يىگىرمە سەككىزىنچى يانۋار ۋەقەسى

يىگىرمە سەككىزىنچى يانۋار ۋەقەسى

«28-يانۋار» ۋەقەسى ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ شاڭخەيگە قوراللىق تاجاۋۇز قىلىش ۋەقەسىدۇر. 1932-يىل 1-ئاينىڭ 28-كۈنى  ياپون جاھانگىرلىكى شاڭخەيگە تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىدى.

نامى يىگىرمە سەككىزىنچى يانۋار ۋەقەسى
ئۇرۇشقان قاتناشقۇچىلار جۇڭگو، ياپونىيە
ھەربىي كۈچ جۇڭگو 50 مىڭدىن ئاز ئادەمياپونىيەنىڭ تەخمىنەن 70 مىڭ ئادەم
ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋالى جۇڭگو 14104 ئادەم، ياپونىيە 3091 ئادەم
خەنزۇچە نامى 一·二八事变
باشقا ئاتىلىشى
ئورنى شاڭخەي شەھىرى بىلەن ئەتراپتىكى
ۋاقتى 1932-يىل 1-ئاينىڭ 28-كۈنى __ 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
نەتىجىسى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى؛ شاڭخەي ھەربىيدىن خالىيلاشتۇرۇلدى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يىگىرمە سەككىزىنچى يانۋار ۋەقەسى«28-يانۋار» ۋەقەسى ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ شاڭخەيگە قوراللىق تاجاۋۇز قىلىش ۋەقەسىدۇر. «18-سېنتەبىر» ۋەقەسىدىن كېيىن، تاجاۋۇزچىلىق خورىكى تېخىمۇ ئۆسكەن ياپون جاھانگىرلىكى تاجاۋۇزچىلىق ئىبلىس چاڭگىلىنى شاڭخەيگە سوزدى. بىر قاتار ئىغۋاگەرچىلىكلەرنى پەيدا قىلغاندىن كېيىن، 1932-يىل 1-ئاينىڭ 28-كۈنى شاڭخەيگە تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىدى.

يىگىرمە سەككىزىنچى يانۋار ۋەقەسى 1932-يىل1-ئاينىڭ 18-كۈنى بەش ياپون راھىبى شاڭخەيدىكى مايۈيشەن يولىدا نەچچە ئونلىغان جۇڭگو ئىشچى پىدائىي ئەسكەرلىرىگە ئىغۋاگەرچىلىك قىلغانلىقتىن، ئىككى تەرەپ قاتتىق توقۇنۇشۇپ قالدى. ياپونىيە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىشنى چوڭايتىپ، ياپون سەرگەردانلىرىنى جۇڭگو سەنيۇ سودا-سانائەت جەمئىيىتىنى ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈشكە كۈشكۈرتۈپ، نۇرغۇن جۇڭگو ساقچىلىرىنى ئۆلتۈردى ۋە يارىلاندۇردى. باشقىلارنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن ياپونىيە ئىشپىيونلۇق ئورگىنى يەنە ياپونىيىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىسىنىڭ تۇرالغۇسىنى كۆيدۈرۈپ، بۇ ئىشنى جۇڭگولۇقلار قىلدى دەپ بىلجىرلىدى. ئارقىدىنلا ياپونىيە باش كونسۇلى گومىنداڭنىڭ شاڭخەي شەھەرلىك ھۆكۈمىتىگە ئېتىراز بىلدۈرۈپ، تۈرلۈك يولسىز تەلەپلەرنى قويدى. شاڭخەي شەھەرلىك ھۆكۈمەت چىداپ تۇرۇپ يول قويۇپ، ياپونىيە تەرەپنىڭ يولسىز تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلدى. بىراق1-ئاينىڭ28-كۈنى ياپونىيە دائىرىلىرى يەنە مۇھاجىرلارنى قوغداشنى باھانە قىلىپ، جۇڭگو قوشۇنلىرىنىڭ جابېيدىن دەرھال چېكىنىپ چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلدى ھەمدە شۇ كۈنى كەچتىلا شاڭخەيدىكى ياپونىيە كونسېسسىيىسى ئەسكەر چىقىرىپ جابېي ئەتراپىغا ھۇجۇم قىلدى.

يىگىرمە سەككىزىنچى يانۋار ۋەقەسى ئەينى ۋاقىتتا، گومىنداڭنىڭ شاڭخەينى ساقلاۋاتقان19-يول ئارمىيىسى سەپەرۋەرلىككە كېلىپ قارشىلىق كۆرسەتتى، شۇنىڭ بىلەن شاڭخەي جېڭى پارتلىدى.

ئۇرۇش ئەمدىلا باشلانغاندا، ياپون جاھانگىرلىرى «تۆت سائەت ئىچىدە شاڭخەينى ئىشغال قىلىمىز» دەپ داۋاراڭ سالدى. بىراق، شاڭخەيدىكى ئىشچىلار، ئوقۇغۇچىلار ۋە شەھەر خەلىقنىڭ قوللىشىدا، 19-يول ئارمىيىسى سەي تىڭكەي، جاڭ گۇاڭنەي قاتارلىق ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى گېنېراللارنىڭ قوماندانلىقىدا باتۇرلارچە قارشىلىق كۆرسىتىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىنى ئارقا-ئارقىدىن چېكىندۈرۈپ، ياپونىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيىسىنىڭ 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادىمىنى تالاپەتكە ئۇچرىتىپ، ياپونىيە ئارمىيىسىنى ئۈچ قېتىم قوماندانىنى ئالماشتۇرۇشقا مەجبۇر قىلدى. 3-ئاينىڭ باشلىرىدا، ياپونىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيىسىنىڭ ئادىمى 100 مىڭغا كۆپەيدى. لېكىن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئاران40 مىڭچە ئادىمى بار 19-يول ئارمىيىسىگە ياردەمچى قوشۇن ئەۋەتىشنى، تەمىنات ۋە قورال-ياراغ بېرىشنى رەت قىلدى ھەمدە شاڭخەيدىكى پىدائىيلار قوشۇنىنى تارقىتىۋەتتى. بىر ئايدىن ئارتۇق قانلىق جەڭدىن كېيىن 19-يول ئارمىيىسىنىڭ ئوق-دورىلىرى ۋە ئاشلىقى تۈگەپ، شاڭخەيدىن چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر بولدى.

يىگىرمە سەككىزىنچى يانۋار ۋەقەسى 1932-يىل 5-ئاينىڭ 5-كۈنى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن ياپون تاجاۋۇزچىلىرى ئوتتۇرىسىدا «ۋۇسۇڭ-شاڭخەي ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى» ئىمزالاندى، ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ شاڭخەيدە تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىنىپ، جۇڭگو ئارمىيىسى پەقەت شاڭخەيدىن سۇجۇ، كۇنشەنگىچە بولغان جايلارنىڭ ئەتراپىدىلا مۇداپىئەدە تۇرىدۇ ھەمدە ياپونىيىگە قارشى ھەرىكەتلەر چەكلىنىدۇ، دەپ بەلگىلەندى. شۇنىڭ بىلەن ياپونىيە يەنە شاڭخەيدە جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىشتىكى كۆۋرۈك ئىستىھكامى قۇرۇۋالدى.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#