فلورىدا تاقىم ئاراللىرى
فلورىدا تاقىم ئاراللىرى ئا ق ش نىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى فلورىدا يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىدكى ئاراللارنى كۆرسىتىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئا ق ش نىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى فلورىدا يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىدكى ئاراللارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئاراللار كېلارگو ئارىلىدىن غەربىي جەنۇبقا قاراپ زەنجىرسىمان سوزۇلغان ئاراللارنىڭ ئومۇمىي نامىدىن ئىبارەت. بۇ ئاراللار مارجان رىفلىرىدىن تۈزۈلگەن. يېرىم ئارالدىكى خومېستېدىن تارتىپ تاقىم ئاراللارنىڭ ئەڭ غەربىي جەنۇبىدىكى كېۋېست ئارىلىغىچە بولغان ئاراللارنىڭ ئارىلىقى كۆۋرۈك ئارقىلىق بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 11 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاراللار ئۈستىگە كۆۋرۈكلەر بىلەن قوشۇلۇپ، دېڭىز ئۈستى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللىرى سېلىنغان. ئا ق ش نىڭ مېئامې شەھىرىدىن ماشىنا بىلەن كېۋېست شەھىرىگە بارغىلى بولىدۇ. بۇ جاي ئا ق ش نىڭ مۇھىم ساياھەت رايونلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئاراللاردا ياز، كۈز پەسىللىرىدە قارا بوران كۆپ چىقىپ تۇرىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.