ئورمان قانۇنى

ئورمان قانۇنى

1984–يىلى 9–ئاينىڭ 20–كۈنى 6-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7–يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1998–يىلى 4-ئاينىڭ 29–كۈنى 9–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 2–يىغىنىنڭ « «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئورمان قانۇنى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار» غا ئاساسەن تۈزىتىلىدى

ئۇيغۇرچە نامى ئورمان قانۇنى
خەنزۇچە نامى 森林法

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئورمان قانۇنى(1984–يىلى 9–ئاينىڭ 20–كۈنى 6-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7–يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1998–يىلى 4-ئاينىڭ 29–كۈنى 9–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 2–يىغىنىنڭ « «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئورمان قانۇنى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار» غا ئاساسەن تۈزىتىلىدى) 

1–باب ئومۇمىي پرىنسىپ 

1–ماددا بۇ قانۇن ئورمان بايلىقىنى مۇھاپىزەت قىلىش، يېتىلدۈرۈش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش، دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىشنى تېزلىتىش، ئورماننىڭ سۇ–تۇپراقنى ساقلاش، كىلىماتنى تەڭشەش، مۇھىتنى ياخشىلاش ۋە ئورمان مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇش، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئېھتىياجىغا لايىقلىشىش مەقسىتىدە تۈزۈلدى. 

2–ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە ئورمان، دەل–دەرەخ يېتىلدۈرۈش، تىكىش، كېسىپ پايدىلىنىش ۋە ئورمان، دەل–دەرەخ، ئورمان يېرىنى باشقۇرۇش پائالىيەتلىرىدە مۇشۇ قانۇنغا ئەمەل قىلىش شەرت. 

3–ماددا ئورمان بايلىقى دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ، قانۇندا كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى ۋە كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى ئورمان، دەل–دەرەخ ۋە ئورمان يېرىنى، شەخسلەرس ئىكىلىدىكى دەل–دەرەخ ۋە پايدىلىنىۋاتقان ئورمان يېرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تىزىملاپ رويخەتكە ئېلىپ، گۇۋاھنامە تارقىتىپ، ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى ياكى پايدىلىنىش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ھوقۇق بېرىشى بىلەن، گوۋۇيۈەن بېكىتكەن دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى نۇقتىلىق ئورمان رايونىدىكى ئورمان، دەل–دەرەخ ۋە ئورمان يېرىنى تىزىملاپ رويخەتكە ئېلىپ، گۇۋاھنامە تارقاتسا ھەمدە مۇناسىۋەتلىك يەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە ئۇقتۇرسا بولىدۇ.

ئورمان، دەل–دەرەخ، ئورمان يېرىگە ئىگىدارلىق قىلغۇچىلار ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلانغۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق–مەنپەئىتى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ، ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ دەخلى–تەرۇز قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 

4–ماددا ئورمان مۇنداق بەش تۈرگە ئايرىلىدۇ: 

(1) ئىھاتە ئورمىنى: مۇداپىئە ئاساسىي مەقسەت قىلىنغان ئورمان، دەل–دەرەخ ۋە چاتقاللىق، جۈملىدىن سۇ مەنبەسىنى ساقلاش ئورمىنى، سۇ–تۇپراقنى ساقلاش ئورمىنى، بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش ئورمىنى، ئېتىز–ئېرىق، ئوتلاق ئىھاتە ئورمىنى، قىرغاق مۇھاپىزەت ئورمىنى، يول مۇھاپىزەت ئورمىنى؛

(2) ماتېرىيال ئورمىنى: ياغاچ ماتېرىيال ئىشلەپچىقىرىش ئاساسىي مەقسەت قىلىنغان ئورمان ۋە دەل–دەرەخ، جۈملىدىن بامبۇك ماتېرىيال ئىشلەپچىقىرىش ئاساسىي مەقسەت قىلىنغان بامبۇكزارلىق؛ 

(3) ئىقتىساديى ئورمان: مېۋە، ياغ، ئىچىملىك، دورا–دەرمەك، سانائەت خام ئەشىياسى ۋە دورا قاتالىقلارنى ئىشلەپچىقىرىش ئاساسىي مەقسەت قىلىنغان دەل-دەرەخ؛ 

(4) يېقلغۇ ئورمىنى: يېقىلغۇ ئىشلەپچىقىرىش ئاساسىي مەقسەت قىلىنغان دەل–دەرەخ؛ 

(5) ئالاھىدە ئورمان: دۆلەت مۇداپىئەسى، مۇھىت ئاسراش، ئىلمىي تەجرىبە قاتارلىقلار ئاساسىي مەقسەت قىلىنغان ئورمان ۋە دەل–دەرەخ، جۈملىدىن دۆلەت مۇداپىئە ئورمىنى، تەجرىبە ئورمىنى، ئانا ئورمان، مۇھىت ئاسراش ئورمىنى، مەنزىرە ئورمىنى، مەشھۇر ئاسارئەتىقە ۋە ئىنقىلانىي خاتىرە جايلىرىدىكى دەل-دەرەخ، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىكى ئورمان. 

5–ماددا ئورمانچىلىق قۇرۇلۇشىدا ئورمان ئۆشتۈرۈشنى ئاساس قىلىش، ئورماننى ئومۇميۈزلۈك مۇھاپىزەت قىلىش، زور كۈچ بىلەن ئورمان بىنا قىلىش، كېسىش بىلەن يېتىلدۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈش، داۋاملىق پايدىلىنىش فاڭجېنى يولغا قويۇلىدۇ. 

6-ماددا دۆلەت ئومانچىلىق ئىلمىي تەتقىقاتىغا ئىلھام بېرىدۇ، ئىلغار ئورمانچىلىق تېخنىكىسىنى كېڭەيتىدۇ، ئورمانچىلىق پەن–تېخنىكا سەۋىيسىىنى ئۆستۈرىدۇ. 

7–ماددا دۆلەت ئورمانچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق–مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ. ئورمانچىلارنىڭ سېلىقىنى قانۇن بويىچە يەڭگىللىتىدۇ، قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئورمانچىلاردىن ھەق ئېلىش ۋە ئۇلارغا جەرىمانە قويۇشنى مەنئى قىلىدۇ، ئورمانچىلارغا سېلىق چىچىش ۋە ئۇلاردىن مەجبۇرىي مەبلەغ توپلاشنى مەنئى قىلىدۇ. 

دۆلەت ئورمان بىنا قىلىشنى ھۆددىگە ئالغان كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ، ئورمان بىنا قىلىشنى ھۆددىگە ئالغان كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرنىڭ قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان دەل–دەرەخ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى ۋە باشقا قانۇنغا ھوقۇق–مەنپەئىتىگە ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ دەخلى–تەرۇز قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 

8–ماددا دۆلەت ئورمان بايلىقىنى قوغداشتا مۇنۇ تەدبىرلەرنى قوللىنىدۇ: 

(1) ئورماننى نورمىلىق كېسىش، كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشقا ۋە تاغنى دائىرىلەپ ئورمان يېتىلدۈرۈشكە ئىلھام بېرىش، ئورمان بىلەن قاپلىنىش كۆلىمىنى كېڭەيتىش؛ 

(2) دۆلەتنىڭ ۋە يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرنىڭ ئورمان بىنا قىلىشىغا، ئورمان يېتىلدۈرۈشىكە ئىقتىسادىي جەھەتتىن يار–يۆلەك بولۇش ياكى ئۇزۇن مۇددەتلىك قەرز پۇل بېرىش؛ 

(3) ياغاچ ماتېرىيالىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش ۋە ياغاچ ماتېرىيالىنى تېجەپ ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلش، ياغاچ ئورنىدا ئىشلىتىلىدىغان ماتېرىيال ئىشلەش ۋە ئىشلىتىشكە ئىلھام بېرىش؛ 

(4) ئورمان يېتىلدۈرۈش ھەققى ئېلىپ، ئورمان بىنا قىلىش ۋە ئورمان يېتىلدۈرۈشىكىلا ئىشلىتىش؛ 

(5) كۆمۈرچىلىك، قەغەزچىلىك تارماقلىرى كۆمۈر، ياغاچ قەغىزى قاتارلىق مەھسۇلاتلاردىن بەلگىلىك مەبلەغ ئاجرىتىۋېلىپ، كان تۈۋرۈكى، قەغەزچىلىك قاتارلىقلارغا لازىملىق ماتېرىيال ئورمىنى بىنا قىلىشقىلا ئىشلىتىش؛ 

(6) ئورمانچىلىق فوندى تۈزۈمى ئورنىتىش.

دۆلەت ئورماننىڭ ئېكولوگىيىلىك ئۈنۈمى تولۇقلىما فوندىنى تەسىس قىلىپ، ئېكولوگىيىلىك ئۈنۈم يارىتىدىغان ئىھاتە ئورمىنى ۋە ئالاھىدە ئورمانغا ياتىدىغان ئورمان بايلىقى، دەل–دەرەخ بىنا قىلىش، پەرۋىش قىلىش، مۇھاپىزەت قىلىش ۋە باشقۇرۇشقا ئىشلىتىدۇ. ئورماننىڭ ئېكولوگىيىلىك ئۈنۈمى تولۇقلىما فوندىنى ئۆز جايىغا ئىشلىتىش شەرت، باشقا ئىشقا ئىشلىتىۋېلىشقا بولمايدۇ. كونكرېت چارىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ. 

9–ماددا دۆلەت ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەتنىڭ مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، ئورماننى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ياغاچ ماتېرىيال تەقسىم قىلىش ۋە ئورمانچىلىق فوندىنى ئىشلىتىش جەھەتتە مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئورمانچىلىق قۇرۇلۇشىغا ئادەتتىكى رايونلارغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ خوجايىنلىق ھوقۇقى ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەت بېرىدۇ. 

10–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئورمانچىلىق خىزمىتىنى باشقۇرىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئورمانچىلىق مەسئۇل تارماقلىرى ئۆز رايوننىڭ ئورمانچىلىق خىزمىتىنى باشقۇرىدۇ. يېزا دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئورمانچىلىق خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدىغان مەخسۇس ياكى قوشۇمچە خادىم قويىدۇ. 

11–ماددا كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش، ئورمان مۇھاپىزەت قىلىش پۇقرالارنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتى. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئومۇمىي خەلقنى مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكىشكە تەشكىللەپ، كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش لازىم.

12–ماددا كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش، ئورمان مۇھاپىزەت قىلىش، ئورمان باشقۇرۇش ۋە ئورمانچىلىق ئىلمىي تەتقىقاتى قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرنەرلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ياكى شەخسلەرنى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇكاپاتلايدۇ. 

2–باب ئورماننى باشقۇرۇش 

13–ماددا ھەر دەرىجىلىك ئورمانچىلىق مەسئۇل تارماقلىرى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئورمان بايلىقىنى مۇھاپىزەت قىلىش، پايدىلىنىش ۋە يېڭلاش ئىشلىرىنى باشقۇرىدۇ ۋە نازارەت قىلىدۇ.

14-ماددا ھەر دەرىجلىك ئورمانچىلىق مەسئۇل تارماقلىرى ئورمان بايلىقىنى ئېنىقلاش ئىشىنى تەشكىللەش، ئورمان بايلىقى ئارخىپى تۈزۈمىنى ئورنىتىش، ئورمان بايلىقىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى ئىگلەشكە مەسئۇل بولىدۇ. 

15–ماددا تۆۋەندىكى ئورمان، دەل–دەرەخ، ئورمان يېرىدىن پايدىلىنىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولىدۇ، قانۇن بويىچە باھا قويۇپ پاي قىلىپ قوشۇشقا ياكى شېرىكلىشىپ، ھەمكارلىشىپ ئورمان بىنا قىلىشنىڭ، دەل–دەرەخ باشقۇرۇشنىڭ مەبلەغ چىقىرىش، ھەمكارلىشىش شەرتى قىلىشقىمۇ بولىدۇ، لېكىن ئورمان يېرىنى ئورمانسىز يەرگە ئايلاندۇرۇۋېتىشكە يول قويۇلمايدۇ:

(1) ماتېرىيال ئورمىنى، ئىقتىسادىي ئورمان، يېقلىغۇ ئورمىنى؛ 

(2) ماتېرىيال ئورمىنى، ئىقتىسادىي ئورمان يېقىلغۇ ئورمىنى يېرىدىن پايدىلىنىش ھوقۇقى؛ 

(3) ماتېرىيال ئورمىنى، ئىقتىسادىي ئورمان، يېقىلغۇ ئورمىنى كېسىلگەن يەر، كۆيۈپ كەتكەن يەردىن پايدىلىنىش ھوقۇقى؛ 

(4) گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن باشقا ئورمان، دەل–دەرەخ ۋە باشقا ئورمان يېرىدىن پايدىلىنىش ھوقۇقى 

ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۆتۈنۈپ بەرگەن، باھا قويۇپ پاي قىلىپ قوشقان ياكى شېرىكلىشىپ، ھەمكارلىشىپ ئورمان بىنا قىلىشنى، دەل–دەرەخ باشقۇرۇشنى مەبلەغ چىقىرىش، ھەمكارلىشىش شەرتى قىلغاندا، قولىدىكى دەل–دەرەخ كېسىش ئىجازەتنامىسىنىمۇ ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولىدۇ، ئۆتۈنۈپ بەرگەندە ئىككىلا تەرەپ مۇشۇ قانۇندىكى ئورمان، دەل–دەرەخ كېسىش ۋە ئورمان يېڭىلاش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىشى شەرت. 

مۇشۇ ماددىنىڭ 1–تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋالنى ھېسابقا ئالمىغاندا، باشقا ئورمان، دەل–دەرەخ ۋە باشقا ئورمان يېرىدىن پايدىلىنىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە يول قويۇلمايدۇ. 

كونكرېت چارىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ. 

16–ماددا ھەر دەرىجلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئورمانچىلىقنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلانىنى تۈزۈپ چىقىشى لازىم. دۆلەت ئىلىكىدىكى ئورمانچىلىق كارخانا، كەسپىي ئورۇنلىرى ۋە تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرى ئورمانچىلىقنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلانىغا ئاساسەن، ئورمان باشقۇرۇش لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارماققا تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويۇشى لازىم.

ئورمانچىلىق مەسئۇل تارماقلىرى يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار ۋە دۆلەت ئىلكىدىكى دېھقانچىلىق مەيدانى، چارۋىچىلىق مەيدانى، زاۋۇت، كانلارنىڭ ئورمان باشقۇرۇش لايىھىسىنى تۈزۈشكە يېتەكچىلىك قىلىشى لازىم. 

17–ماددا ئورۇنلار ئوتتۇرىسىدا دەل–دەرەخ، ئورمان يېرى ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە پايدىلىنىش ھوقۇقى جەھەتتە يۈز بەرگەن تالاش–تارتىشنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ. 

شەخسلەر ئورتتۇرىسىدا، شەخسلەر بىلەن ئورۇنلار ئوتتۇرىسىدا دەل–دەرەخ ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە ئورمان يېرىدىن پايدىلىنىش ھوقۇقى جەھەتتە يۈز بەرگەن تالاش–تارتىشنى شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجلىك ياكى يېزا دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ. 

دەۋالاشقۇچىلار خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تەرەپ قىلىش قارارىغا قايىل بولمىسا، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ بىر ئاي ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.

دەل–دەرەخ، ئورمان يېرى ھوقۇقى جەھەتتىكى تالاش–تارتىش ھەل قلىنغۇچە، ھەر قانداق تەرەپنىڭ تالاش–تارتىش بولۇۋاتقان دەل–دەرەخنى كېسىشىگە يول قويۇلمايدۇ. 

18–ماددا قېزىلما بايلىق چارلاش، ئېچىش ۋە ھەر خىل قۇرۇلۇشلاردا ئورمان يېرىنى ئىگىلمەسلىك ياكى ئاز ئىگىلەش لازىم؛ ئورمان يېرىنى ئىگلەش ياكى ئېلىپ ئىشلىتىش زۆرۈر بولغاندا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقنىڭ تەكشۈرۈپ قوشۇلۇشىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، يەر باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار بويىچە قۇرۇلۇشقا يەر ئىشلىتىشنى تەستىقلىتىش رەسمىيتىنى بېجىرىش ھەمدە يەر ئىشلەتكۈچى ئورۇن گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە يېپىنچا ئورماننى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققى تاپشۇرۇشى لازىم. يېپىنچا ئورماننى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققى ئۆز جايىغا ئىشلىتىلىدۇ، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارماقلىرى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش، يېپىنچا ئورماننى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرىدۇ، كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىنىدىغان كۆلەم ئورمان يېرىنى ئىگىلەش، ئېلىپ ئىشلىتىش تۈپەيلىدىن كېمەيگەن يېپىنچا ئورمان كۆلىمىدىن ئاز بولماسلىقى لازىم. يۇقىرى دەرىجىلىك ئورمانچىلىق مەسئۇل تارماقلىرى تۆۋەن دەرىجىلىك ئورمانچىلىق مەسئۇل تارماقلىرىنىڭ كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش، يېپىنچا ئورماننى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەشكىللەش ئەھۋالىغا قەرەللىك ھەيدەكچىلىك قىلىشى ۋە ئۇنى تەشكۈرۈشى لازىم. 

ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ يېپىنچا ئورماننى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىنى ئىشلىتىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى يېپىنچا ئورماننى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ھەققىنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشى لازىم. 

3–باب ئورمان مۇھاپىزەت قىلىش 

19-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئالاقىدار تارماقلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئورمان مۇھاپىزەت قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدىغان ئورمان مۇھاپىزەت تەشكىلاتىنى قۇرۇشى، ئەمەلىي ئېھتىياجغا قاراپ كۆلىمى چوڭ ئورمان رايونىدا ئورمان مۇھاپىزەت ئەسلىھەلىرىنى كۆپەيتىپ، ئورمان مۇھاپىزىتىنى كۈچەيتىشى؛ ئورمىنى بار ۋە ئورمان رايونىدىكى ئاساسىي قاتلام ئورۇنلارنىڭ ئورمان مۇھاپىزەت قىلىش ئەھدىنامىسى تۈزۈشىگە، ئاممىنى ئورمان مۇھاپىزەت قىلىش مەسئۇلىيەت رايونىنى ئايرىشىغا، مەخسۇس ياكى قوشۇمچە ئىشلەيدىغان ئورمان مۇھاپىزەتچىلىرىنى قوشۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى لازىم. 

ئورمان مۇھاپىزەتچىلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىك ياكى يېزا دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەيىنلسە بولىدۇ.

ئورمان مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي مەسئۇلىيىتى: 

ئورمان چارلاش، ئورمان بايلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان قىلمىشلارنى توسۇش. ئورمان مۇھاپىزەتچىلىرى ئورمان بايلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلارنى شۇ جايدىكى ئالاقىدار تارماقنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. 

20–ماددا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرىگە ئاساسەن ئورمان رايونىدا قۇرۇلغان ئورمان ج خ ئورگانلىرى ئۆزگانلىرى ئۆز تەۋەلىكىنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقى تەرتىپىنى ساقلاشقا، تەۋەلىكىدىكى ئورمان بايلىقىنى مۇھاپىزەت قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ ھەمدە مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى بەرگەن ھوقۇق دائىرىسىدە مۇشۇ قانۇننىڭ 39-، 42-، 43-، 44-ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي جازا ھوقۇقىنى ۋاكالىتەن يۈرگۈزسە بولىدۇ. 

قوراللىق ئورمان ساقچىسى قىسملىرى دۆلەت يۈكلىگەن ئورمان ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئوت ئۆچۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ. 

21–ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئورمان ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلىشى لازىم.

(1) ئورمان ئوت ئاپىتىدىنى ساقلىنىش مەرگىلىنى بەلگىلەش، ئورمان ئوت ئاپىتىدىن ساقىلىنىش مەزگىلىدە ئورمان رايونىدا دالىدا ئوت ئىشلىتىشنى مەنئى قىلىش؛ پەۋقۇلئاددە ئەھۋالدا ئوت ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ياكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ھوقۇق بەرگەن ئورگاننىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈش؛ 

(2) ئورمان رايونىدا ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ئەسلىھەلىرىنى ئورنىتىش؛ 

(3) ئورمان ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندە، شۇ جايدىكى ئارمىيە، خەلق ۋە ئالاقىدار تارماقلارنى ئوت ئۆچۈرۈشكە دەرھال ئۇيۇشتۇرۇش؛

(4) ئورمان ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇشتا يارىدار، مېيىپ، قۇربان بولغانلاردىن دۆلەت ئىشچى–خىزمەتچىلىرىنى ئۆز ئورنى داۋالىتىدۇ، نەپىقە بېرىدۇ؛ دۆلەت ئىشچى–خىزمەتچىسى ئەمەسلىرىنى ئوت ئاپىتى پەيدا بولغان ئورۇن گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلىرىنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن داۋالىتىدۇ، نەپىقە بېرىدۇ، ئوت ئاپىتى پەيدا بولغان ئورۇننىڭ ئوت كېتىشتە مەسئۇلىيىتى بولمىسا ياكى ھەقىقەتەن داۋالىتىش، نەپىقە بېرىش ئىقتىدارى بولمىسا، شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى داۋالىتىدۇ، نەپىقە بېرىدۇ. 

22-ماددا ھەر دەرىجلىك ئورمانچىلىق مەسئۇل تارماقلىرى ئورماندىكى كېسەل، ھاشارات ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش خىزمىتىنى تەشكىللەشكە مەسئۇل بولىدۇ.

ئورمانچىلىق مەسئۇل تارماقلىرى دەل–دەرەخ ئۇرۇقى ۋە كۆچىتىنىڭ كارانتىن ئوبيېكتىنى بەلگىلەش، يۇقۇم رايونى ۋە مۇھاپىزەت رايونىنى ئايرىش، دەل–دەرەخ ئۇرۇقى ۋە كۆچىتىنى كارانتىن قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ. 

23–ماددا ئورماننى بۇزۇپ يەر ئۆزلەشتۈرۈش، ئورماننى بۇزۇپ تاش، قۇم-شېغىل، توپا ئېلىش ۋە ئورماننى بۇزىدىغان باشقا قىلمىشلار مەنئى قىلىنىدۇ. 

ياش ئورمانلىق ۋە ئالاھىدە ئورمان ئوتۇن كېسىش، مال بېقىش مەنئى قىلىنىدۇ. 

ئورمانلىق ۋە ئورمانلىق ياقىسىدىكى جايلارغا كىرگەنلەرنىڭ ئورمانچىلىق بەلگىلىرىنى ئۆز مەيلىچە يۆتىكۋېتىشىگە ياكى بۇزۇۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

24-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوخشاش بولمىغان تەبىئىي بەلۋاغلاردىكى تىپىك ئورمان ئېكولوگىيىلىك رايونى، ئەتىۋارلىق ھايۋانلار ۋە ئۆسۈملۈكلەر ئۆسۈپ كۆپىيىدىغان ئورمان رايونى، تەبىئىي ئىسسىق بەلۋاغ ھۆل–يېغىن ئورمىنى رايونى ۋە ئالاھىدە مۇھاپىزەت قىممىتىگە ئىگە باشقا تەبىئىي ئورمان رايونلىرىدا تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنى ئايرىپ، مۇھاپىزەت قىلىش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش لازىم.

تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرىنى باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى تۈزۈپ چىقىپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىپ يولغا قويىدۇ. 

تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ سىرتىدىكى ئەتىۋارلىق دەل–دەرەخ ۋە ئورمان رايونىدىكى ئالاھىدە قىممەتكە ئىگە ئۆسۈملۈك بايلىقىنى ئەستايىدىل مۇھاپىزەت قىلىش لازىم؛ ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلاتماي تۇرۇپ، كېسىشكە ۋە ئېلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

25–ماددا ئورمان رايونىدا دۆلەت تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلاش، تۇتۇش مەنئى قىلىنىدۇ؛ ئالاھىدە ئېھتىياج بىلەن ئوۋلاش، تۇتۇشقا توغرا كەلسە، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن–نىزاملىرى بويىچە بېجىرىلىدۇ. 

4–باب كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش 

26–ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش پىلانىنى تۈزۈشى، ئۆز رايونىنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش كۆرەش نىشانىنى ئۆز جايىنىڭ شارائىتىغا قاراپ بېكىتىشى لازىم. 

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھەر قايسى ساھەلەرنى ۋە شەھەر–يېزا ئاھالىسىنى كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش پىلانىدا بېكىتىلگەن ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشقا تەشكىللىشى لازىم. 

ئورمان بىنا قىلىشقا باب قاقاس تاغ، قاقاس يەرلەردىن دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكىلىرىگە ئورمان بىنا قىلىشنى ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى ۋە باشقا مەسئۇل تارماقلار تەشكىللەيدۇ؛ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكىلىرىگە ئورمان بىنا قىلىشنى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار تەشكللەيدۇ. 

تۆمۈر يول، تاشيول ياقىسى، دەريا بويى، كۆل، سۇ ئامبىرى چۆرىسىگە ئورمان بىنا قىلىشنى ئالاقىدار مەسئۇل ئورۇنلار شۇ جاينىڭ شارائىتىغا قاراپ تەشكىللەيدۇ؛ زاۋۇت، كان رايونىغا، ئورگان، مەكتەپلەر پايدىلىنىۋاتقان يەرگە، ھەربىي قىسىملارنىڭ گازارما رايونىغا، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق مەيدانلىرى باشقۇرۇۋاتقان يەرگە ئورمان بىنا قىلىشقا شۇ ئورۇنلار مەسئۇل بولىدۇ. 

دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى ۋە كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى ئورمان بىنا قىلىشقا باب قاقاس تاغ، قاقاس يەرنى كوللېكتىپ ياكى شەخسلەر ھۆددىگە ئېلىپ ئورمان بىنا قىلسا بولىدۇ. 

27–ماددا دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، ئورگان، ئاممىۋى تەشكىلات، ھەربىي قىسىملار ئۆستۈرگەن دەل–دەرەخنى ئۆستۈرگۈچى ئورۇن ئۆزى باشقۇرىدۇ ھەمدە دەل–دەرەختىن كېلىدىغان كىرىمگە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئۆزى ئىگە بولىدۇ.

كوللېكتىپ مۈلۈكچىلىكىدىكى ئورۇنلار ئۆستۈرگەن دەل–دەرەخ شۇ ئورۇننىڭ ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ. 

يېزا ئاھالىسى ئۆيى ئەتراپىغا، قالدۇرۇق يېرىگە، قالدۇرۇق تېغىغا تىكىپ ئۆستۈرگەن دەل–دەرەخ شەخسىي ئىگىدارلىقتا بولىدۇ. شەھەر–بازاردىكى ئاھالە ۋە ئىشچى–خىزمەتچىلەر ھويلىسىغا تىكىپ ئۆستۈرگەن دەل–دەرەخ شەخسىي ئىگىدارلىقتا بولىدۇ.

كوللېكتىپ ياكى شەخسلەر دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى ۋە كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى ئورمان بىنا قىلىشقا باب قاقاس تاغ، قاقاس يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ ئورمان بىنا قىلغان بولسا، ھۆددىگە ئالغاندىن كېيىن تىكىپ ئۆستۈرۈلگەن دەك–دەرەخ ھۆددىگە ئالغان كوللېكتىپ ياكى شەخسنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ؛ ھۆددە توختامىدا باشقىچە بەلگىلەنگەنلىرى ھۆددە توختامىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ.

28–ماددا يېڭىدىن ياش ئورمانلىق بىنا قىلىنىدىغان جايدا ۋە تاغنى دائىرىلەپ ئورمان يېتىلدۈرۈش زۆرۈر بولغان باشقا جايدا تاغنى دائىرىلەپ ئورمان يېتىلدۈرۈشنى شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى تەشكىللەيدۇ. 

5–باب ئورمان كېسىش

29–ماددا دۆلەت ماتېرىيال ئورمىنىنىڭ سەرپىيات مىقدارى ئۆسۈش مىقدارىدىن تۆۋەن بولۇش پرىنسىپىغا ئاساسەن، يىللىق ئورمان كېسىش مىقدارىنى قاتتىق تىزگىنلەيدۇ. دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى ئورمان ۋە دەل-دەرەخنى يىللىق كېسىش نورمىسى دۆلەت ئىلكىدىكى ئورمانچىلىق كارخانىسى، كەسپىي ئورۇنلىرى، دېھقانچىلىق مەيدانلىرى، زاۋۇت، كانلار بىرلىك قىلىنىپ بېكىتىلىدۇ، كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى ئورمان ۋە دەل–دەرەخ، شەخسلەر ئىگىدارلىقىدىكى دەل-دەرەخنى يىللىق كېسىش نورمىسى ناھىيە بىرلىك قىلىنىپ بېكىتىلىدۇ، ئۇنى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ئورمانچىلىق مەسئۇل تارماقلىرى جەملەپ، تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشىغا يوللايدۇ.

30–ماددا دۆلەت يىللىق ياغاچ ماتېرىيال ئىشلەپچىقىرىش پىلانىنى بىر تۇتاش تۈزىدۇ. يىللىق ياغاچ ماتېرىيال ئىشلەپچىقىرىش پىلانىنى تەستىقلانغان يىللىق كېسىش نورمىسىدىن ئاشۇرۇېتىشكە يول قويۇلمايدۇ. پىلانلىق باشقۇرۇش دائىرىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ. 

31–ماددا ئورمان ۋە دەل–دەرەخ كېسىشتە تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىش شەرت:

(1) يېتىلگەن ماتېرىيال ئورمىنىنى ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ كېسىش، تۇتاش كېسىش ۋە تەدرىجىي كېسىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش، تۇتاش كېسىشنى قاتتىق تىزگىنلەش ھەمدە ئورمان كېسلىگەن يىلى ياكى ئىككىنچى يىلى ئورماننى يېڭلاپ بولۇش لازىم؛ 

(2) ئىھاتە ئورمىنى ۋە ئالاھىدە ئورمان ئىچىدىكى دۆلەت مۇداپىئە ئورمىنى، ئانا ئورمان، مۇھىت ئاسراش ئورمىنى، مەنزىرە ئورمىنىنى پەرۋىش قىلىش ۋە يېڭلاش يۈزىسىدىن كېسىشكىلا رۇخسەت قىلىنىدۇ؛ 

(3) ئالاھىدە ئورمان ئىچىدىكى مەشھۇر ئاسارئەتىقە ۋە ئىنقىلابىي خاتىرە جايلىرىدىكى دەل–دەرەخنى، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىكى ئورماننى كېسىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. 

32–ماددا دەل-دەرەخ كېسىشتە كېسىش ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىپ، ئىجازەتنامىدىكى بەلگىلىمە بويىچە كېسىش شەرت؛ يېزا ئاھالىسىنىڭ قالدۇرۇق يېرى ۋە ئۆيى ئەتراپىدىكى شەخسىي ئىگىدارلىقتىكى پارچە–پۇرات دەل–دەرىخىنى كېسىشى بۇنىڭ سىرتىدا. 

دۆلەت ئىلكىدىكى ئورمانچىلىق كارخانىسى، كەسپىي ئورۇنلىرى، ئورگان، ئاممىۋى تەشكىلات، ھەربىي قىسىم، مەكتەپ ۋە دۆلەت ئىلكىدىكى باشقا كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار دەل–دەرەخ كەسمەكچى بولسا، شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجلىكتىن يۇقىرى ئورمانچىلىق مەسئۇل تارماقلىرى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە تەكشۈرۈپ، كېسىش ئىجازەتنامىسى بېرىدۇ. 

تۆمۈر يول، تاشيول مۇھاپىزەت ئورمىنى ۋە شەھەر-بازاردىكى دەل–دەرەخنى يېڭىلاش يۈزىسىدىن كېسىشتە، ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلار ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە تەكشۈرۈپ، كېسىش ئىجازەتنامىسى بېرىدۇ.

يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار دەل–دەرەخ كەسمەكچى بولسا، ناھىيە دەرىجىلىك ئورمانچىلىق مەسئۇل تارماقلىرى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە تەكشۈرۈپ، كېسىش ئىجازەتنامىسى بېرىدۇ. 

يېزا ئاھالىسى قالدۇرۇق يېرىدىكى دەل–دەرىخىنى ۋە كوللېكتىپنىڭ شەخسىي ھۆددىگە ئالغان دەل–دەرىخىنى كەسمەكچى بولسا، ناھىيە دەرىجىلىك ئورمانچىلىق مەسئۇل تارماقلىرى ياكى ئۇلار ھاۋالە قىلغان يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە تەكشۈرۈپ، كېسىش ئىجازەتنامىسى بېرىدۇ. 

بامبۇك ماتېرىيال ئىشلەپچىقىرىش ئاساسىي مەقسەت قىلىنغان بامبۇكزارلىقتىن بامبۇك كېسىشتىمۇ يۇقىرىقى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ. 

33–ماددا كېسىش ئىجازەتنامىسى بەرگۈچى تارماقنىڭ تەستىقلانغان يىللىق كېسىش نورمىسىدىن ئاشۇرۇپ كېسىش ئىجازەتنامىسى بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ. 

34–ماددا دۆلەت ئىلكىدىكى ئورمانچىلىق كارخانسى، كەسپىي ئورۇنلىرى كېسىش ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلغاندا، كېسىش رايونىنى تەكشۈرۈپ لايىھىلەش ھۆججىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى شەرت. باشقا ئورۇنلار كېسىش ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلغاندا، كېسىش مەقسىتى، كېسىش ئورنى، ئورمان تۈرى، ئورمان ئەھۋالى، كۆلىمى، زاپىسى، كېسىش ئۇسۇلى ۋە يېڭىلاش تەدبىرى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆججىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى شەرت. 

كېسىش ئىجازەتنامىسى بەرگۈچى تارماق كېسىش رايونىدىكى مەشغۇلاتى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولمىغان ئورۇنلارنىڭ كېسىش ئىجازەتنامىسىنى تارتىۋېلىشقا، تۈزەتكەنگە قەدەر كېسىشنى توختىتىپ قويۇشقا ھوقۇقلۇق. 

35–ماددا دەل–دەرەخ كەسكەن ئورۇن ياكى شەخسلەر ئورمان يېڭلاش ۋەزىپىسىنى كېسىش ئىجازەتنامىسىدە بەلگىلەنگەن كۆلەم، دەرەخ سانى، دەرەخ تۈرى، مۆھلەت بويىچە ئورۇنلىشى شەرت، يېڭلاپ ئورمان بىنا قىلىنغان كۆلەم ۋە دەرەخ سانى دەرەخ كېسىلگەن كۆلەم ۋە دەرەخ سانىدىن ئاز بولۇپ قالسا بولمايدۇ. 

36-ماددا ئورمان رايونىدىكى ياغاچ ماتېرىياللارنى تىجارەت قىلىش ۋە نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن ئايرىم بەلگىلەيدۇ. 

37–ماددا ئورمان رايونىدىن ياغاچ ماتېرىيال توشۇشتا، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى بەرگەن توشۇش گۇۋاھنامىسى بولۇشى شەرت، دۆلەت بىر تۇتاش يۆتكەيدىغان ياغاچ ماتېرىيال بۇنىڭ سىرتىدا.

كېسىش ئىجازەتنامىسىنى قانۇن بويىچە ئالغاندىن كېيىن، ئىجازەتنامىدىكى بەلگىلىمە بويىچە كېسىلگەن ياغاچ ماتېرىيالنى ئورمان رايونىدىن توشۇشتا، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى توشۇش گۇۋاھنامىسى بېرىشى لازىم. 

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇن، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەستىقى بىلەن ئورمان رايونىدا ياغاچ ماتېرىيال تەكشۈرۈش پونكىتى قۇرۇپ، ياغاچ ماتېرىيال توشۇشنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل قىلىنسا بولىدۇ. توشۇش گۇۋاھنامىسى ياكى ماددىي ئەشياغا مەسئۇل تارماقتىن ياغاچ يۆتكەش ئۇقتۇرۇشى ئالماي تۇرۇپ ياغاچ ماتېرىيال توشۇغانلارنى ياغاچ ماتېرىيال تەكشۈرۈش پونكىتى توسۇشقا ھوقۇقلۇق. 

38–ماددا دۆلەت ئەتىۋارلىق دەرەخ ۋە ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرى، تۇغۇندىلىرىنى ئېكسپورت قىلىشنى مەنئى قىلىدۇ، ئۇنىڭغا چەك قويىدۇ. ئېكسپورت قىلىش مەنئى قىلىنغان، چەك قويۇلغان ئەتىۋارلىق دەرەخ ۋە ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرى، تۇغۇندىلىرىنىڭ تىزىملىكى ۋە چەك قويۇلغان يىللىق ئېكسپورت ئومۇمىي مىقدارىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە بېكىتىپ، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشىغا يوللايدۇ.

ئېكسپورت قىلىشقا چەك قويۇلىدىغانلىقى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئەتىۋارلىق دەرەخ ياكى ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرى، تۇغۇندىلىرىنى ئېكسپورت قىلىشتا، ئېكسپورت قىلغۇچ تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقىغا تەكشۈرتۈپ، گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقىغا تەستقلىتىش شەرت، تاموژنا گوۋيۈەننىڭ ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىق ھۆججىتىگە قاراپ ئۆتكۈزىدۇ. ئىمپورت–ئېكسپورت قىلىنىدىغان دەرەخ ياكى ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرى، تۇغۇندىلىرى جۇڭگو قاتناشقان خەلقئارا ئەھدىنامىلەردە ئىمپورت–ئېكسپورت قىلىشقا چەك قويۇلغان يوقىلىش گىردابىدىكى تۈرلەر بولسا، دۆلەتنىڭ يوقىلىش گىردابىدىكى تۈرلەر ئىمپورت–ئېكسپورتنى باشقۇرۇش ئاپپاراتىدىن ئىمپورت–ئېكسپورت روخسەت ئىسپاتىنىمۇ ئېلىش شەرت، تامۇژنا ئىمپورت–ئېكسپورت ئسپاتىغىمۇ قاراپ ئۆتكۈزىدۇ.

6–باب قانۇن جاۋابكارلىقى 

39–ماددا ئورمان ياكى باشقا دەل–دەرەخنى ئوغرىلىقچە كەسكەنلەر زىياننى قانۇن بويىچە تۆلەيدۇ؛ ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى ئوغرىلىقچە كېسىلگەن دەرەخ سانىنىڭ 10 ھەسسىسىگە باراۋەر دەرەخ تىكتۈرىدۇ، ئوغرىلىقچە كېسىلگەن دەل–دەرەخ ياكى ئۇنىڭدىن قىلىنغان تاپاۋەتنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە ئوغرىلىقچە كېسىلگەن دەل–دەرەخ قىممىتىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 10 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. 

ئورمان ياكى باشقا دەل–دەرەخنى قالايمىغان كەسكەنلەرنى ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى قالايمىقان كېسىلگەن دەرەخ سانىنىڭ بەش ھەسسىسىگە باراۋەر دەرەخ تىكىشكە بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە قالايمىقان كېسىلگەن دەل–دەرەخ قىممىتىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. 

دەرەخ تولۇقلاپ تىكىشنى رەت قىلغانلار ياكى تولۇقلاپ تىككىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن بولمىغانلارنىڭكىنى ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى ۋاكالىتەن تولۇقلاپ تىكىدۇ، كېتەرلىك خىراجەتنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچى تۆلەيدۇ. ئورمان ياكى باشقا دەل–دەرەخنى ئوغرىلىقچە كەسكەن، قالايمىقان كەسكەنلەردىن جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 

40–ماددا نۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئەتىۋارلىق دەل–دەرەخنى قانۇنسىز كەسكەن، ۋەيران قىلغانلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 

41–ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دەل–دەرەخ كېسىش ئىجازەتنامىسىنى تەستىقلانغان يىللىق كېسىش نورمىسىدىن ئاشۇرۇپ بەرگەن ياكى دەل–دەرەخ كېسىش ئىجازەتنامىسى، ياغاچ ماتېرىيال توشۇش گۇۋاھنامىسى، ئېكسپورت تەسىتىق ھۆججىتى، ئىمپورت–ئېكسپورت رۇخسەت ئىسپاتىنى خىزمەت ھوقۇقىدىن ھالقىپ بەرگەنلەرنى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ ئالاقىدار خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى تۈزەتكۈزەلمىسە، گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى بىۋاسىتە بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 

42–ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دەل–دەرەخ كېسىش ئىجازەتنامىسى، ياغاچ ماتېرىيال توشۇش گۇۋاھنامىسى، ئېكسپورت تەستىق ھۆججىتى، ئىمپورت–ئېكسپورت رۇخسەت ئىسپاتىنى ئېلىپ–ساتقانلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئېلىپ-ساتقان گۇۋاھنامىسى، ھۆججىتى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئېلىپ–ساتقان گۇۋاھنامە، ھۆججەت باھاسىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

دەل-دەرەخ كېسىش ئىجازەتنامىسى، ياغاچ ماتېرىيال توشۇش گۇۋاھنامىسى، ئېكسپورت تەستىق ھۆججىتى، ئىمپورت–ئېكسپورت رۇخسەت ئىسپاتىنى ياسىۋالغانلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 

43–ماددا ئورمان رايونىدا ئوغرىلىقچە كېسىلگەن، قالايمىقان كېسىلگەن دەل–دەرەخ ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ قانۇنسىز سېتىۋالغانلارنى ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلىمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ سېتىۋالغان شۇ دەل–دەرەخ ياكى ئۇنىڭدىن قىلىنغان تاپاۋەتنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ سېتىۋالغان دەل–دەرەخ باھاسىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 

44-ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، يەر ئۆزلەشتۈرۈش، تاش، قۇم–شېغىل، توپا ئېلىش، ئۇرۇق يىغىش، دېۋىرقاي ئېلىش ۋە باشقا ھەرىكەتلەر بىلەن ئورمان، دەل–دەرەخنى ۋەيران قىلىۋەتكەنلەر زىياننى قانۇن بويىچە تۆلەيدۇ؛ ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى توختىتىشقا، ۋەيران قىلىۋەتكەن دەرەخ سانىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن دەرەخ تولۇقلاپ تىكىشكە بۇيرۇيدۇ، ۋەيران قىلىۋەتكەن دەل–دەرەخ قىممىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ. 

بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ياش ئورمانلىق ۋە ئالاھىدە ئورماندا ئوتۇن كېسىپ، چارۋا بېقىپ ئورمان، دەل–دەرەخنى ۋەيران قىلىۋەتكەنلەر زىياننى قانۇن بويىچە تۆلەيدۇ؛ ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى توختىتىشقا، ۋەيران قىلىۋەتكەن دەرەخ سانىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن دەرەخ تولۇقلاپ تىكىشكە بۇيرۇيدۇ. 

دەرەخ تولۇقلاپ تىكىشنى رەت قىلغانلار ياكى تولۇقلاپ تىككىنى دۆلەتنىڭ بەلگىمىسىگە ئۇيغۇن بولمىغانلارنىڭكىنى ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى ۋاكالىتەن تولۇقلاپ تىكىدۇ، كېتەرلىك خىراجەتنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچى تۆلەيدۇ.

45–ماددا كېسىش ئىجازەتنامىسى بەرگەن تارماق دەل–دەرەخ كەسكەن ئورۇن ياكى شەخسلەردىن ئورمان يېڭلاش ۋەزىپىسىنى بەلگىلىمە بويىچە ئورۇنلىمىغانلىرىغا ئورمان يېڭىلاش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىغانغا قەدەر كېسىش ئىجازەتنامىسىنى قايتا بەرمەسلىككە ھوقۇقلۇق؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى جەرىمانە قويسا بولىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئۆز ئورنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ. 

46–ماددا ئورمان بايلىقىنى مۇھاپىزەت قىلىش، ئورمانچىلىق نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورمانچىلىق مەسئۇل تارماقلىرىنىڭ خادىملىرى ۋە دۆلەتنىڭ باشقا ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرىدىن خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە–كەلمەس پايدىلىنىپ، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ. 

7–باب قوشۇمچە پرىنسىپ 

47-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن يولغا قويۇش چارىسىنى تۈزۈپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويىدۇ. 

78–ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەردىن مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارغا تولۇق باب كەلمەيدىغانلىرى ھەققىدە ئاپتومىيە ئورگىنى مۇشۇ قانۇندىكى پرىنسىپلارغا ئاساسەن، مىللىي ئاپتونومىيىلىك جاينىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، جانلىق ياكى تولۇقلىما بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈپ چىقىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق ياكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تەستىقلىتىپ يولغا قويسا بولىدۇ. 

79-ماددا بۇ قانۇن 1985-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#