پۇرچاقچى يېزىسى
پۇرچاقچى يېزىسى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ئوتتۇراقىسمىغا جايلاشقان، شىمال تەرىپى قوچى يېزىسىغا، شەرىق تەرىپى قوچى يېزىسى، قاراقاش بازىرى تۈۋەت يېزىسىغا، جەنۇب تەرىپى ماڭلاي يېزىسىغا، غەرىپ تەرىپى كۇيا بازىرى قارساي بازىرىغا تۇتىشىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
پۇرچاقچى يېزىسى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ئوتتۇراقىسمىغا جايلاشقان، شىمال تەرىپى قوچى يېزىسىغا، شەرىق تەرىپى قوچى يېزىسى، قاراقاش بازىرى تۈۋەت يېزىسىغا، جەنۇب تەرىپى ماڭلاي يېزىسىغا، غەرىپ تەرىپى كۇيا بازىرى قارساي بازىرىغا تۇتىشىدۇ.
يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن ناھىيە بازىرىغىچە 6 كىلومىتىر كىلىدۇ، تەۋەلىكىدە26مەمۇرى كەنىت بار،دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 1317 ~1337 مېتىر بۇلۇپ، پۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمى كۆلىمى 64 كىۋادرات كىلومېتىر، تېرىغۇ يەركۆلىمى 38000 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يەركۆلىمى 1.21 مو.
پۇرچاقچى يېزىسىنىڭ كىلىماتى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق چۆللۈك كېلىماتقا تەۋە بولۇپ، تۆت پەسىل ئېنىق، يازدا تومۇز ئىسسىق . ئەتىيازدا ھاۋا بالدۇر ئىسسىيدۇ، كۈز پەسلىدە ھۆل-يېغىن مىقدارى ئاز، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى تولۇق، قىروسىز مەزگىلى ئۇزاق، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.6 گىرادۇس، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 40.6 گىرادۇس، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى 12.5- گىرادۇس. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2829.9 سائەت. قىروسىز مەزگىلى 217 كۈن ئەتراپىدا. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 41.3 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1736.1 مىللىېمتىر. 1-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃6.5-، قىروسىز ، يىللىق يورۇتۇش ۋاقتى 2250 سائەت.
پۇرچاقچى يېزىسىنىڭ يېزا ئىگىلىكى بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان.دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان قاقاس يەرۋەئورمان يېتىشتۈرۈشكە باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كېۋەز، شال، كۆممىقوناق، مېۋە-چېۋە قاتارلىقلار. قەغەز ياڭاق ئالاھىدە مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ. چارۋىچىلىق دېھقانچىلىق رايونى چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. چارۋىلاردىن كالا، قوي، ئېشەك قاتارلىقلار بار. يېزا ئىگىلىكىمۇ ماشىنىلاشقان، خوتەن قەغىرىنىڭ 9-ئەۋلاد ۋارىسى بولغان توختىباقى ئاكىمىزنىڭ تۇرالغۇسى مۇشۇ يېزىدا.
پۇرچاقچى يېزىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى تەدىرىجىي ياخشىلانماقتا. يېزا-كەنىت يوللىرى تەرەپ-تەرەپكە تۇتاشتۇرۇلغان بولۇپ، ھەممىسىگە قاراماي ياتقۇزۇلغان. پروگراممىلىق تېلېفون تۇتاشتۇرۇلۇپ، پۈتۈن مەملىكەت تورىغا كىرگۈزۈلدى.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.