ۋونسان

چاۋشيەننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئەڭ چوڭ پورت شەھىرى، كاڭۋون-دو ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى. بۇ شەھەر يۇڭخۇڭ-مان قولتۇق بويىغا جايلاشقان. 

نامى ۋونسان شەھىرى
دۆلىتى چاۋشيەن
مەمۇرىي رايون شەكلى شەھەر
يەر مەيدانى 269 كىۋادىرات كىلومىتىر
كىلىماتى يىللىق ئوتتۇرچە تىمپۇراتۇرىسى 10.4 سىلىتسىيە گىرادۇس
خەنزۇچە نامى 元山
ئۆلكىسى كاڭۋون-دو
تەۋە رايون كاڭۋون-دو ئۆلكىسى
نوپۇسى 350مىڭ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ۋونسان پورتىچاۋشيەننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئەڭ چوڭ پورت شەھىرى، كاڭۋون-دو ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى. بۇ شەھەر يۇڭخۇڭ-مان قولتۇق بويىغا جايلاشقان. غەربىي تەرىپى ساڭبوڭ-سان قاتارلىق تاغلىرى بىلەن قورشىلىپ تۇرىدۇ. پورتنىڭ سۈيى چوڭقۇر، سۇنىڭ كۆتۈرلۈشىدە پەسىللىك ئۆزگىرىش چوڭ ئەمەس، چاۋشىيەننىڭ ئەڭ ياخشى تەبىئىي پورتلىرىدىنىڭ بىرى. شەھەر ئاھالىسى تەخمىنەن 350 مىڭدىن ئاشىدۇ. ۋونسان 1880-يىلى پورت بولۇپ ئېچىلغان. 1914-يىلى جىڭ-يۈەن تۆمۈر يولىدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، دېھقانچىلىق ھەم بېلىقچىلىق مەھسۇلاتلىرى توپلىنىپ تارقىتىلىدىغان مەركەزگە ئايلانغان، چاۋشيەن ئۇرۇشى جەريانىدا زور ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان. ئۇرۇشتىن كېيىن قايتىدىن قۇرۇلۇپ، چاۋشيەننىڭ ستانوك ۋە كېمىسازلىق سانائەت مەركىزى بولۇپ شەكىللەنگەن. شەھەردە يۇقىرىقى سانائەت تارماقلىرىدىن باشقا، خىمىيە سانائىتى، يېمەك-ئىچمەك سانائىتى قاتارلىق سانائەت تارماقلىرى، ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، باغچىلار، دەم ئېلىش ئورۇنلىرى، سۇغا چۆمۈلۈش مەيدانلىرى بار. ۋونسان شەھىرى تۆمۈريول ھەم تاشيوللار ئارقىلىق پايتەخت پيوڭياڭ ۋە باشقا شەھەرلەر بىلەن باغلىنىپ تۇرىدۇ.

ۋونسان

1880-يىلى ياپونىيە تەرپىدىن بېسىۋېلىنىپ پورىت قىلىپ ئېچىلغان،تۈمۈر يول لىنىيەلىرى ئۈزلۈكسىز ئېچىلغاچقا ،چاۋشىيەن ئارىلىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ مۇھىم سودا پورتىغا ئايلاندى،ئەسلىدىكى ۋونساننىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى خامگيوڭ _ نامدوغا تەۋە بۇلۇپ،كاڭۋون - دو نىڭ شىمالىدا شەھەر بولمىغاچقا كاڭۋون - دوغا  قۇشۇلۇپ كاڭۋون - دوئۆلكە بۇلۇپ قۇرۇلغان

چوڭسوكىجوڭ

سوڭدوۋون بېغى، سىجۇڭ _ خو ، ،كۇك - سوم

دۇڭخەي ئۇنۋېرستىتىۋونسانغا كاڭۋون - دو دىكى ئالى دەرجىلىك مەكتەپ-ئىنىستىتوتلار يىغىلغان.ئاساسلىقى:دۇڭخەي ئۇنۋېرستىتى،ۋونسان يېزا-ئىگىلىك 

ئۇنۋېرستىتى،جىنگاڭ ئۇۇنۋېرستىىتى،سوڭتاۋ ئۇنۋېرستتى،ۋونسان پىداگوگىكا ئۇنۋېرىستىتى،جېڭ جۈن زې ۋونسان ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى ،ۋونسانسۇ مەھسۇلاتلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىقلار....

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#