قانىسە
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
قانىسە بولسا ئۆي توخۇسىنىڭ تاشلىق خالتىسىنىڭ يۇيۇپ تازىلاپ قۇرۇتۇلغان ئىچكى پەردىسى بولۇپ، بۇ ئادەتتە «توخۇ تاشلىقى پوستى» ياكى «قانىسە» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ، قانىسە بولسا قىرغاۋۇل ئائىلىسىدىكى ھايۋانات بۇلۇپ،ئۆلچەمسىز سوقىچاق شەكىللىك پۈرمە سىزىقچىلىرى بار، سىرتقى يۈزى سارغۇچ قوڭۇررەڭدە،تەمى ئاچچىق، ئازراق پۇراقلىق،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەممە جايلىرىدىن چىقىدۇ.
مەجۇنى قانىسە، سۇپۇپى قانىسە
1. قانىسە، قاقىلە، بادىيان، كەشنىيىز 10 گرامدىن، ناۋات 50 گرام ئېلىپ سۇپۇپ تەييارلاپ ئىستېمال قىلسا ئاشقازان قۇۋۋەتلەشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
2. ئاقمۇچ، قانىسە، زىرە، بەدىيان، پىننە 10 گرامدىن قائىدە بويىچە سۇپۇپ قىلىپ ئىچسە، ئاشقازان مەنبەلىك ئىچى سۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
3. قانىسەنى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سوقۇپ كىچىك بالىلارغا ئىچۈرسە، ھەزىم بۇزۇلۇش ۋە سىيگەكلىككە مەنپەئەت قىلىدۇ.
4. بەدىيان، قانىسە، بەسباسە، پىننە 10 گرامدىن، مەستىكى رۇمى 7 گرام قائىدە بويىچە چايلىق تەييارلاپ ئىچسە، ئىشتىھانى ئاچىدۇ
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.