شىنخۇ يېزىسى
شىنخۇ يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى قارمىقىدىكى يېزا.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
شىنخۇ يېزىسىشىنخۇ يېزىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى، مورى بازىرىنىڭ شىمالىغا ئىككى كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. شەرقىي بەيياڭخې دەرياسى بىلەن چېگرالانغان، غەربىي جاۋبىشەن چۆلى بىلەن قوشنا، جەنۇبىي ناھىيە بازىرىغا تۇتاشقان، شىمالىي يۇلغۇن قۇدۇققىچە. ئومۇمىي كۆلىمى 361 كۋادرات كىلومېتىر.
شىنخۇ يېزىسىنىڭ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 103 مىڭ مو، يىللىق ئەمەلىي تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 90 مىڭ مو ئەتراپىدا بولۇپ، ھەممىسى سۇلۇق يەر، سۇ مەنبەسى ئاساسلىقى لۇڭۋاڭمياۋ سۇ ئامبىرىدىن كەلگەن.
ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى كۈزگى بۇغداي، يازغى بۇغداي، قوناق، پۇرچاق، گازىر تاۋۇز، قىزىلگۈل، قىچا قاتارلىقلار. مورى ناھىيەسىنىڭ تېرىقچىلىق چوڭ يېزىسى.
شىنخۇ يېزىسى ناھىيەلىك پارتىكوم، ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە «تېرىقچىلىقنى ئاساس، چارۋىچىلىقنى تۈۋرۈك، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى مۇھىم نۇقتا، تۈر قۇرۇلۇشىنى ئاچقۇچ، ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەشنى قوشۇمچە قىلىش» تەرەققىيات پىكىر يولىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىساد ۋە تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئىشلىرى پۇختا قەدەم بىلەن راۋاجلانغان.
2007-يىلىغا قەدەر، يېزا بويىچە يېزا ئىقتىسادىنى ئومۇمىي كىرىمى 86 مىليون 270 مىڭ يۈەن بولۇپ، 2006-يىلىدىكىدىن %9 ئاشقان، پۈتۈن يېزىدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 4663 يۈەنگە يەتكەن.
شىنخۇ يېزىسى قارمىقىدا: شىنخۇ كەنتى، تۇچى كەنتى، سەنچى كەنتى، خوسجاڭ كەنتى، شىنگۇ كەنتى قاتارلىق 5 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
شىنخۇ يېزىلىق ھۆكۈمەت تورى
كۆچمە خەۋەرلىشىش يېزا ئىگىلىك ئۇچۇر تورى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.