مادېلىن ئالبېرت

مادېلىن ئالبېرت

مادېلىن ئالبېرت 1937-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى چېخوسلوۋاكىيە پراگادا تۇغۇلغان، ئامېرىكا تارىخىدىكى تۇنجى ئايال دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى مادېلىن ئالبېرت
دۆلەت تەۋەلىكى ئامېرىكا
كەسپى ئامېرىكىنىڭ 64-نۆۋەتلىك دۆلەت كاتىپى
چەتئەلچە نامى Madeleine Korbel Albright
خەنزۇچە ئاتىلىشى 马德琳·奥尔布赖特
تۇغۇلغان ۋاقتى 1937-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مادېلىن ئالبېرت مادېلىن ئالبېرتنىڭ ئەسلى ئىسمى مارى يانا كوربېلوۋا، ئامېرىكىنىڭ 64 -نۆۋەتلىك دۆلەت كاتىپى بولغان، ھازىر گېئورگېتوۋن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئەدمۇند A دىپلوماتىيە مۇلازىمەت ئىنستىتۇتىدا پروفېسسور.

1937-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى چېخوسلوۋاكىيە پراگادا تۇغۇلغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى بولغان چاغدا ئۇ ۋە ئائىلىسىدىكىلەر لوندوندا. ئۇنىڭ دادىسى دىپلوماتىيە ئەمەلدارى، قوشۇمچە ئالىم، چېخوسلوۋاكىيەنىڭ يۇگوسلاۋىيە دە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولغان. 10 ياشقا كىرگەن ۋاقىتتا، شىۋېتسارىيە مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇغان ھەمدە ئىسمىنى مادېلىنغا ئۆزگەرتكەن. 1948-يىلى ئۇنىڭ دادىسى ب د ت نىڭ ھىندىستان ۋە پاكىستان مەسىلىسى كومىتېتى ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن.

1948-يىلىدىن كېيىن، ئۇنىڭ ئاتىسى دۆلەتنى ئاغدۇرۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان، پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر ئامېرىكىدىن سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلغان.

كېيىن ئامېرىكىغا كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلاشقان، ئالبېرت ماسساچۇسېتس شىتاتىنىڭ ۋېللېسلېي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاخبارات ۋە سىياسەتشۇناسلىقتا ئوقۇغان.

1959-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن. ئۇ يەنە كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى دا پەلسەپە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، ئىنگلىز تىلى، چېخ تىلى، پولەك تىلى، رۇس تىلى ۋە فرانسۇز تىللىرىنى پىششىق ئۆگەنگەن. 

مادېلىن ئالبېرتچىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا ئىشلار ئىلمى پروفېسسورى بولغان.

1976-يىلى سىياسىي ساھەگە قەدەم قويغان، كېڭەش پالاتا ئەزاسى ئەدمۇند مۇسكېگېت (مېئانې شىتاتى دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى) خىزمىتىنى قىلغان.

1978-يىلى جىم كات زۇڭتۇڭنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەن. 

1981-يىلى رىگان زۇڭتۇڭ بولغان، كېيىن ئىلىم ساھەسى ئەسەرلىرىدىن «پولشا : سىياسىي ئۆزگىرىش جەريانىدا ئاخبارات ساھەسى رول ئوينىغان».

1993-يىلى گېئورگېتوۋن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، دىپلوماتىيەدىن دەرس ئۆتكەن. 

مادېلىن ئالبېرتئۇ ۋېللس ئىنستىتۇتىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا يوسېف بىلەن تونۇشقان. يوسېف ئامېرىكىدا ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك بولغان بىر مەتبۇئات جەمەتى ئەۋلادى، ئۇلار تونۇشۇپ ئالتا يىلدىن كېيىن، ئالبېرت ئوقۇش پۈتتۈرگەن، ئوقۇش پۈتتۈرگەن 3-كۈنى ئۇلار توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. يوسېف بىر مۇخبىر، بىر چوڭ جەمەتنىڭ ئەركىسى. بۇ جەمەتىدىكىلەر ئالبېرتنى ئېتىراپ قىلغان ئەمەس، ئۇ ئۆزى ۋە يوسېف ئوخشاش بولمىغان ئىككى قاتلامدا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان، بارلىق پۇرسەت ۋە كۆپ ئاماللارنى ئىشلىتىپ ئىزدەپ يوسېف جەمەتىگەبىر ياخشى تەسىر قالدۇرغان.

يېڭىلا توي قىلغان ئالبېرت تۇنجى قېتىم ھامىلدار بولغاندا بالدۇر بوشانغان، ئەيلىس ۋە ئاننى قوشكېزەكلەرنى تۇغقان، بۇ ئىككى بالا قەيسەرلىك بىلەن ھايات قالغان.

ئىككىنچى قېتىم ئالتە ئايدىن كېيىن ھامىلىدار بولۇپ، ئۇ قىزىل كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان. دوختۇرلار ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: قورساقتىكى بالا مېڭە زەخىملىنىشكە ئۇچرىشى مۇمكىن دېگەن، لېكىن شۇ چاغدىكى ئامېرىكا قانۇنىدا بالا چۈشۈرۈش قانۇنسىز ئىدى. كېيىن تۇغۇت جەريانىدا، بالا ئۆلۈپ كەتكەن. بۇ كەچۈرمىشلەر ئۇنىڭغا ئاياللارنىڭ چوقۇم تاللاش ھوقۇقىنى ئېنىق تونۇتقان، بولۇپمۇ ئۇلار يولۇققان ئاشۇ قىيىن ۋاقىتلار.

ئۈچىنچى قېتىم ھامىلىدار بولغاندا ساغلام بىر قىز تۇغقان، ئۇ كەيسىلىن. ئالبېرت ئۈچ قىز كۆرۈش ھاياتىدا، ئۇلارنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن، ئۇ ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى بىر تەرەپكە قايرىپ قۇيۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قىزلىرىنى بېقىپ چوڭ قىلغان.[0]

مادېلىن ئوربۇلىت

مادېلىن ئوربۇلىت

مادېلىن ئوربۇلىت

مادېلىن ئوربۇلىت

مادېلىن ئوربۇلىت

مادېلىن ئوربۇلىت

مادېلىن ئوربۇلىت

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#