بۆلجۈرگەن تورتى

بۆلجۈرگەن تورتى
بۆلجۈرگەن تورتى تورتنىڭ بىر تۈرى بولۇپ ئاساسلىق ماتېرىيالى ئادەتتىكى تورتنىڭ ماتېرىيالى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ، ئۈستىگە بۆلجۈرگەن تىزىلىدۇ،شەكلى ئىنتايىن كۆركەم، يىيىشلىك بولىدۇ .

ئۇيغۇرچە نامى بۆلجۈرگەن تورتى
خەنزۇچە نامى 草莓蛋糕

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاساسلىق ماتېرىيالىتۇخۇم يەتتە دانە، شېكەر 200 گرام، ئۇن 80 گرام، ئۇندەك سوقۇلغان شېكەر ئىككى ئاش قوشۇق، جولى مۇۋاپىق مىقداردا(تورت ئۈستىگە جۇلا بەرگۈچى) . 

كىرىمىق ئۈچۈن: سۈت 50 مىللىگرام، شېكەر 100 گرام، بۆلجۈرگەن 500 گرام، ئاپېلسىن سۈيى 50 مىللىگرام، كىرىم پاراشوكى 600 گرام، بادام مېغىزى 100 گرام، مۇئەتتە ئىككى ~ ئۈچ تامچە.

1.تورت ئۈچۈن بىر مىقدار مۈشۈك تىلى شەكىللىك پېچىنە ھازىرلىنىدۇ. پېچىنە ۋە تورت خېمىرى ئۈچۈن ئالدى بىلەن تۇخۇملار چېقىلىپ، ئاق، سېرىقى ئايرىلىدۇ. تۇخۇمنىڭ سېرىقىغا 50 گرام شېكەر قوشۇلۇپ كۆپتۈرۈلىدۇ. تۇخۇمنىڭ ئېقىغا قالغان شېكەر قوشۇلۇپ كۆپتۈرۈلىدۇ. ئاخىرىدا تۇخۇمنىڭ ئېقى بىلەن سېرتقى بىر قاچىغا ئېلىنىپ، ئۇن سېپىپ تۇرۇپ ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. 

2. ئارىلاشمىنىڭ 1 ~ 3 قىسمى ياغلانغان تورت قېلىپىغا تۆكۈلۈپ، 175 گرادۇسقا توغرىلانغان دۇخوپكىدا 20 مىنۇت پىشۇرۇلىدۇ.

3. قالغان ئارىلاشما سىقما خالتىسىغا ئېلىنىپ، ياغلانغان لېسقا سەككىز سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا مۈشۈك تىلى شەكلىدە سىقىلىدۇ. ھەربىر تال پېچىنە خېمىرى ئۈستىگە ئۇندەك سوقۇلغان قۇم شېكەر سېپىلىپ، 175 گرادۇسقا توغرىلانغان دۇخوپكىدا 8 ~ 10 مىنۇتچە پىشۇرۇلىدۇ. 

4. بۆلجۈرگەنلەر ئادالىنىپ، بەش دانىسى پەردىزى ئۈچۈن ئايرىپ قويۇلىدۇ. قالغانلىرىنىڭ ھەربىرى ئىككى پارچە ياكى تۆت پارچە قىلىپ كېسىلىپ، قويۇپ تۈرۈلىدۇ. تۇخۇملارنىڭ ئاق ۋە سېرىقلىرى ئايرىم-ئايرىم قاچىلارغا ئېلىنىدۇ. تۇخۇمنىڭ سېرىقى، سۈت، تۇز، شېكەرنىڭ يېرىمى ۋە مۇئەتتەر تۈۋى قېلىنراق قازانغا سېلىنىپ، سۇس ئوتتا قوچۇپ تۇرۇپ پىشۇرۇلىدۇ. ئاپېلسىن سۈيى ۋە جولى ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇيۇلىدۇ، تۇخۇمنىڭ ئېقىغا قالغان شېكەر قوشۇلۇپ كۆپتۈرۈلىدۇ. ئۇمۇ قازانغا قۇيۇلۇپ ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. كىرىم پاراشوكىنىڭ 100 گرامى ئايرىپ قېلىنىپ، قالغان قىسمى بۆلجۈرگەن بىلەن بىللە قازانغا سېلىنىپ ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. 

5. تورت قېلىپىدا پىشۇرۇلغان تورت بىر لىگەنگە ئېلىنىپ، قازاندا تەييارلانغان كىرىمنىڭ 1 ~ 3 قىسمى ئۇنىڭ يۈزىگە تۆكۈلىدۇ. كىرىمنىڭ ئۈستىگە پېچىنىلەر تەكشى تىزىلىدۇ. پېچىنىلەرنىڭ ئۈستىگە يەنە بىر قات كىرىم تۆكۈلىدۇ. كىرىمنىڭ ھەممىسى تورتنىڭ ئەڭ ئۈستىگە تەكشى يېيىتىلىپ، ئىككى سائەت سوغۇق بىر يەردە قويۇپ تۇرۇلىدۇ.

6. ئاخىردا تورتنىڭ ئەڭ ئۈستى سۇلاندۇرۇلغان كىرىم پاراشوكى، بۆلجۈرگەن ۋە ئېشىپ قالغان پېچىنىلەر بىلەن پەردازلىنىپ، چۆرىسىگە بادام مېغىزلىرى چاپلىنىپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#