كونگو دەرياسى
ئافرىقا بويىچە نىل دەرياسىدىن قالسا ئىككىنچى چوڭ دەريا بولۇپ، زايىر دەرياسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. دەريانىڭ باش مەنبەسى زامبىيىنىڭ شىمالىدىكى چامبېزى دەرياسى بولۇپ، بۇيۇما شاقىراتمىدىن ئۆتكەندىن كېيىن زايىر دەرياسى دەپ ئاتىلىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئافرىقا بويىچە نىل دەرياسىدىن قالسا ئىككىنچى چوڭ دەريا بولۇپ، زايىر دەرياسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. دەريانىڭ باش مەنبەسى زامبىيىنىڭ شىمالىدىكى چامبېزى دەرياسى بولۇپ، بۇيۇما شاقىراتمىدىن ئۆتكەندىن كېيىن زايىر دەرياسى دەپ ئاتىلىدۇ. كونگو دەرياسىنىڭ غول ئېقىنى كونگو ئويمانلىقىنى كېسىپ ئۆتۈپ ئاتلانتىك ئوكيانغا قۇيۇلىدۇ. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 4700 كىلومېتىر كېلىدۇ. دەريانىڭ تارماقلىرى ناھايىتى زىچ بولۇپ، ئاساسلىقى ئۇبانگى، سانگا، كاساي قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. كونگو دەرياسىنىڭ تارماقلىرى زەمبىيە، زايىر، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى، كونگو، كامېرون قاتارلىق دۆلەتلەرنى كېسىپ ئۆتىدۇ، كۆلىمى 3 مىليون 700 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئافرىغا بويىچە بىرىنچى، دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
كونگو دەرياسىنىڭ تارماقلىرى تروپىك يامغۇرلۇق ئورمان ئىقلىم رايونىدىن باشلانغانلىقتىن، دەريانىڭ ئېقىن مىقدارى ناھايىتى مول، دەريانىڭ دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئاغزىدىكى ئېقىن مىقدارى 40 مىڭ كۇب مېتىر سېكۇنت كېلىدۇ. ئەڭ كۆپ بولغاندا 80 مىڭ كۇب مېتىر سېكۇنتقا يېتىدۇ. ئېقىن مىقدارى جەھەتتە دۇنيادا ئامازون دەرياسىدىن قالسا ئىككىنچى ئورۇنداتۇرىدۇ، دەريانىڭ سۇ كۈچى بايلىقى مول بولۇپ، مۆلچەر بويىچە 100 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىدۇ، دەريانىڭ غول ۋە تارماق لىنىيىلىرىدە 43 شاقىراتما بار، دەريانىڭ غول لىنىيىسى بىلەن ئۇنىڭ 39 تارماق لىنىيىسىدە پاراخوتلار قاتنىيالايدۇ. سۇ قاتناش لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 20 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. شاقىراتما لىنىيىلىرىدە تۆمۈر يول تۇتاشتۇرۇلغان. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.