bp رامكىسى

bp بولسا billpak نىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ نۆۋەتتە بۇ رامكا bp دىگەن ئىسىمدا ئېلان قىلىنغان.

ئاتىلىشى bp رامكىسى
رامكا ئادرېسى http://bp.billpak.com/index.html

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

رامكا

كومپيۇتېر پىروگىراممىسىدا يۇمشاق دېتال رامكىىسى بولسا خاس بىر يۇمشاق دېتالغا تەۋە بولغان ئىقتىدارلارنىڭ ئابسىتراكىتلىشىشى بۇلۇپ، يۇمشاق دېتال ئاچقۇچىلار ئۈچۈن ئالدىن بەلگىلەنگەن قايتا-قايتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان زاپچاسلارنى تەمىنلەيدۇ، يۇمشاق دېتال ئاچقۇچى رامكىنى ئىشلىتىپ مەسىلىلەرنى ئوڭاي ھەل قىلالايدۇ ۋە مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىش سۈرئىتى ئاشۇرالايدۇ.

bp

bp بولسا front-end رامكىسى بولۇپ ،خەلىقئارادا كەسىپلەشكەن ئاتالغۇدا front-end نى ئالدى بۆلەك يۇمشاق دېتاللىرىنى ئاچىدىغان كىشىلەرگە قارىتىدۇ، ئالدى بۆلەك يۇمشاق دېتال ئىچىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەرنىڭ ئاساسلىق خىزمەت دائىرسى html,css,javascript قاتارلىقلار بولۇپ،bp رامكىسى مۇشۇ تېخنىكىلار ئارقىلىق يىزىلغان.

ئىشلىتىلىشى 

bp ئالدى بۆلەك رامكىسى بولۇپ ئاساسلىق نىشانى توربەت يۇمشاق دېتاللىرنى ئاچىدىغانلارنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، توربەت سېستىمىسى يانفۇن بەت سېستىمىسى قاتارلىق، توركۆرگۈچتە بىرتەرەپ قىلىنىدىغان ۋە javascript,html,css تىللىرى ئىجرا بولىدىغان ۋە ئىجرا قىلالايدىغان ھەرقانداق سۇپا ۋە مۇھىتتا قوللىنىشقا بولىدۇ.

زاپچاس ئاتالغۇسى

bp دىكى زاپچاس ئاتالغۇسى توربەت ياساشتا قوللىنىلىدىغان مەلۇم ۋەزىپىلەرئۈچۈن ئالاھىدە لايىھەلەنگەن ئېلمىنتلارنى كۆسىتىدىغان بولۇپ،بۇلار كونۇپكا، ئۇچۇر كۆزنىكى قاتارلىق بىرئۇچۇم ئالدىن بەلگىلەنگەن ئېلمىنتلارنى ئۆز ئىچىگە، بۇلار زاپچاسلا دەپ ئاتىلىدۇ.

bp دىكى چوڭ ئىككى خىل زاپچاسلار

bp چوڭ تۈردىكى ئىككى خىل زاپچاسلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدىغان بولۇپ،ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1-css زاپچاسلىرى 2-js زاپچاسلىرى قاتارلىقلار بولۇپ،css زاپچاسلىرىنى bp رامكىسى تەمىنلىگەن css ئامبار ھۆججىتىنى ئۇلاپلا css قىسمىغا تەۋە بولغان بارلىق زاپچاسلارنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ،js زاپچاسلىرىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن چوقۇم css ئ‍امبار ھۆججىتى ئۇلانغان بولۇشى كىرەك. css زاپچاسلىرى js ئامبىرىغا تايىنىپ قالماستىن مۇستەقىل خىزمەت قىلالايدۇ،ئەمما js زاپچاسلىرى css ئ‍امبىرىغا تايىنىدۇ.

شىنجاڭ بىلپاك ئېلىكترون سودا چەكلىك شىركىتى مەبلەغ سىلىپ قوللاش ئارقىلىق، مىھنەتسىز تۆھىپىكارلارنىڭ ئىنچىكە خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە bp مەيدانغا كەلگەن.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (4 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#