ئەڭ چوڭ گۈل تىزمىسى

رەڭگارەڭ گۈللەر ئورتاق بىر گۈل ئوقىدا بەلگىلىك تەرتىپ بىلەن ئۆسىدۇ. بۇ گۈل تىزمىسى دەپ ئاتىلىدۇ.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

زور مويۈنىڭ گۈل تىزمىسى دۇنيا بويىچە سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر ئىچىدە ئەڭ چوڭ گۈل تىزمىسى ھېسابلىنىدۇ. ئىتالىيىلىك بېكارى 1878-يىلى سۇماترا ئىسسىق بەلباغ ئورمانلىقىدا ئۆسكەن زور مويۈنىڭ گۈل تىزمىسىنى تاپقان، ئۇنىڭ ئېگىزلىكى ئۈچ مېتىرغا يېقىن، كەڭلىكى 1.5 مېتىر بولۇپ، ئادەم بويىدىن خېلىلا ئېگىز ئۆسكەن، كۆرۈنۈشى زور شامدانغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ سىرتىنى قاپلاپ تۇرغان قەۋىتى يېشىل، ئىچى قىزىل، گۈل باشىقى كۆك بولۇپ، ناھايىتى چىرايلىق كەلگەن. يېڭى چىققان گۈل تىزمىسى كۈنىگە بىرنەچچە سۇڭ ئۆسىدۇ. ئۇ ئېچىلغاندا ئۇنىڭدىن ئادەتتىكى گۈللەردەك كۆڭۈلگە ياقىدىغان خۇش پۇراق ئەمەس، بەلكى كىشىنى سەسكەندۈرىدىغان سېسىق پۇراق چىقىدۇ. لېكىن چىۋىن ۋە قۇڭغۇزلار زور مويۈنىڭ پۇرىقىنى ئالسىلا، شۇئان گۈلنىڭ ئىچىدىكى يىرىك يۇڭلۇق ھالقىغا توپلىشىدۇ، بىردەم چاڭداندا، بىردەم ئانىلىقتا يۈرۈپ، گۈلنىڭ چاڭلىشىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

زور مويۈنىڭ ئېچىلىش ۋاقتى ناھايىتى قىسقا بولىدۇ، ئېچىلىپ بىر كۈندىلا توزۇپ كېتىدۇ. ئۇ غەلىتە ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئورمانلىقتىكى زەي ئويمان جايلاردا ئۆسۈشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئېچىلغاندا كىشىلەر ئۇنى ئاسانلا بايقىۋالىدۇ. كىشىنىڭ دىققىتىنى يالغۇز گۈل تىزمىسىنىڭ چوڭلۇقىلا ئەمەس، بەلكى كىشىنى سەسكەندۈرىدىغان سېسىق پۇرىقىمۇ جەلپ قىلىپ تۇرىدۇ، يىراقتىن ئۇنى بىلگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ يەر ئاستى غولى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، دىئامېتىرى يېرىم مېتىر كېلىدۇ، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولىدۇ.

ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر ئارىسىدا پالما ئائىلىسىدىكى زور تاپانلىق پالمىنىڭ گۈل تىزمىسى ئەڭ چوڭ بولىدۇ. بۇ خىل پالما ئەسلىدە ھىندىستاندا ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈك بولۇپ، پالما ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ئۇ ئىسسىق بەلباغ رايونلىرىدا پالما ئائىلىسىدىكى باشقا ئۆسۈملۈكلەرگە قارىغاندا ئاستا ئۆسىدۇ. ئۇنىڭ 20 مېتىر ئۆسۈشى ئۈچۈن 30-40 يىل كېتىدۇ. شۇ دەرىجىگە يەتكەندە، ئۇچىدا كونۇسسىمان ناھايىتى يوغان گۈل تىزمىسى ئېچىلىدۇ، بۇ گۈل تىزمىسىنىڭ ئېگىزلىكى 14 مېتىر، كەڭلىكى 12 مېتىرچە كېلىدۇ. ئۇنى ھەقىقەتەنمۇ دۇنيادا ھېچنەرسىگە تەڭلەشتۈرگىلى بولمايدۇ. ئەنە شۇنداق زور گۈل تىزمىسى 100 مىڭ تال گۈلدىن تەركىب تاپىدۇ، ئەپسۇسكى، زور تاپانلىق پالما ئېچىلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا تەبىئەت بىلەن خوشلىشىپ قۇرۇپ كېتىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#