فۇكاڭ شەھەرلىك كەسپىي ئوتتۇرا تېخنىكومى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق كەسپىي مەكتىپى. مىللىي، خەنزۇ ئارىلاش مەكتەپ. خەنزۇ، قازاق تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدۇ. 1976-يىلى قۇرۇلۇشنى باشلىغان. 1999-يىلى فۇكاڭ شەھەرلىك چوڭلار كەسپىي مائارىپ مەركىزى قىلىپ ئۆزگەرتىپ قۇرۇلغان. كەسپىي تېخنىكوم قىسمى ۋە چوڭلار تېخنىكوم قىسمى تەسىس قىلىنغان. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 137340 كۋدرات مېتىر. قۇرۇلۇش كۆلىمى 20595 كۋادرات مېتىر. مەكتەپتە كومپيۇتېر قوللىنىش، بوغالتىرلىقنى كومپيۇتېرلاشتۇرۇش، مۇزىكا، ماشىنا ھەيدەش ۋە رېمونت قىلىش، ئېلېكترون تېخنىكىسى ۋە مانتيورلۇق، كىيىم-كېچەك لايىھىلەش ۋە تىكىش، كومپيۇتېر گۈزەل-سەنئىتى، يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادىنى باشقۇرۇش، قانۇن قاتارلىق كەسىپلەر تەسىس قىلىنغان. 1999-يىلدىكى ئوقۇغۇچىلرنىڭ سانى 1280-نەپەر. ئىشچى-خىزمەتچى 150 نەپەر. ئوقۇتقۇچى 106 نەپەر. يۇقىرى دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى 58 نەپەر. 20 يىلدىن بۇيان 8000 نەپەردىن ئارتۇق ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنى تەربىيىلەپ چىققان. 160 قاراردىن ئارتۇق قىسقا مۇددەتلىك تەربىيىلەش سىنىپلىرىنى ئېچىپ، 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى تەربىيىلىگەن.
مەكتەپ ئىچىدە مەكتەپ ( پارتىيە ) ئىشلىرى ئىشخانىسى، كەسپىي مائارىپ بۆلۈمى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەش بۆلۈمى، تەربىيىلەش ( باھالاش ) بۆلۈم ( ئورۇن )، ئارقا سەپ تەمىنات كاپالىتى بۆلۈمىدىن ئىبارەت بەش فۇنكسىيىلىك بۆلۈم ۋە ئېلىكتىر مېخانىكا قورۇلۇشى، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، ساياھەت مۇلازىمىتى، كومپيۇتېر، سەنئەت، چوڭلار مائارىپى، ئاساسىي پەنلەر بۆلۈمى قاتارلىق يەتتە كەسىپ بۆلۈمى تەسىس قىلىنغان. ھازىر مەكتەپتە جەمئىي ئوتتۇرا دەرىجىلىك، ئالىي مائارىپ كەسپىيدىن 28 ئۇرۇن تەسىس قىلىنغان، ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئومۇمىي سانى3630 دىن ئارتۇق.
ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپتىن كومپيۇتېر، ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئېلېكتىر كۈچى، سانلىق باشقۇرۇش تېخنىكىسى، ئېلېكترو تېخنىكا، ھۈنەر - سەنئەت، ماركېتىڭ، ئېلېكترونلۇق سودا، ماشىنا ئېلېكترى، ساياھەتچىلىك، باغ - ئورمان قاتارلىقلاردىن 18 ى 48 سىنىپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى 2350 نەپەر؛ چوڭلار ئوقۇش تارىخى مائارىپىدىن 10 سىنىپ، ئوقۇغۇچىسى 1280 گە يەتتى. يىل بويى تۈرلۈك قىسقا مۇددەتلىك كەسپىي تېخنىكا كۇرسى ئېچىلىپ، يىللىق باھالاشلار نەچچە ئون مىڭ ئادەم ( قېتىم ) گە يىتىدۇ.
30 يىلدىن بۇيان، مەكتەپ ئىسلاھاتنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك كەسپىي مائارىپ بويىچە ئىلغار ئورۇن، مەملىكەت بويىچە شەھەر - بازارلاردىكى ئاياللارنىڭ مەدەنىيلىكتە ئۈلگە كۆرسىتىش ئىش ئورنى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەتلىك ئورۇن، ئاپتونوم رايونلۇق ئەخلاق تەربىيىسى خىزمىتىدىكى ئىلغار ئورۇن بولدى. 2005 - يىلى ش ئۇ ئا ر مائارىپ نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق كەسپىي مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئارقا سەپ باشقۇرۇش خىزمىتى بويىچە ئىلغار ئورۇن بولدى. شۇ يىلى « مەملىكەتلىك كەسپىي مائارىپ بويىچە ئىلغار ئورۇن » دىگەن شەرەپلەرگە ئېرىشكەن. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.