سوقرات (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 469-399-يىللار) ئافېنا دىكى ئاددىي ھەيكەلتىراش ئائىلىسىدە تۇغۇلغان قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى سوقرات
خەنزۇچە ئىسمى 苏格拉底
دۆلەت تەۋەلىكى قەدىمكى گرېتسىيە ئافېنا
يۇرتى ئافېنا
تۇغۇلغان ۋاقتى مىلادىدىن بۇرۇن 469- يىل
ۋاپات بولغان ۋاقتى مىلادىدىن بۇرۇن 399 يىل
مىللىتى يۇنان مىللىتى
كەسپى مۇتەپەككۇر، پەيلاسوپ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپى سوقرات (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 469-399-يىللار) نىڭ «ئۆزۈڭنى بىل! » دېگەن بىر جۈملە ئەقلىيە سۆزى بار، ئۇ كىشىلەرنىڭ ئەخلاقلىق بولۇشىنى، بىلىمسىزلىكىنى تونۇپ يېتىشنىڭ كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ گەرچە ئافېنا دىكى ئاددىي ھەيكەلتىراش ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولسىمۇ، كىچىكىدىن باشلاپلا كىتاب ئوقۇشقا ئىنتايىن ھېرىسمەن بولۇپ، مەسىلىلەر ئۈستىدە ماھىرلىق بىلەن تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ، ئاخىر داڭلىق ئالىم بولۇپ يېتىشىپ چىققان. 

قىزىقارلىقى شۇكى، ئۇنىڭ ئىلمىي پائالىيەتلىرى دەرسخانىدا ئەمەس، بەلكى ئافېنا شەھىرىنىڭ كوچا-كويلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان. ئۆزى بىلەن سۆھبەتلەشكۈسى بارلا ئادەم ئۇچرىسا، ئۇ بىرەر مەسىلە ئۈستىدە ئەستايىدىللىق بىلەن بەس-مۇنازىرىگە چۈشۈپ كېتەتتى. ئۇ بۇ جەرياندا ئەزەلدىن قەلەم تۇتمىغان بولغاچقا، خاتىرە قالدۇرۇپ كەتمىگەن، ئۇنىڭ نۇرغۇن سۆز-پىكىرلىرى ۋە چوڭقۇر ئىدىيىسىنى ئوقۇغۇچىلىرى خاتىرىلەپ قالدۇرغان. ئەپلاتۇن ئۇنىڭ شاگىرتى، ئاپلاتۇننىڭ «ئەپلاتۇن پاراڭلىرى-سوقراتنىڭ ئۆلىمى» ناملىق كىتابىدا سوقراتنىڭ تىلى ئارقىلىق دىئالۇگ شەكلىدە  سوقراتنىڭ ھاياتى ئىش ئىزلىرى،پەلسەپىۋى قاراشلىرى بايان قىلىنغان.

سوقرات بەس-مۇنازىرە قىلغان مەسىلىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئادەملەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىدى. چۈنكى، ئىلگىرى يۇنان پەيلاسوپلىرى پەقەت تەبىئەت دۇنياسىنىلا تەتقىق قىلىپ، جەمئىيەت ۋە كىشىلىك ھاياتقا ئەھمىيەت بەرمىگەنىدى. سوقرات بۇ خىل ئەھۋالنى ئۆزگەرتىپ، «ئۆزۈڭنى بىل» دېگەننى ناھايىتى چوڭقۇر بىلىم دەپ قاراپ، سىياسىي، ئۇرۇش، ئېتىكا، ئەخلاق، سەنئەت قاتارلىقلار بىلەن ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى زىچ باغلىنىشلىق مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلگەن. ئۇ بەخت، بىلىم، ھەقىقەت، گۈزەل ئەخلاق دېگەن نېمە، دېگەندەك قارىماققا ئاددىي كۆرۈنىدىغان، ئەمەلىيەتتە قىيىن مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىشقا ھېرىسمەن ئىدى. ئۇنىڭ «ئەخلاق بىلىم دېمەكتۇر، نادانلىق جىنايەتنىڭ مەنبەسى» دېگەن ھېكمەتلىك سۆزى بار، شۇڭا، ئۇ سىياسىي جەھەتتە دۆلەتنى بىلىملىك، ئىقتىدارلىق ئادەمنىڭ باشقۇرۇشى كېرەكلىكىنى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشىنى تەشەببۇس قىلغان.

مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 399-يىلى، سوقرات زىيانكەشلىككە ئۇچراپ، «دۆلەت چوقۇنىدىغان ئىلاھقا ھۆرمەت قىلمىدى» دېگەندەك جىنايەت بىلەن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىدىغان كۈنى كەچتە، ئۇ بالا-چاقا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى زىنداندىن كەتكۈزۈۋېتىپ، دوستلىرى بىلەن روھ ئۆلمەيدۇ دېگەن قائىدە ھەققىدە كەڭ-كۇشادە بەس-مۇنازىرە قىلغان، ئاندىن گۇندىپاينىڭ قولىدىن زەھەرلىك دورىنى تەمكىنلىك بىلەن ئېلىپ، بىراقلا ئىچىپ، بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقان، بۇ چاغدا ئۇ 70 ياشقا كىرگەنىدى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#