فېڭ يۈشياڭ

1924-يىل 10-ئاينىڭ 22-كۈنى كېچە، بىۋاسىتە قاراشلىق ئارمىيە بىلەن فېڭشى مىلىتارىستلىرى كەسكىن جەڭ قىلىۋاتاتتى. تۇيۇقسىز بىۋاسىتە قاراشلىق ئارمىيەنىڭ بىر قوشۇنى بېيجىڭ شەھىرىگە كىرىپ، بىۋاسىتە قاراشلىق ئارمىيەنىڭ باشلىقى، زۇڭتۇڭلۇق ئورنىنى قولغا كىرگۈزۈۋالغان ساۋ كۈننى تەختتىن قوغلاپ چۈشۈرۈۋېتىدۇ. مانا بۇ تارىختىكى مەشھۇر «بېيجىڭ سىياسىي ئۆزگىرىشى» دۇر. بۇ قېتىمقى سىياسىي ئۆزگىرىشنى قوزغىغۇچى بىۋاسىتە قاراشلىق ئارمىيىنىڭ باشلىقى فېڭ يۈشياڭ ئىدى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى فېڭ يۈشياڭ
باشقا نامى 冯基善、冯焕章
مىللىتى خەنزۇ
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1948-يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
چەتئەلچە نامى Feng Yuxiang
خەنزۇچە ئىسمى 冯玉祥
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
تۇغۇلغان ۋاقتى 1882-يىل 11-ئاينىڭ 6-كۈنى
كەسپى ھەربىي، قوماندان

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

فېڭ يۈشياڭ  (1882-1948-يىللار) ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ جاۋشيەن ناھىيەسىدىن. ئۆسمۈر چېغىدىلا ئارمىيەگە قاتنىشىپ، شىمالىي مىلىتارىستلار ئارمىيەسىدە برىگادا كوماندىرى، دىۋىزىيە كوماندىرى، ھەربىي ۋالىي قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. يۈەن شىكەينىڭ پادىشاھ بولۇۋېلىشىغا ۋە جاڭ شۈننىڭ تىرىلىشىگە قارشى جازا ئۇرۇشىغا قاتناشقان ھەمدە سۈن جۇڭشەن بىلەن ئالاقىلەشكەن.  1924-يىلى بىۋاسىتە قاراشلىق ئارمىيەنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئۇرۇشىغا قاتناشقاندا، بىۋاسىتە قاراشلىق ئارمىيە 3-يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانى بولۇپ، بېيجىڭغا قايتىپ كېلىپ سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغان. ئارقىدىن، ئۇ ئەسكەر ئەۋەتىپ، چىڭ سۇلالىسى نىڭ پادىشاھى فۇيىنى زىجىنچېڭدىن قوغلاپ چىقارغان ھەمدە تېلېگرامما ئەۋەتىپ، سۈن جۇڭشەن نى شىمالغا كېلىپ دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى ئورتاق مەسلىھەتلىشىشكە تەكلىپ قىلغان. ئۇ يەنە قىسىمنى مىللىي ئارمىيەگە ئۆزگەرتىپ، ئۆزى باش قوماندان، قوشۇمچە 1-كورپۇسنىڭ كوماندىرى بولغان. 1925-يىلى ئەتىيازدا مىلىتارىست جاڭ زولىن تەرىپىدىن بېيجىڭ شەھىرىدىن قىستاپ چىقىرىلىپ، غەربىي شىمال رايونىنىڭ چېگرا مۇداپىئە نازارەتچىسى بولغان. ئۇنىڭ قىسمى يەنە غەربىي شىمال ئارمىيەسى دەپمۇ ئاتالغان. 

1926-يىلى 9-ئايدا، فېڭ يۈشياڭ قىسىمنى باشلاپ ۋۇيۈەن (ھازىرقى ئىچكى موڭغۇل) دا قەسەم بېرىپ، شىمالىي مىلىتارىستتىن ئايرىلىپ، جۇڭگو گومىنداڭىغا كوللېكتىپ ئۆتكەنلىكىنى، مىللىي ئىنقىلابقا قاتنىشىدىغانلىقىنى، شىمالغا يۈرۈش قىلىشقا ئاۋاز قوشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. خېنەننى ھۇجۇم قىلىپ ئالغاندىن كېيىن، 2-گۇرۇپپىۋوي ئارمىيەنىڭ باش قوماندانى بولغان. 1927-يىلى6-ئايدا، ئۇ شۈيجۇدا جياڭ جيېشى قاتارلىقلار بىلەن كومپارتىيىگە قارشى يىغىن چاقىرغان. يىغىندىن كېيىن، 2-گۇرۇپپىۋوي ئارمىيەدىكى كومپارتىيىلىكلەرنى «ئەدەپ بىلەن گومىنداڭدىن چىقىرىۋەتكەن» . 1928-يىلىدىن باشلاپ، ئۇ جياڭ جيېشى گۇرۇھى بىلەن زىددىيەتلىشىپ قېلىپ، ئەسكەر باشلاپ جياڭ جيېشىغا قارشى تۇرغان. ئاخىر جياڭ جيېشى بىلەن فېڭ يۈشياڭ ئوتتۇرىسىدا جەڭ پارتلاپ، ئۆزى مەغلۇپ بولغان. 1930-يىلى ئۇ يەنە يەن شىشەن، لى زۇڭرېنلار بىلەن بىرلىشىپ جياڭ جيېشىغا يەنە بىر قېتىم قارشى چىققان. بۇ قېتىم پارتلىغان ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئۇرۇشىدا يەنە مەغلۇپ بولغان. 1931-يىلى «18-سېنتەبىر» ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇشنى ئاكتىپ تەشەببۇس قىلغان. 1933-يىلى، ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، چاخار ئۆلكىسى (ھازىر ئايرىم-ئايرىم ھالدا سەنشى، خېبېي ۋە ئىچكى موڭغۇلغا تەۋە) دە چاخار، سۈييۈەن ئاممىسىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئىتتىپاقداش ئارمىيەسىنى قۇرۇپ، باش قوماندان بولۇپ، ياپونىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيەسىگە زەربە بەرگەن. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي، گومىنداڭ ئارمىيەسى بىلەن ياپون ئارمىيەسىنىڭ ئىسكەنجىگە ئېلىپ زەربە بېرىشى ئارقىسىدا مەغلۇپ بولغان. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئۇ ئارمىيەدىن ئايرىلىپ تەيشەن تېغىغا ماكانلىشىپ كىتاب ئوقۇش بىلەن مەشغۇل بولغان.

1936 -يىلى فېڭ يۈشياڭ مىللىي ھۆكۈمەت ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن، كېيىنكى يىلى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن، 6-جەڭ رايونىنىڭ قوماندانى بولغان. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان. ئارقىدىن، ئۇ ھەرقايسى جايلارغا بېرىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلىشنى مۇراجىئەت قىلغان. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئۇ داۋاملىق تۈردە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى بىلەن ھەمكارلىشىش مەيدانىدا تۇرۇپ، جياڭ جيېشىنىڭ ئىچكى ئۇرۇش سىياسىتىگە قارشى تۇرغان.

 1946-يىلى فېڭ يۈشياڭ سۇ ئىشلىرىنى تەكشۈرۈش نامى بىلەن ئامېرىكىغا بېرىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى ئۇرۇش قىلىشىغا ياردەم بەرگەنلىكىگە قارشى تۇرۇش توغرىسىدا تەشۋىقات پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان.

 1948-يىلى جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى قۇرۇلغاندا، ئۇ مەركىزىي كومىتېت دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 9-ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ پاراخوتىغا چۈشۈپ، يېڭى سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئامېرىكىدىن ۋەتەنگە قايتىپ كېلىشىدە، قارا دېڭىز تەۋەسىدە پاراخوتقا ئوت كېتىپ قازا قىلغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى تەيشەن تېغىغا فېڭ يۈشياڭ ئۈچۈن مەقبەرە ياساتقان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#