سۇمبۇل

بۇ سۇمبۇل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، سۇمبۇلغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، يىلتىزى ۋە پۈتۈن چۆپى يەل تارقىتىش، قىزىتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، بۇزۇق ماددىلارنى تازىلاش، چىراينى سۈزۈكلەشتۈرۈش، پەي، نېرۋىلارنى كۈچەيتىش، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، مېڭىنى قۇۋۋەتلەش، ئاغرىق توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى سۇمبۇل
شەكلى ئۇزۇنچاق تۇخۇمسىمان
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق
خەنزۇچە ئاتىلىشى 结草
چىقىش ئورنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
پىنيىنچە يېزىلىشى jié cǎo

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سۇمبۇلبۇ سۇمبۇل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، سۇمبۇلغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى بىر مېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ؛ چاچما يىلتىزى كۆپ، غولى تىك، غولىدا ئۇزۇن سىزىقچىلىرى بار؛ يوپۇرمىقى ئۇزۇن ئۆسكەن، پەيسىمان تولۇق يېرىلغان بولۇپ، ئۇچىدىكى يېرىقچە يوپۇرمىقى چوڭراق، شەكلى ئۇزۇنراق سوقىچاق، ئىككى تەرىپىدىكى يېرىقچە يوپۇرماقچىلىرى كىچىكرەك، شەكلى تېمىنەسىمان، گىرۋىكىدە شالاڭ ھەرە چىشلىرى بولىدۇ. چەكلىك كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى ئۇچىدا ئۆسىدۇ، گۈلى كىچىك، رەڭگى ھال ياكى سۇس سۆسۈن، مېۋىسى ئۇرۇق مېۋە، شەكلى ئۇزۇنچاق تۇخۇمسىمان، ئۇچىدا پەيسىمان تۈكچىلىرى بولىدۇ.

دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ۋە پۈتۈن چۆپى ئىشلىتىلىدۇ.

بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ كۈز پەسلىدە پۈتۈن چۆپى ۋە يىلتىزىنى يىغىۋېلىپ، تازىلاپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تاغ باغرى، ئورمان ئەتراپى، ئوتلاق ۋە دەريا ۋادىلىرىدا ئۆسىدۇ.

ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

يەل تارقىتىش، قىزىتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، بۇزۇق ماددىلارنى تازىلاش، چىراينى سۈزۈكلەشتۈرۈش، پەي، نېرۋىلارنى كۈچەيتىش، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، مېڭىنى قۇۋۋەتلەش، ئاغرىق توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئەھۋالغا قاراپ 6 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.

تۆت گرام سۇمبۇلنى يۇمشاق سوقۇپ، قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، بەل، پۇت ئاغرىقى، قورساق ئاغرىقى، يىقىلىپ - ئۇرۇلۇپ زەخىملىنىش، يۈرەك سېلىش ۋە نېرۋا ئاجىزلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 125 گرام سۇمبۇل يىلتىزىنى يۇمشاق سوقۇپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى %60 لىك ئىسپىرتقا چىلاپ، سۈزۈپ، يەنە ئۈستىگە %60 لىق ئىسپىرتتىن 500 ~ 800 گرام قوشۇپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 5 ~ 8 گرامدىن ئىچىپ بەرسە، بەل، پۇت ۋە قورساق ئاغرىقى، ھەرخىل زەخىملىنىش، يۈرەك سېلىش ۋە نېرۋا ئاجىزلىقىغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. 35 گرام سۇمبۇلغا 12 گرام ئەينۇلا، 10 گرام سېرىس قوۋزىقىنى قوشۇپ، يېرىم جىڭ ھاراققا يەتتە كۈن چىلاپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 6 ~ 9 گرامدىن ئىچىپ بەرسە، نېرۋا پائالىيىتىنىڭ بۇزۇلۇشىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

تىلماچ ئىزاھلىق لوغىتى

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#