇ، تىپىك دېلولار تونۇشتۇرۇلىدۇ، ئادۋوكاتلار تەكلىپ قىلىنىپ ئاڭلىغۇچىلارنىڭ سورىغان سۇئالىغا مەسلىھەت بېرىلىدۇ.

ۋاقتى: 40مېنۇت

ئاڭلىتىلىش ۋاقتى: ھەر كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى 11:00-11:40  ئاڭلىتىلىدۇ.

خەلقئارا ئېقىم مەسىلىلىرى سۆزلىنىدىغان خەۋەرلەر پروگراممىسى. بۇ پروگراممىدا خەلقئارادا يېقىندا يۈز بەرگەن ئەڭ يېڭى ۋەقەلەرخەۋەر قىلىنىدۇ ۋە بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلەر ئاڭلىتىلىدۇ؛ خەلقئارا يۈز بەرگەن ئاجرايىپ - غارايىپ، قىزىقارلىق ئىشلار تونۇشتۇرلىدۇ.

ۋاقتى:30مېنۇت

ئاڭلىتىلىش ۋاقتى: ھەر كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 12:30-13:00 ئاڭلىتىلىدۇ. 

ئۇنىۋېرسال  خەۋەرلەر  پروگراممىسى. بۇ پروگراممىدا ئاپتونوم رايونىمىز، مەملىكىتىمىز ۋە خەلقئارادا  چۈشتىن بۇرۇن  يۈز بەرگەن  ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر ئاڭلىتىلىدۇ.

ۋاقتى:40 مېنۇت

ئاڭلىتىلىش ۋاقتى: ھەر كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى 13:00-13:40  ئاڭلىتىلىدۇ.  

سەنئەت پروگراممىسى . بۇ پروگراممىدا  قىززىق لېنىيىلىك تېلېفون ياكى ئۇچۇر ئارقىلىق ئاڭلىغۇچىلارغا ناخشا تەقدىم قىلىنىدۇ. 

ۋاقتى:60مېنۇت

ئاڭلىتىلىش ۋاقتى: ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت14:00-15:00 ئاڭلىتىلىدۇ.

سەنئەت پروگراممىسى: مەخسۇس  رادىيو درامىسى ئاڭلىتىلىدۇ.

ۋاقتى:30مېنۇت

ئاڭلىتىلىش ۋاقتى :ھەر كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى15:00-15:30 ئاڭلىتىلىدۇ.

«يېزا ئىگىلىكى،يېزا،دېھقانلار» ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان پروگرامما بولۇپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلۈك يېزا سىياسىتى چۈشەندۈرىلىدۇ، يېزا ئىگىلىك ئۇچۇرلىرى يەتكۈزىلىدۇ، ئالدىن بېيىىغانلارنىڭ بېيىش تەجىرىبىسى، يېزىلاردىكى يېڭىلىقلار تونۇشتۇرۇلىدۇ؛ يېزا ئىگىلىك مۇتەخەسسىسلىرى تەكلىپ قىلىنىپ، دېھقان-چارۋىچىلار ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا يولۇققان تېخنىكىلىق  مەسىلىلەرگە مەسلىھەت بېرىلىدۇ. «يېزا ئىگىلىك ئۇچۇرلىرى»، «بېيىش يولى»،«يۈكسىلىش ۋە يۈزلىنىش»، «يېزىلاردىكى يېڭىلىقلار»، « ئاۋانگارتلار»، «ئىللىق دۇنيا»، «پەن - تېخنىكىدىن مەسلىھەت» قاتارلىق سەھىپىلىرى بار.    

ۋاقتى:60مېنۇت

ئاڭلىتىلىش ۋاقتى: ھەر كۈنى  ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت16:00-17:00 ئاڭلىتىلىدۇ.

سەنئەت پروگراممىسى: مەخسۇس چەتئەلنىڭ نادىر ناخشا -مۇزىكىلىرى ئاڭلىتىلىدۇ.

ۋاقتى:30مېنۇت

ئاڭلىتىلىش ۋاقتى:ھەر كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 17:00-17:30 ئاڭلىتىلىدۇ.           

مۇلازىمەت خاراكتېردىكى  پروگرامما . بۇ پروگراممىدا  يول قاتناش ئۇچۇرلىرى يەتكۈزىلىدۇ، قاتناش قانۇن-نىزاملىرى  چۈشەندۈرىلىدۇ، يول قاتناش ساۋاتلىرى، ئاپتوموبېل ئاسراش، رېمونتچىلىق بىلىملىرى تونۇشتۇرۇلىدۇ؛ ئاڭلىغۇچىلارنىڭ پراۋا ئېلىش، ئىشلىتىش، ئاپتوموبېلنىڭ نوپۇسىنى يۆتكەش، شوپۇرلۇق ئىمتىھانى، قاتناش ھادىسىسى، ئاپتوموبېل سۇغۇرتىسى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە سورىغان سۇئالىغا جاۋاب بېرىلىدۇ.

ۋاقتى:60مېنۇت

ئاڭلىتىلىش ۋاقتى: ھەر كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى 17:30- 18:30ئاڭلىتىلىدۇ.

ئاپتونوم رايونىمىز، مەملىكىتىمىز ۋە خەلقئارادا يۈز بەرگەن ئەڭ يېڭى،ئەڭ مۇھىم خەۋەرلەرنى ئاڭلىتىشنى ئاساس قىلغان ئۇنىۋېرسال خەۋەرلەر پروگراممىسى.

ۋاقتى:30مېنۇت

ئاڭلىتىلىش ۋاقتى: ھەر كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت18:00 -18:30 ئاڭلىتىلىدۇ.

 ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئاساس قىلغان، جەمئىيەتتىكى ياشلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان، بىلىم بېرىش، كۆڭۈل ئېچىش تىپىدىكى پروگرامما. ئىستۇدېنتلار پروگراممىنىڭ رىياسەتچىلىكى بىلەن مۇخبىرلىقىنى ئىشلەيدۇ.ئىستۇدېنتلار تۇرمۇشى، ئۆگىنىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، مۇستەقىل ياشاش، ئىگىلىك تىكلەش، ئەخلاق، مۇھەببەت قاتارلىق مەزمۇنلار ئاڭلىتىلىدۇ.

ۋاقتى :40مېنۇت

ئاڭلىتىلىش ۋاقتى: ھەپتىدە بەش قېتىم  دۈشەنبە، سەيشەنبە، پەيشەنبە، جۈمە، يەكشەنبە ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت19:00-19:40 ئاڭلىتىلىدۇ.

 ئۇنىۋېرسال خەۋەرلەر پروگراممىسى بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز، مەملىكىتىمىز ۋە خەلقئارادا يۈز بەرگەن ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر ئاڭلىتىلىدۇ. 

ۋاقتى:40

ئاڭلىتىلىش ۋاقتى:ھەر كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى 20:00- 20:40ئاڭلىتىلىدۇ.

سىرداشلار كۇلۇبى 

پىسخىكا مۇلازىمەت تىپىدىكى پروگرامما.بۇ پروگراممىدا   پىسخىك مەسلىھەتچىلەر تەكلىپ قىلىنىپ رادىيو ئاڭلىغۇچىلار ئۆزلىرى يولۇققان تۈرلۈك پىسخىك مەسىلىلەر توغرىسىدا سورىغان سۇئالىغا  مەسلىھەت بېرىلىدۇ.

ۋاقتى:60 مېنۇت

ئاڭلىتىلىش ۋاقتى:ھەر كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى 21:00- 22:00ئاڭلىتىلىدۇ.

سەنئەت پروگراممىسى .بۇ پروگراممىدا  خەلق ناخشىلىرى ئاڭلىتىلىدۇ.

ۋاقتى:40 مېنۇت

ئاڭلىتىلىش ۋاقتى: ھەر كۈنى 23:20-24:00 ئاڭلىتىلىدۇ. 

 ئىقتىساد تىپىدىكى پروگرامما. بۇ پروگراممىدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۈرلۈك ئىقتىسادىي پائالىيەتلەر، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون يېڭىدىن ئېلان قىلغان تۈرلۈك ئىقتىساد-خەلق تۇرمۇشىغا ئالاقىدار سىياسەت-بەلگىلىمىلەر چۈشەندۈرۈلىدۇ؛ ئۆي-يەر مۈلۈك سودىسى ۋە ئاپتوبوبىل ئىستىمالى، پۇل مۇئامىلە ۋە مەبلەغ سېلىش، يىمەك-ئىچمەك، ھۈنەر-كەسىپ قاتارلىق  تىجارەت-مۇلازىمەت ساھەلىرىنىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كارخانىچىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش يوللىرى ۋە تەجرىبىلىرى قاتارلىقلار تونۇشتۇرۇلىدۇ.

ۋاقتى:60 مېنۇت

ئاڭلىتىلىش ۋاقتى: ھەر شەنبە كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى8:00-9:00 ئاڭلىتىلىدۇ. 

 سۆھبەت تىپىدىكى پروگرامما. بۇ پروگراممىدا مۇتەخەسسىسلەر  تەكلىپ قىلىنىپ،  ئاپتونوم رايونىمىز يولغا قويغان  خەلق تۇرمۇشىغا دائىر تۈرلۈك سىياسەتلەر، قىزىق نۇقتىلار ،كىشىلەر بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك  بىلىملەر سۆھبەت شەكلىدە چۈشەندۈرىلىدۇ. 

ۋاقتى:60مېنۇت

ئاڭلىتىلىش ۋاقتى: ھەر يەكشەنبە كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى8:00-9:00 ئاڭلىتىلىدۇ.

شىجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئونىۋېرسال چاستوتىسى ئۆزنىڭ ئۇزاق يىللىق ئىسىل ئەنئەنسىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، پروگىراممىلارنى "ئۈچكە يېقىنلاشتۇرۇش"نى ئۆزىنىڭ نىشانى قىلىپ، تىزلىكتىن ئىبارەت رادىئونىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەلللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى، خەلق ئاممىسىنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تىگىشلىك تۆھپىسىنى قۇشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، پروگرامما ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپ، دەۋىر تەلىۋىگە ماس كىلىدىغان داڭلىق پروگىراممىلارنى يارتىشنى مەڭگۈلۈك ئىزدىنىش نىشانى قىلىدۇ.

سەنئەت چاستوتا - ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قىسمەن ناھىيە - شەھەرلەرنى قاپلايدىغان، كۈنىگە 18 يېرىم سائەت ئاڭلىتىش بېرىدىغان 107.4FM مىگاگىرتىسلىق چاستۇتىسى تىزگىنلەنگەن سىترىئو ئاۋازلىق ئەدەبىيات- سەنئەت ئاڭلىتىشى ئاساس قىلىنغان يېڭى بىر يۈرۈش ئاڭلىتىشنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى، بۇ شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسىنىڭ ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ 25- قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېيىغا سوۋغا سۈپىتىدە تەييارلىغان بىر دەستە خۇشپۇراق گۈلىدۇر.

107.4سەنئەت رادىيۇسىدا «پروگرامما بۆلىمى»، «تەھرىر بۆلىمى»، «ئىشلەپچىقىرىش بۆلىمى»، «سىرتقى تەشۋىقات بۆلىمى»، «پىلانلاش بۆلىمى» قاتارلىق بۆلۈملەر تەسىس قىلىنغان بولۇپ، جەمئىي 30نەپەر خىزمەتچى خادىم بار، بۇنىڭ ئىچىدە دېكتور-رىياسەتچىلەر 12نەپەر، قالغانلىرى مەسئۇل مۇھەررىر ۋە مۇھەررىرلەردىن ئىبارەت.

ھازىر يىلىغا 150 قىسىمغا يېقىن رادىيو دىراممىسى يېڭىدىن ئىشلىنىپ ئاڭلىتىلىدۇ، 300 دىن ئارتۇق رومان، پوۋىست، 250 ئەتراپىدا ناخشا -مۇزىكا ئۈنگە ئېلىنىدۇ. ئىزچىل تۈردە رەھبەرلىك كۆڭۈل بۆلۈش، يېتەكلەش ۋە مۇھەرىر رىياسەتچىلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىشى ھەم ئىزدىنىشى نەتىجىسىدە نۆۋەتتە «شەھەر ئاۋازى»،«جۇڭگو ئاۋازى»، «شادلىق مىنۇتلىرى»، «تىياتىر كۇلۇبى»، «گۈلۈستاندىن گۈلدەستە»، «گۈلشەن ۋادىمىزدا»، «تۈن تىۋىشلىرى»، «دۇنيادىكى ئىشلار»، «گۈل-غۇنچىلار» قاتارلىق پروگراممىلىرى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەندىن باشقا يەنە شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ كوزىر پروگراممىلىرى قاتارىدىنمۇ ئورۇن ئالدى. ئۇنىڭدىن باشقا نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيەتلىرىنىمۇ پائال تەشكىللەپ «شاتلىق مىنۇتلىرى پروگراممىسىدا ئاڭلىغۇچىلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈش بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى»، «سابادا شاتلىق مىنۇتلىرى ئالاھىدە پروگراممىسى» قاتارلىق 15مەيدان بېۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ ياخشى بولغان ئىجتىمائىي ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، ئۇنىڭدىن باشقا ھەر يىلى دىگۈدەك يېڭى يىللىق مۇزىكا كېچىلىكى، نورۇز بايرىمىنى تەبىرىكلەش مۇزىكا كېچىلىكى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى كېچىلىكلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى نەق مەيداندىن بېۋاستە ئاڭلىتىپ ئاڭلىغۇچىلار ئارىسىدا ياخشى تەسىر قوزغىدى.

 «گۈل-غۇنچىلار» پروگراممىسى ئۆتكەن يىلى دۆلەت رادىيۇ-تېلىۋىزىيە باش ئىدارىسى تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر پروگرامما مۇكاپاتىغا،«ناۋاي»، «يۈكسەك مۇھەببەت» قاتارلىق رودىيو دىراممىلرى «تەڭرىتاغ ئەدەبىيات - سەنئەت»  مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، شىنجاڭ خەلق رادىيۇ ئىستانسىسىغا شەرەپ كەلتۈردى. شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسى 107.4FM سەنئەت چاستۇتىسى ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارىي قىلدۇرۇپ، پروگراممىلارنى ئاممىغا، تۇرمۇشقا ۋە ئەمەلىيەتكە يېقىنلاشتۇرۇپ، ئەتراپىمىزدىكى خىلمۇ - خىل ئىشلارنى تېز خەۋەر قىلىپ، ئاپتونوم رايۇنىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. پروگرامما مەزمۇنى ۋە شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، مۇنەۋۋەر رىياسەتچى، نادىر پروگراممىلارنى يارىتىش يولىدا ئۈزلۈكسىز ئىزدىلىنىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#